خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە دارىلتاملارنى كۆپلەپ قۇرماقتا

0:00 / 0:00

ئىنكاسلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ قاماپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقى كۆپلەپ مەلۇم قىلىنماقتا.

يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، ئۆزىنىڭ يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىدىن تارتىپ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىگە-چاقىسىز قالغان نارەسىدە بالىلىرىنىڭ بولسا خەۋىرىنى ئالالمىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ بالىلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئايلاپ قويۇپ بېرىلمەيۋاتقان بۇ ئەھۋالدا قارانچۇقسىز ۋە ھىمايىسىز قالغان بالىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، بۇ قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنىڭ نۆۋەتتە مەھەللە كومىتېتلىرى تەرىپىدىن جايلاردىكى يېتىم-يېسىرلار پاراۋانلىق ئورنىغا، يەنى دارىلئېتاملارغا ئاپىرىپ بېرىلىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

ئىلگىرى بۇ ھەقتە پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا. تېلېفونغا جاۋاب بەرگەن ئۇيغۇر ساقچى: «ئاتا-ئانىسى تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلىپ، ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى باقىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقىنى بولمىسا كەنت كومىتېتلىرى مەسئۇل بولىدۇ،» دېگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرى ھەققىدە، بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامالغانلارنىڭ بىر مىليون 100 مىڭغا يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ رايوندىكى قۇرامىغا يەتكەن مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتى ياكى 11 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئايلاپ قويۇپ بېرىلمەيۋاتقان، ئۇيغۇرلار يىغىۋېلىش لاگېرىغا داۋاملىق ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئەھۋالدا قارانچۇقسىز ۋە ھىمايىسىز قالغان بالىلارنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىزدەش داۋامىدا، «شىنجاڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇش ئۇچۇر تورى» دىكى ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ھۆددىگەر چاقىرىش ئېلانلىرىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا بولۇپمۇ، جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەتكە يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، دارىلئېتام غا ئوخشاش مەخسۇس يېتىم -يېسىرلارنى باقىدىغان ئورۇنلارنى بەرپا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى.

مەزكۇر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ھۆددىگەر چاقىرىش تورىدا، مەخسۇس يېتىم -يېسىر پاراۋانلىق قۇرۇلۇشىغا دائىر 40 دانە ئۇچۇر تېپىلدى، بۇنىڭ 27 سى 2017-يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان يېڭى قۇرۇلۇشلار بولۇپ، ئاساسەن قەشقەر، خوتەن ئاقسۇ قاتارلىق جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەتكە ئىكەنلىكى مەلۇم.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېڭىسى، 2018-يىلى 11-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان تاشقورغان ناھىيەسىدىكى يېتىم-يېسىرلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇلۇش تۈرىگە ھۆددىگەر چاقىرىش ئېلانى ئىكەن. 10 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق، ئىككى قەۋەت قىلىپ قۇرۇلىدىغان بۇ ئىمارەت قۇرۇلۇشىغا، ھۆكۈمەت 2 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان.

مەزكۇر قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بېرىش ئېلانىدىكى ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئالاقىلىشىش تېلېفونغا جاۋاب قىلغان خادىم، دارىلئېتامنىڭ تاشقورغان ناھىيە ئىچىگە قۇرۇلماقچى بولغانلىقىدىن باشقا مەلۇمات بەرمىدى.

مەزكۇر توردىن ئاشكارىلانغان دارىلئېتام قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى مەبلەغ بىلەن سېلىنىپ 2018-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېتىم-يېسىرلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ نازارەت قىلىشى ئاستىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دارىلئېتام قۇرۇلۇشى بولۇپ، دائىرىلەر 28 مىڭ كۋادرات كۆلەمدىكى 700 كارىۋاتلىق بۇ دارىلئېتام قۇرۇلۇشىغا، 134 مىليون يۈەن ئاجراتقان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك دارىلئېتام بۇ يىل بېشىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئورۇندىن تېلېفوننى ئالغان خادىم مەزكۇر ئورۇندا 300 دەك بالا بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مىللەت ئايرىمىسىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېمە ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان بۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى دارىلئېتام لارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغىمۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دارىلئېتام قۇرۇش پىلانى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى ئىزدەش داۋامىدا، «خەلق تورى» نىڭ 2016-يىلى 8-سېنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەمئىي 69 يېتىم-يېسىر پاراۋانلىق ئورنى، 39 دارىلئېتام، 4 ئائىلىۋى يېتىملەرنى بېقىش مەركىزى ۋە يەنە 26 يەردە مېيىپ بالىلارنى بېقىش ئورۇنلىرىنى قۇرۇشنى پىلان قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىي 370 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقان.

ئىلگىرى بىز ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن يالغۇز قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىشىمىز داۋامىدا، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا يېتىم بالىلار تۇيۇقسىز كۆپەيگەنلىكىدىن دارىلئېتاملارغا سىغماي، بەزى مەكتەپلەرنىڭ ۋاقىتلىق دارىلئېتام ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم بالىلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلىۋاتقانلىقى، دارىلئېتاملارنىڭ شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىدەك ئۇچۇرلارمۇ ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇشنى كېڭەيتىۋاتقان بىر پەيتتە يەنە ماس قەدەمدە يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇۋاتقانلىقى دىققەت تارتىدۇ. بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار، بۇ خىل قۇرۇلۇش پىلانلىرىنىڭ ئاساسەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ تەربىيەلەش نامىدا لاگېرلارغا سولاشنى باشلىغان مەزگىللەرگە توغرا كېلىشى ئەجەبا تەسسادىپىلىقمۇ؟ يېڭى قۇرۇلغان ۋە داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان بۇ دارىلئېتاملار، ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنى بېقىش ئۈچۈن قۇرۇلغانمۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىز سوئاللارنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن سوراشقا تىرىشتۇق. ھالبۇكى تېلېفوننى ئالغان خادىم بىلەن قىلغان دىئالوگىمىز، ئۇنىڭ «سېنىڭ زىيارىتىڭنى قوبۇل قىلمايمەن» دېگەن قوپال جاۋابى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئۇيغۇر رايونىدىن يېقىنقى كۈنلەردە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسا دائىرىلەرنىڭ تەربىيەلەش نامىدا لاگېرغا ئاپىرىدىغانلارنىڭ سانىنى ئاشۇرغانلىقى مەلۇم بولماقتا. كەنتلەرنىڭ بەزىلىرىدىن يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئاپىرىلغانلارنىڭ 40% دىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئۆتكەن ھەپتە قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ چىنىباغ ساقچى خادىمى، بازار ئىچىدىكى يېڭى شەھەر كەنتىدە 1700 نەچچە ئائىلە بارلىقى، بۇلاردىكى نوپۇسنىڭ 40% ئىنىڭ نۆۋەتتە تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتا ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن يالغۇز قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشماقتىمىز.