ئامېرىكىلىق ساياھەتچى: «‹ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي باغچىسى› دەپ ئويلايدىغان قەشقەر كوچا ئۆيلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بوپتۇ»
2018.12.03
«مەن قەشقەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئازراق خەۋەردار بولساممۇ، قەشقەر كوچا ئۆيلىرى دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللىدە نۇرغۇن ئاھالە ياشايدۇ، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ئۆزۈم بارغاندىن كېيىن، تولۇق بىر مەھەللىنىڭ پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلگەن كۆرۈنۈشى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى. كوچىلاردىكى تاشلىۋېتىلگەن ۋېلىسىپىتلەر، ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىگە قايتا-قايتا يېزىلغان خاتا بەلگىسى. . . پۈتۈن بىر مەھەللە قاراڭغۇلۇققا تولۇپتۇ،»
يۇقىرىقى جۈملىلەر ئامېرىكىلىق بىر ساياھەتچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى «قەشقەر كوچا ئۆيلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەھەللىگە ساياھەتكە بارغان چېغىدا شاھىت بولغان مەنزىرىلىرىنىڭ ئەينەن تەسۋىرلىرىدۇر.
2018-يىلى قەشقەر شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان مەزكۇر ئامېرىكىلىق ساياھەتچى بۇرۇندىن «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇغلانغان جاي» دەپ تەرىپىنى ئاڭلاپ كەلگەن قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسىدە ئىككى كۈن ساياھەتتە بولغان. بۇ قىسقىغىنە ئىككى كۈن جەريانىدا ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق بىئارام بولغان ھەم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە خەت يېزىپ ئۆز-كۆزى بىلەن كۆرگەن مەنزىرىلەرنى ئاشكارىلاش قارارىغا كەلگەن. مەزكۇر ساياھەتچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا نۆۋەتتە خىتايدا تۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە خىزمەت ئورنىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر ساياھەتچى قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسىنىڭ ئاتىلىشىنى «گاۋ تەي مىن جۈ» 高台民居 دەپ ئالغان بولۇپ، بۇ ئىسىم ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شۇ يەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا قاراپ ئۆز-ئالدىغا ئاتىۋالغان نام ئىكەن. بىز ئۇنىڭ شۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى ئاڭلىتىشتىن بۇرۇن، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنى خىتاي تىلىدا «گاۋ تەي مىن جۈ» 高台民居دەپ ئاتىلىدىغان، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا ئۆلچەملىك «قەشقەر كوچا ئۆيلىرى» دېيىلىدىغان بۇ مەھەللىدىن قىسقىچە خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي تاھىر ھامۇت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ بۇ ئۇقۇمغا مۇنداق چۈشەنچە بەردى: «خىتاي تىلىدىكى بۇ 高台民居 دېگىنى قەشقەر شەھىرى ئىچىدىكى قىزىل دەرياسى بىلەن تۈمەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر يەر. قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىچى كىچىك، نوپۇسى كۆپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئېگىز ھەم دۆڭلۈك بولغانلىقتىن، كوچىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۆيلەر ئۈستى-ئۈستىلەپ سېلىنىپ، پەلەمپەيسىمان بىر مەنزىرە شەكىللەنگەن. ئۇلار ئەنئەنىۋى قەۋەتلىك ئۆيلەر. شۇڭا خىتايلار بۇ يەرنى 高台民居 دەپ ئاتىۋالغان. ئەمما ئۇيغۇرچىدا قەشقەرنىڭ كوچا ئۆيلىرى، دەپ ئاتىلىدۇ،»
ھالبۇكى، چەتئەللىك ساياھەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزى ئاڭلاپ بىلگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قەۋەتلىك ئۆيلەر مۇجەسسەملەنگەن قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسىنىڭ ھازىرقى مەنزىرىسى ئۇنى قاتتىق پەرىشان قىلغان.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن قەشقەر كوچا ئۆيلىرى 高台民居 گە بېرىشتىن بۇرۇن، مېنىڭ ئۇ يەرگە قارىتا ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەردە چوقۇم نۇرغۇن ئولتۇراق ئاھالىلەر بار، دەپ ئويلىغان ئىدىم، شۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمەن، دەپ بەكلا ھاياجانلانغان ئىدىم. ئەمما بارغاندىن كېيىن، كۆز-ئالدىمدىكى تاشلاندۇق مەنزىرىنى كۆرۈپ، ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم. ئۆزۈمنى شۇ مەھەللىنىڭ مەلۇم بىر تاشلاندۇق بۆلىكىدە تۇرۇپ قالدىممۇ، دەپ ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما پۈتۈن بىر مەھەللىنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىك مەنزىرىسى كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ تۇراتتى،»
ئۇ ساياھەتچى كىشىلەرنىڭ ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى ئۈستىدىكى «خاتا» بەلگىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاراڭغۇلۇققا تولغان ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتنى ھېس قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن نۇرغۇن ئادەملەرنى شۇ مەھەللىنىڭ ئەتراپىدىكى بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما مەن كۆزۈم بىلەن كۆرگەن مەنزىرىدىن بۇنداق پەرەز قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ياخشى دىققەت قىلىدىغان بولسا، مەھەللە ئىچىدىكى كوچىلارغا تاشلاپ قويۇلغان، بۇزۇلغان ۋېلىسىپىتلەر ئادەمنىڭ ئىچىگە بىر خىل قورقۇنچ سالىدىكەن. پۈتۈن بىر مەھەللە قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا تۇيۇقسىزلا چىرىپ كەتكەندەك تەسىر بېرىدىكەن،»
ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەرخىل باستۇرۇش، لاگېر نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتتىق قول سىياسەت ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەن.
