ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلىلەردە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق نەرسە چەكلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.27
qosh-til-yesli-dolet-bayriqi-oginish.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر «قوش تىللىق» يەسلىدە خىتاي دۆلەت بايرىقى بىلەن خىتاي دۆلەت گېربىنى خىتايچە توغرا تەلەپپۇز قىلىشقا زورلانغان 3-4 ياشلىق ئۇيغۇر بالا.
Social Media

خوتەن ۋىلايىتى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بارلىق يەسلىلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى، دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى چەكلىگەن. بۇ، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ بۇ يىل 7‏-ئايدا خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، بىردەك خىتاي تىلىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى 5 ماددىلىق بەلگىلىمىسىدىن كېيىن چىقارغان يەنە بىر قاتتىق بەلگىلىمىدۇر.

خوتەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يەسلىلەرگە چىقارغان «يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 8 ماددىلىق ئىنتىزامى» ناملىق بەلگىلىمىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى، ياغلىق ئارتىشى، ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساقال قويۇشى چەكلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىردەك «دۆلەت تىلى» دا سۆزلىشى تەلەپ قىلىنغان. 

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىكى بىر بىر خىتاي يەسلى ئوقۇتقۇچىسى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يەسلىلەردىكى ياساق دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەسلىلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخىي، ئۇيغۇر كلاسسىك شەخسلەر، ئۇيغۇر مىللىي ھاياتى ياكى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىم، ھۆسنى خەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ، تام گېزىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق كۆرۈنۈش چەكلىنىدىكەن. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دىنىي مەسىلىدە بىزنىڭ يەسلىمىز 3 بالىغا بىر ئوقۇتقۇچى مەسئۇل. بىز دائىم بالىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ تۇرىمىز. ھازىرغا قەدەر ئائىلىلەرگە بېرىپ بىرەر دىنىي خاھىشنى ئۇچراتمىدۇق. ئەگەر ئۇچراتساق بىر تەرەپ قىلىمىز. مەسىلەن، ئۇلار ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يەر ئاستى دىنىي مەكتەپكە ئەۋەتىۋاتامدۇ ياكى دىنىي ئېتىقاد تەربىيىسى بېرىۋاتامدۇ، دېگەنلەرگە دىققەت قىلىمىز. بۇ ئەھۋاللارنى بايقىساق دەرھال يۇقىرىغا مەلۇم قىلىمىز. بىزنىڭ يەسلىدە 3 بالىغا بىر ئوقۇتقۇچى مەسئۇل، ئۇلار دائىم ئائىلىلەرگە بېرىپ، بالىنىڭ ئائىلىسىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ يەسلىدە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بار.» 

بۇ خىتاي يەسلى مۇئەللىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يەسلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئۇ، مەزكۇر يەسلىدە ھېچقانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا ۋە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى دەلىللىدى. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار ياغلىق ئارتىپ قالسا، دەرھال بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ياغلىق ئارتىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا بىردەك يول قويمايدۇ. تىل مەسىلىسىگە كەلسەك ھازىر بىردەك دۆلەت تىلىدا سۆزلەش يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھازىر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئارا سۆزلەشسە، دۆلەت تىلىنى ئىشلىتىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. مەسىلەن، بىرەرى يەسلىگە كەلسە ياكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئارا ئالاقە قىلسا دۆلەت تىلىدا سۆزلەش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ قالسا ئۇلار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىزنىڭ يەسلىدە بىر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى. شۇنىڭدىن بېرى ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئەھۋالنى قايتا سادىر قىلىپ باقمىدى. ئەگەر سىز دۆلەت تىلىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدا سۆزلىمەي ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشىڭىز، بايقىلىپ قالسا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمىز بىرىنچى قېتىم كۆرۈلسە جەرىمانە قويۇلىدۇ. يەنە داۋاملىق سادىر قىلسا خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ.» 

بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە، چەكلىمىنىڭ تىل ۋە دىنىي ئېتىقاد بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يەسلىسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، كلاسسىك ئەدىبلەر، ھۆسنى خەت، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى تۇرمۇش ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئالاقىدار ھەرقانداق رەسىم، تام گېزىتى، تەشۋىقات بۇيۇمى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ: «بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ، قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. يەسلىمىزدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يەسلى مەدەنىيەت ھاياتىغا ئالاقىدار ھەرقانداق نەرسىلەرگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. باشقا بەزى مەكتەپلەردە بۇ خىل خاھىشلارغا يول قويامدۇ-قويمامدۇ، ئۇنى بىلمەيمەن. لېكىن بىزنىڭ يەسلىدە بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ.» 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «دۆلەت تىلى» دېگەن نامدا ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلى مائارىپىنى دەسسىتىشى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكادا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي تارىخچى ۋە تىلشۇناس جۇ شۆيۈەن ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى مەدەنىيەتنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە كۆپ خىللىقىنى رەت قىلىش، دەپ تەنقىد قىلدى. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر مىللەتنىڭ تىلىنى قوغداپ قېلىش بۇ ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقىدۇر. ئوخشاش تىلدىكى ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش ئىدېئولوگىيە، مەدەنىيەت خاسلىقى بولىدۇ. بىزنىڭ كۆپرەك خاسلىقنى ساقلاپ قېلىشىمىز كۆپرەك كىتابنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ئوخشايدۇ. بۇ دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇرىدۇ. دۇنيا تاق بىر دۇنيا بولۇپ قالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ھىندىئانلارنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇر نوپۇسى 12 مىليون، بىز ئۇلارنىڭ قانداشلىقى مەسىلىسىنى دېمەيلا قويايلى. ئۇلارنىڭ قوللىنىۋاتقان بىر خىل ئورتاق تىل. بۇ ئورتاق تىلنى يوقىتىش ناھايىتى مۈشكۈل. ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر خىل كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە كۆپ خىللىقنىڭ ئىپادىسى. بىز بۇ تىلنى يوقاتساق ئەمەلىيەتتە بىز كۆپ خىللىقنى ۋە كۆپ قۇتۇپلۇقنى يوقاتقان بولىمىز. بۇ خىتاي مەدەنىيىتىنى تاقلاشتۇرىدۇ. بۇ بىزنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى چۈشىنىشىمىزگە پايدىسىز. بىز كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ خاسلىقىغا يول قويۇشىمىز كېرەك. بۇ بىر خىل بايلىقنىڭ ئىپادىسى، دۇنيادىكى بىر بايلىقنى يوقىتىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس.» 

لېكىن، جۇ شۆيۈەننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى دەسسىتىشكە زور مەبلەغ ۋە كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋالىدىغان، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى بولغان تىلىنى تارتىۋالىدىغان بۇنداق تەدبىر ناھايىتى ناچار ئەھۋال. بۇ جەمئىيەتنى تاق جەمئىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، كۆپ خىللىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ھازىرقى ئېقىمىغا خىلاپ. جياڭ جيېشى تەيۋەنگە بارغاندا تەيۋەنلىكلەر ئۆزىنىڭ يەرلىك تىلى مىننەن تىلىدا سۆزلىشەتتى. ئۇ بۇنى چەكلىدى. مەكتەپ، تېلېۋىزوردا مىننەن تىلى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلدى. ئەمما ئاخىرىدا ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئۇ مىننەن تىلىنى يوقىتالمىدى. تەيۋەنلىكلەر ھازىر يەنە مىننەن ياكى كېجيا تىلىدا سۆزلىشىدۇ. چۈنكى، جياڭ جيېشى تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئائىلىدە مىننەن تىلىدا سۆزلىشىشنى توسالمايتتى. شۇڭا، بۇ خىل تەدبىر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەيۋەن بىلەن شىنجاڭ ئوخشىمايدۇ. تەيۋەنلىكلەر مىننەن تىلىدا سۆزلەشكەن بىلەن خىتاي يېزىقىنى قوللىناتتى. بۇ ئەھۋالدا ئەجەبا، 12 مىليون ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى يوقىتالامدۇ؟ بۇ قەتئىي مۇمكىن ئەمەس.» 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەسلى، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 20 مىڭغا يېقىن ئادەم قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يۇقىرى تەمىنات بىلەن 3000 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.