2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر (2)
2017.11.27

«يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە سولانغان ۋە كېسىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار
2017-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئەڭ كۈچەيگەن بىر يىل بولدى. خەلقئارا تاراتقۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر «ساقچى دۆلىتى» گە ياكى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەر ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە زەربە بېرىش دولقۇنىدا تۈركۈم-تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئايلارچە سولىنىشى ياكى غەيرىي-رەسمىي ئۇسۇلدا سوتلىنىپ قاماققا كېسىۋېتىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى مۇھىم سۆز تېمىسىغا ئايلانماقتا.
1. ئون مىڭ كىشىلىك قەسەمياد يىغىنى ۋە 5000 كىشىلىك ھەربىي مانېۋىر
2017-يىل 27-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا 10 مىڭ كىشىلىك قەسەمياد يىغىنى ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈپ، «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش دولقۇنى» جاكارلاندى. «خەلق گېزىتى»، «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەسەمياد يىغىنىدا سېكرېتار چېن چۈەنگو «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قاتتىق زەربە» بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشقان ساقچى، ئالاھىدە ساقچى ۋە ھەربىي قىسىملاردىن نەچچە مىڭ كىشى برونېۋىك، تانكا قاتارلىق ئېغىر قوراللار بىلەن ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا يۈرۈش قىلىپ، خەلققە ھەيۋە كۆرسەتكەن.
28-فېۋرال كۈنى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىمۇ نەچچە مىڭ ئاھالە قاتناشتۇرۇلغان قەسەمياد يىغىنلىرى ئېچىلغان. 27-فېۋرال ئۈرۈمچىدىكى قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشقان نەچچە مىڭ كىشىلىك قوراللىق ئەسكەر يەنە ئايروپىلان ئارقىلىق قەشقەر شەھىرىگە يۆتكەلگەن. 28-فېۋرال كۈنى قەشقەر خەلقى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىنىپ، كوچىلارغا چىقىپ خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئارمىيىسىنى قارشى ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2017-يىلى 3-مارت كۈنى 5000 كىشىلىك ئازادلىق ئارمىيە قىسىملىرى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ تاشيولىنى قوغداش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3-مارت كۈنى 5000 كىشىلىك قوراللىق قىسىم قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ تاشيولىنى قوغداشقا سېلىنغان. خەۋەردە قەشقەر قاتارلىق 4 رايوندىكى 300 دەك ئۆت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ قوراللاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەسەمياد يىغىنلىرى ۋە ھەربىي مانېۋىرلار ۋە ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى خوتەن قاراقاشتا 28-دېكابىر ناھىيىلىك پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 9-فېۋرال يېڭىسار دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن پالتىلىق ھۇجۇمى، 14-فېۋرال گۇمادىكى پىچاقلىق ھۇجۇمى، 27-فېۋرال قاغىلىقنىڭ لوق يېزىسىدىكى كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلار بىلەن خۇپتەن نامىزىدىن قايتقان جامائەتنىڭ قانلىق توقۇنۇشى قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن ۋە ئاممىۋى كۈرەش ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىنىشىغا باھانە قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2. «تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش» ئېلانى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىش» ھەرىكىتى
14-فېۋرال گۇما پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ۋە باشقا جايلاردا تېررورلۇققا قارشى قەسەمياد مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزگەن شۇنىڭدەك خوتەندە كۆپ قېتىم يىغىن مۇقىملىقنى قوغداش يىغىنلىرى چاقىرىلدى.
23-فېۋرال كۈنى خوتەندە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» تە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى ئېلان قىلىندى. خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 23-فېۋرال كۈنى كېرىيە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان«مۇكاپاتلاش چارىسى» دا «ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار، ئىككى يۈزلىمىچى دىنىي زاتلار ياكى ياۋا ئاخۇنلارنىڭ گۇمانلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلغۇچىلارغا 200 مىڭدىن 500 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گۇمىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە ئاممىنى «تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى» بىلەن تەمىنلەشكە سەپەرۋەر قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان. ئارقىدىنلا كېرىيە، چىرا، لوپ قاتارلىق خوتەندىكى كۆپ قىسىم ناھىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، «تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى» تەقدىم قىلغانلارغا مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى 100 مىليون سوم مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، «تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش فوندى» تەسىس قىلغان.
6-مارت كۈنى خوتەن ۋىلايىتىدە يەنە «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى پاش قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
«خەلق گېزىتى» ۋە «خوتەن گېزىتى» نىڭ 9-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا 6-مارت كۈنى خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدە كادىرلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد ۋە سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى مەيدانىنىڭ ئېنىق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 2017-يىلى 7-مارت كۈنى خوتەندە تەقدىرلەش ۋە جازالاش يىغىنى ئېچىپ، گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىنى بىر تەرەپ قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن 4 نەپەر ساقچى خادىمىغا 200 مىڭ سوم بىلەن 400 مىڭ سوم ئارىسىدا مۇكاپات بەرگەن. ئوخشاش بىر كۈندىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە ھۇجۇمچىلار تەۋە بولغان كەنتكە مەسئۇل ئىككى ئۇيغۇر كادىر -نۇرىمانگۈل ياسىن بىلەن ئابلىكىم تۇرەككە خىزمەتتىن توختىتىش جازاسى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىندى.
گۇمىدىكى بىر ئاكتىپ پارتىيە ئەزاسىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ نۇرىمانگۈل ياسىن بىلەن ئابلىكىم تۇرەكنىڭ ۋەقەسىنىڭ جەريانى ياكى كېلىپ-چىقىشى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق بىرمۇنچە كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوراق قىلىنغان.