ئۇ يەنە تورلاردىكى ھەرخىل ساياھەت بلوگلىرىدا ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسىنى ساياھەت قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ئەتراپىدا ھەرخىل بازارلارنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ساياھەت بلوگلىرىدا نەچچە ھەپتە بۇرۇن بۇ مەھەللىدە ساياھەتتە بولغان كىشىلەر بۇ يەرنىڭ ئىنتايىن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرگەن ئىدىم. كېيىن تۇيۇقسىز ھېچكىم بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تورغا يوللىماس بولۇۋالدى، شۇڭا مەن بۇ مەھەللىگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ كۆپرەك سۈرەتلەرنى تارتىۋېلىش خىيالىدا ئۇ يەرگە قايتا باردىم. كېيىن بارغىنىمدا گەرچە تاشلاندۇق ۋېلىسىپىتلەرنى قايتا كۆرمىگەن بولساممۇ، ئۇنداق مەنزىرىگە نىسبەتەن ئادەمدە بىر خىل پاجىئەلىك ھېسسىياتنىڭ شەكىللىنىشى نورمال ئىدى،»
ئۇ ئۆزىنىڭ قايتىدىن تۈزەپ ياسالغان قەشقەردە بىر نەچچە كۈن ساياھەتتە بولۇش جەريانىدا، بۇرۇنقى مىللىي پۇراققا ئىگە قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسىنىڭمۇ قايتىدىن تۈزەپ ياسالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەچ، ھازىرقى بۇ مەھەللىنىڭ مۇھىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ قويدى.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن بۇ مەھەللىنىڭ قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىنكى ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر مەركىزىي باغچىنىڭ ھېچبىر ئادەمدىن خەۋەرسىز ھالدا يوق قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. بۇ خىل ئۆزگىرىشتىن كېيىنلا نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا تەبىئىي ھالدا بۇ ئادەملەر نەگە كەتتى؟ دەيدىغان سوئال پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىشلار مېنى بەكلا بىئارام قىلدى،»
زىيارەت داۋامىدا بىز ئۇ ئامېرىكىلىق ساياھەتچىدىن شۇ مەھەللىدە ئاتا-ئانىسى يوق يېتىم بالىلارنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىنىمۇ سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاۋابەن مۇنۇلارنى سۆزلەپ ئۆتتى: «مەن ئۆزۈم يالغۇز قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسىنى زىيارەت قىلغان كۈنى كېچىسى بىر قانچە ئادەمنىڭ مەھەللە سىرتىدىكى دائىرىدە ۋارقىراشقانلىقىنى ئاڭلىدىم، بىراق مەھەللە ئىچىدە ھېچقانداق كىچىك بالا ياكى چوڭ ئادەمنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىدىم،»
مەزكۇر ساياھەتچى شۇ مەھەللىدە ساياھەتتە بولغاندا، شۇ يەردىكى بىر يەرلىك خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ئەتراپنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئەمما بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ خىتاي بىلەن داۋاملىق بىللە يۈرمىگەنلىكىنى، ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى ئالماشتۇرمىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىتىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «ئۇ يەرلىك خىتايمۇ دائىم كېچىسى چىقىپ شۇ مەھەللىنى كۆرۈپ كېلىدىغانلىقىنى، مەن بىلەن داۋاملىق بىللە زىيارەتتە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما مەن يالغۇز ھەرىكەت قىلدىم. ئۇمۇ مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ قارىماققا ھېسداشلىق قىلغاندەك كۆرۈندى، بىراق بۇ پەقەت مېنىڭ ھېس قىلغىنىم. ئۇمۇ بەلكىم ھېسداشلىق قىلىشتىن ئەنسىرىشى مۇمكىن،»
قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر چەتئەللىك ساياھەتچىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسىدە زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە كۆرگەنلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلىدىڭلار، داۋامىنى كېلەركى سان پروگراممىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.