2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن بىر يىل بولدى. ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىغان ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىلا 30 دىن ئاشقان.
ھەر خىل قارشىلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلار سانى نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭغا يەتكەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ زور قىسمى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ رايونلاردا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى چەكلىمە ۋە باستۇرۇشنى خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىنمۇ ئاشۇرۇپ ئورۇنلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىن زەربە بېرىلىش ئوبيېكتى قىلىنىشى قاتارلىق ئامىللار رايوندىكى نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولغان.
2014-يىل 4-5 ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قارشىلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرىدىن، ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىتنىڭ قىزىل چىراقتا ئېتىۋېتىلىشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن «13-ئاپرېل كەلپىن نارازىلىق نامايىشى»، «30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پارتلىتىش ۋە پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى» ۋە «22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمى» قاتارلىقلار خەلقئارا مەتپۇئاتلاردا مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان بىرقەدەر زور ۋەقەلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ ئىككى ئاي ئىچىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان باشقا قارشىلىق ۋەقەلىرىمۇ نەچچە ئونغا يەتكەن. بۇلاردىن تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە.
1. 12-ئاپرېل 17 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىتنىڭ قىزىل چىراقتا ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى ۋە 13-ئاپرېل كەلپىن نامايىشى
12-ئاپرېل كېچىدە ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە موتسىكلىت مىنگەن17 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىت قىزىل چىراقتا توختىمىدى دېگەن باھانىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى.
خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى، ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ قورالىغا ئېسىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولدى دەپ ئىزاھلاندى. ئەمما ۋەقە ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئابدۇلباسىتنىڭ ئالاھىدە ساقچىلار تەرىپىدىن قەستەن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى ئابدۇلباسىت يىقىلغان ئازگالدىن ساقچىلار ئاتقان 18 پاي ئوق مىشىكى تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 13-ئاپرېل سەھەر سائەت 5:00 ئەتراپىدا كەلپىن ساقچى ئىدارىسى ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇنى جامائەتنى چاقىرمايلا دەرھال دەپن قىلىۋېتىشنى بۇيرۇغان. نەتىجىدە بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئابدۇلباسىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم- قوشنىلىرى ۋە جامائەتتىن 400 كىشى مېيىتنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.نامايىش جەريانىدا ساقچىلار مېيىتنى تارتىۋېلىپ، يوشۇرۇن دەپن قىلىۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن ئابدۇلباسىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە جامائەتتىن 70 تىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ۋەقەدىن كېيىن كەلپىن ناھىيىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنغا يېپىق سوت ئېچىلىپ، ئۇلارغا 6 ئايدىن 7 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە باشقا خەۋەر خەۋەر بېرىلمىگەن.
2. 14-ئاپرېل خوتەن لاسكۇي يېزىسىدا ئىككى كەنت كادىرىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى
14-ئاپرېل كۈنى خوتەننىڭ لاسكۇي يېزا ئارغول كەنتىدە پەرەنجىلىك بىر ئايالنى ئۆيىگىچە قوغلاپ بارغان كەنت سېكرېتارى مەتتۇداخۇن ۋە ئىككى ياردەمچى ساقچى ئايالنىڭ تۇغقانلىرى تەرىپىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەدىن كېيىن خوتەن دائىرىلىرى 19 ياشلىق گۇماندار يارمەمەت ئابدۇللانى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، 100 مىڭ سومدىن 200مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما جىنايەت گۇماندارلىرى تېپىلمىغان.
3. 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە پارتلىتىش ۋەقەسى
30-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبىي ۋوگزالىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلۈپ، 79 كىشى يارىلاندى دېيىلگەن. ۋەقەنى بىر قېتىملىق چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بايان قىلغان خەۋەردە، ھۇجۇمچىلارنىڭ ۋوگزالدىن چىقىۋاتقان كىشىلەرگە پىچاق ۋە پارتلاتقۇچ بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى يېزىلغان.
8-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى ۋە 22-ماي ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 13 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان.
4. 20-ماي كۇچار ئالىقاغا نامايىشى
20-ماي كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئالىقاغا بازىرىدا يۈز بەرگەن قالايمىقان ئادەم تۇتۇشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا 5 كىشىگە ئوق تەككەن، ئىككى كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن.
خىتاي تەرەپتىن بازار باشلىقى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ جەمئىي 8 كىشى يارىلانغان.
نەق مەيداندىن ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر 5-ئاي مەزگىلىدە كۇچا ناھىيە بازىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ھەرقايسى يېزىلاردا يۈزىنى ياپقان، ئۇزۇن ياغلىق سالغان ياكى ساقال قويغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللار بازارلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا سولاپ قويۇلغان. بۇ سەۋەبتىن 20-ماي سەھەردە قاماپ قويۇلغان قىز-ئاياللارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە بىر قىسىم غەزەپلەنگەن ئامما بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلىشىپ، قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىش كېيىن توقۇنۇشقا ئايلانغان. ھۆكۈمەت تەرەپ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ بېسىقتۇرغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 گە يېقىن ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.