2017-يىل 3-ئاي مەزگىلىدە خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە بىر تۈركۈم كادىرلارنىڭ «پارتىيە بىلەن مەيدانى بىردەك بولماسلىق»، «ۋەزىپىگە سەل قاراش»، «پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىدى.
3. مارت ئېيىدا بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ئاتۇشتا 200 دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇس قايتىدىن سولىۋېلىنغان
رادىيومىزنىڭ 27-مارت كۈنى ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى 3-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ئاتۇشتا 200 دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇس قايتىدىن سولىۋېلىنغان.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن سولىۋېلىنغان سابىق مەھبۇسلارنىڭ ئاتۇشنىڭ ئازاق، ئارغۇ يېزىلىرىدىكى 3 كەنتتىن نىسبەتەن كۆپ ئىكەن. ئاتۇشتا سولىۋېلىنغان 200 دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇسنىڭ كۆپ قىسمى «ئىككى يىغىن» دىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسمىنىڭ داۋاملىق تۈردە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
4. 2017-يىلىدىكى كۈرەش يىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلار 15 يىل ئاۋۋالقى قىلمىشلىرىدىن ھېساب بېرىشكە مەجبۇرلانغان
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن 2017-يىلى 3-ئايدا قايتىدىن كۈچەيتىلگەن كۈرەش يىغىنلىرىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش «جىنايەت» ئىرىدىن ھېساب ئېلىنغان. ھەرقايسى جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان «مەسىلە تاپشۇرۇش» يىغىنلىرىدا ئاھالىلەر بۇنىڭدىن 15 ۋە 20 يىل ئاۋۋالقى قىلمىشى سەۋەبىدىن ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يوللانغان.
مۇخبىرىمىزنىڭ 21-مارت يېڭىساردىن ئىگىلىگەن تېلېفون زىيارىتىدە مەلۇم كەنت سېكرېتارى ئۆز يېزىسىدىكى كۈرەش يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3-ئاينىڭ بېشىدا يېڭىساردىكى ئاھالىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى قىلمىشى ئۈستىدىنلا ئەمەس، بەلكى 15 يىلنىڭ ئالدىدا قويغان ساقىلى، ئوقۇغان دىنىي كىتابلىرى ۋە قاتناشقان تەبلىغلىرى ھەققىدىمۇ ھېساب بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالىما يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارىمۇ رادىيومىزغا ئوخشاش ئەھۋالنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ بىلدۈرگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇمىدىكى ئاھالىلەر يېقىنقى 10 يىللىق قىلمىشى ھەققىدە مەسىلە تاپشۇرغاندا ئاساسلىقى دىنىي ماتېرىياللارنى قول تېلېفوندىن ئاڭلىغىنى، 10 يىل ئاۋۋالقى قىلمىشىدىن ھېساب بەرگەندە، ئاساسلىقى قېتىلغان دىنىي تەبلىغلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردىمۇ بۇ خىل مەلۇماتلار بار بولۇپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ تاشلەپكە تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق 65 ياشلىق رازىيە خانىم، بۇلتۇر 7 نەۋرىسىنى يەر ئاستى دىنىي مەكتەپكە بەرگەندىن باشقا، 20 يىل ئىلگىرى ئەدىبە ۋە ئەزىزە ئىسىملىك ئىككى قىزىنى دىنىي مەكتەپكە بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىل 3-مارت كۈنى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۇيغۇر رايونىدا ئاھالىلەرنىڭ 15 يىل بۇرۇنقى قىلمىشىدىن ھېساب بېرىشى، بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە خىتاينىڭ مۇقىملىق جەھەتتىكى ئەندىشىسىنىڭ يۈكسىلىشىدىندۇر؛ يەنى خىتاي دائىرىلىرى تەلتۆكۈس خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن، پىلانلىق ھالدا زەربە بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن؛ يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يەرلىك ئەمەلدارلار ئادەم تۇتۇش ۋە سولاشتا ۋەزىپە ئورۇنلاشتا قىينالغانلىقى ياكى خىزمەت كۆرسىتىشكە ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن مەسىلە ئىزدەش دائىرىسىنى 15 يىل ئاۋۋالغا قەدەر ئىلگىرىلەتكەن.
5. دىنىي زاتلار يىغىۋېلىنىپ، سىياسىي تەربيە كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇلدى
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىدىن باشلاپ دائىرىلەر دىنىي ساھەدىكىلەرنى كونترول قىلىشتىكى تىغ ئۇچىنى ئامما ئارىسىدا مەلۇم دىنىي مەلۇماتى ۋە ئابرۇي-ئىناۋىتى بولغان، ئەمما ھۆكۈمەتتىن مائاش ئېلىۋاتقان «دىنىي زاتلار» تىزىمىدا ئىسمى بولمىغان كىشىلەرگە قاراتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، 13-مارت كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك دائىرىلەر ئامما ئارىسىدىكى ئابرۇيلۇق دىنىي زاتلاردىن 316 نەپەرنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرى ھالدا «سىياسىي تەربىيە كۇرسى» غا قاتناشتۇرغان. ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇش شەھەرلىك دائىرىلەر ئاتۇشتىكى مەلۇم دىنىي مەلۇماتى بولغان ۋە ئامما ئارىسىدا مۇئەييەن چاقىرىق كۈچىگە ئىگە 316 نەپەر شەخسنى توپلاپ، 3 ئايدىن 6 ئايغىچە سىياسىي تەربىيە كۇرسى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىملىكىدە بولمىغان دىنىي زاتلارنى سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە قاتناشتۇرۇش ھەرىكىتى بۇ يىل ئەتىياز مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە خىتاي تاراتقۇلىرىدا خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما زادى قانچىلىك دىنىي زاتنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە قايتا تەربىيەلەنگەنلىكى ھەققىدە كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار ئاشكارىلانمىدى.