شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور ئابدۇكېرىم راخمان، ئارسلان ئابدۇللا ۋە راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.13
kerim-rahman-raxman-arslan-abdulla.jpg ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندى(ئوڭدا). شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندى(سولدا).
RFA/Qutlan

يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئاز دېگەندە 56 ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سابىق خىزمەتداشلىرىدىن 5 كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى.

مۇخبىرىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قوماندانلىق مەركىزىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئابدۇكېرىم راخمان، ئارسلان ئابدۇللا ۋە راھىلە داۋۇت قاتارلىق داڭلىق پروفېسسورلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.

بىز ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مەمۇرىيىتى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىز تېلېفونىمىزنى ئالغۇچىدىن پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا بىلەن ئابدۇكېرىم راخماننىڭ «تەربىيە» لەشكە ئەكېتىلگەنلىك ئەھۋالىنى كىمدىن ئېنىقلىشىمىز كېرەكلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن مەكتەپ قوماندانلىق ئىشخانىسىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى ئېيتتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قوماندانلىق ئىشخانىسىدىكى بىر خادىم دەسلەپتە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئارقىدىن ئالاقىدار رەھبەرلەردىن يوليورۇق ئالغاندىن كېيىن، سوئاللىرىمىزنىڭ بىر قىسمىغا جاۋاب بەردى، ئەمما كۆپ قىسمىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ بۇ جەرياندا پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا بىلەن ئابدۇكېرىم راخماننىڭ تۇتۇلغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى، ئەمما كىملەر تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن ئەكېتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سوئال: كىملەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگىنىنى دەپ بېرەلمىگىنىڭىزگە ئاساسەن ئارسلان ئابدۇللانىڭ تۇتۇلۇشىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەپ قارىلىۋاتىدۇ دېسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: قانداق قاراش ۋە قانداق يېزىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار.

سوئال: ئابدۇكېرىم راخماننىڭ تۇتۇلۇشىمۇ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» مۇ؟

جاۋاب: ئۇمۇ شۇنداق.

سوئال: ئابدۇكېرىم راخمان نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلدى؟

جاۋاب: ئارسلاننىڭكى بىلەن ئوخشاش.

سوئال: راھىلە داۋۇتنىڭچۇ؟

جاۋاب: ئارسلاننىڭمۇ، ئابدۇكېرىمنىڭمۇ ۋە راھىلەنىڭمۇ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى بىلمەيمەن.

ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن گەرچە دېلونىڭ تەپسىلاتى مەلۇم بولمىغان بولمىسىمۇ، ئەمما پروفېسسور ئابدۇكېرىم راخمان، ئارسلان ئابدۇللا ۋە راھىلە داۋۇتلارنىڭ ئىشتىن توختىتىلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە لاگېر ياكى قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.