5. 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمى
22-ماي ئۈرۈمچىدە «شىمالىي باغچە يولى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» يۈز بەرگەن. خىتاي تەرەپ پارتلاشتا 31 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، 90 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە 5 كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇلارنىڭ 4 ئى نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان، قالغان بىر نەپىرى تىرىك تۇتۇلغان. دائىرىلەر نۇرئەخمەت ئىسىملىك ھۇجۇمچىنىڭ بورتالادا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر ۋەقەنى«تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئېلان قىلدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكىتى تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك ۋە ئەڭ ئەجەللىك ھۇجۇم دەپ تەرىپلەندى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 25- ماي تاڭ سەھەردىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىققا چېتىشلىق، دەپ قولغا ئالغان. قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان. دائىرىلەر كېيىن بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئاتالمىش 23 تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكال گۇرۇھىغا مەنسۇپ كىشىلەر دەپ خەۋەر بەردى.
6. 28-ماي قەشقەر پىچاقلىق ھۇجۇمى
28-ماي قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئىككى نەپىرىنى يارىلاندۇرغان، كېيىن ئۆزلىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېيتىۋېتىلگەن. ۋەقە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا يەنى پويىز ئىستانسىغا ماڭىدىغان يولدا يۈز بەرگەن.
ساقچى خادىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۇجۇمچىلار 18 ياشلىق بالىلار بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانا يېنىدىكى بىر بازاردا سودا قىلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ، بۇ ئىككى نەپەر ھۇجۇمچىغا ئوق چىقارغان. ھۇجۇمچىلاردىن بىرى نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
7. 29-ماي توقسۇ ئىچېرىق يېزىسى قارىتاش ۋەقەسى
29-ماي توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، شى ئىلى ئىسىملىك خىتاي ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن، تۆت ساقچى يارىلانغان. توقۇنۇشتا ئىمىن تۆمۈر، راخمان تۆمۈر ئىسىملىك ئاكا-ئۇكىلار خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا جان ئۈزگەن، ياسىن ئوسمان يارىلانغان.
رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى توقسۇ ناھىيىسىدە دورىسى ئېلىۋېلىنىپ ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىلگەن ئىككى تاغار سەرەڭگە ياغىچى بايقىغان. خىتاي ساقچىلىرى بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن 29-ماي گۇماندار ئىمىن تۆمۈرنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەندە، ئۆيدىكىلەردىن ئىمىن تۆمۈر، راخمان تۆمۈر ۋە ياسىن ئوسمان قاتارلىقلار خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. خىتاي تەرەپ ھۇجۇمچىلارغا ئوق چىقارغان. توقۇنۇشتا خىتاي تەرەپتىن شى ئىلى ئىسىملىك رازۋېدچىك نەق مەيداندا ئۆلگەن، قالغان 4 نەپىرى يارىلانغان. ھۇجۇمچىلاردىن ئىمىن تۆمۈر ۋە راخمان تۆمۈر ئاكا-ئۇكىلار ئوقتا ئۆلگەن، ياسىن ئوسمان يارىلانغان.
8. 29-ماي پەيزىۋات مىشا يېزىسىدا ساقچى باشلىقىنى ئۆلتۈرۈپ سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋېتىش ۋەقەسى
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ۋەقە 9-ئىيۇل كۈنى خەۋەر قىلىندى. دائىرىلەر پەيزىۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدا «29-ماي ۋەقەسى» نى سادىر قىلغان 4 نەپەر گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بىر «تېررورلۇق شايكىسى» ئىكەنلىكى ۋە ۋەقەدە بىر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ۋەقەگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچى قەشقەر ۋىلايەتلىك قاتناش باش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىلى خۇڭجاڭ بولۇپ، ئۇ «قاتتىق زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى» غا باشلىق بولۇپ پەيزىۋاتنىڭ مىشا يېزىسىغا ئەۋەتىلگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، 4 نەپەر ئۇيغۇر ھۇجۇمچى ئىلى خۇڭجاڭنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن جەسىتىنى مىشانىڭ تۆۋەن تارىشا كەنتىدىكى ئورپا سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتكەن.
2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق ۋەقەلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتىلدى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بۇ خىل قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەسىلەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2014-يىل 30-ئاپرېل ئېلان قىلغان 2014-يىللىق دوكلاتتا، دۇنيادىكى 33 دۆلەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان. دوكلاتتا 2013-2014-يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يامان ھالەتتە ئىكەنلىكى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر رايونىدا 2014-يىل كىرگەندىن بۇيان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى تەكىتلەنگەن.