خىتاي دېموكراتلىرى: بىڭتۇەن كەلگۈسىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە خەلقى ئۈچۈنمۇ زور تەھدىت

0:00 / 0:00

خىتاي خەلق گېزىتىدە نەقىل ئېلىنىشىچە، «ئۇيغۇر ئېلىدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تارقاقلاشقان 176 پولك مەيدانى بار. بىڭتۇەندىكىلەر دائىم: شىنجاڭ قانچىلىك چوڭ بولسا، بىڭتۇەن شۇنچىلىك چوڭ، جۇڭگو قانچىلىك چوڭ بولسا، بىڭتۇەن شۇنچىلىك چوڭ» دەيدۇ. ئالدىنقى جۈملە بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ئىرادىسىنى ئىپادىلىسە، كېيىنكى جۈملە بىڭتۇەندىكى كىشىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەنلىكىدەك جاسارىتىنى ئىپادىلەيدۇ.»

ئەكسىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي دېموكراتلىرىمۇ «بىڭتۇەندىكى ئاتالمىش بۇ ‹جاسارەت› ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ باش مەنبەسى» دەپ قارىماقتا.
كۆپلىگەن خىتاي دېموكراتلىرى، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى تەقدىرى مەسىلىسىدە بىڭتۇەننىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، ناۋادا بۇ رايوندا كەڭ كۆلەملىك بىر مىللىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا، بۇ توقۇنۇشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىڭتۇەنلىك خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەندىن باشقا، «مۇبادا خىتاي دېموكراتىك يولغا ماڭغان تەقدىردە، ئىشغالىيەتچى بىڭتۇەننى تارقاتماي ئامالى يوق، ھالبۇكى بۇنىڭغا بىڭتۇەننىڭ زور پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلىقى» نى قىياس قىلىدۇ. چۈنكى،«بىڭتۇەننىڭ كېلىپ چىقىشى، مۇرەككەپ تەركىبى، ھازىر ئىگە بولغان ھەربىي ۋە مەمۇرىي، ئىقتىسادىي كۈچى ۋە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئىمتىياز ۋە ھوقۇقلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي خەلقى ھەمدە كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ يېرىنى ئىگىلەيدىغان خىتاي دېموكراتىك ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ ئەڭ زور خەۋپلىك تەھدىت.»

بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكىدىكى داڭلىق خىتاي دېموكراتلىرىدىن خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە:
«بىڭتۇەن شەرقىي تۈركىستاندا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئۇيغۇرلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇلارنى دائىم بېسىم ۋە تەھدىت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى يادرو كۈچ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بىڭتۇەن سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرىي، قانۇنىي ۋە ھەربىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان، مەركەزگە ئانچە بېقىنىپ كەتمىگەن، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى داۋالغۇشلارنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان مۇستەقىل بىر دۆلەت شەكلىنى تۇرغۇزۇپ بولغان. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ھەق-ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىگە زور زىيان سېلىپ كېلىۋاتقان زور تەھدىت بولغاندىن سىرت، كەلگۈسىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ بېسىم ۋە تەھدىت ھاسىل قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە.»

بۇنداق بولۇشى بىرىنچىدىن، «بىڭتۇەن تەركىبىدىكى خىتايلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنى بىڭتۇەن دەسلەپ گومىنداڭ دىكتاتور مىلىتارىستلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن تەشكىل قىلىنغان بولسا، كېيىن بىڭتۇەنىگە كېلىپ قوشۇلغان خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى جىنايەتچىلەر ۋە بىڭتۇەنلىك خىتايلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە قىلىپ قالغان ئۇرۇق -تۇغقان، جەددى -جەمەتلىرى، بارا-بارا كېڭەيگەن ئىنتايىن مۇرەككەپ، سىرلىق ئۈچ مىليونچە نوپۇسقا ئىگە، زورلۇق-زومبۇلۇققا ئۆگەنگەن، قوراللىق ۋەھىمىلىك بىر قوشۇن.»

ئىككىنچىدىن، «بىڭتۇەنلىكلەر شىنجاڭدا ئىگە بولغان مەنپەئەتلىرىدىن ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار قايتىپ كەتسە، بۇ مەنپەئەتلەرگە خىتاي ئىچىدە ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. بىڭتۇەن كەلگۈسىدە مەركىزى ھۆكۈمەتكە بويسۇنمايدىغان ۋە يەرلىكلەر بىلەن دۈشمەنلەشكەن مىلىتارىست بىر گۇرۇھقا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئوتنى ئۆچۈرۈشى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالىشى ئاسانغا توختىمايدۇ.»

خىتاي دېموكراتلىرىدىن ياڭ جيەنلى، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلاردىن باشقا خىتاي خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەھدىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«بىڭتۇەنلىك خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ھەر زامان زور بىر قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىش ۋە بۇ توقۇنۇشنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى ئومۇميۈزلۈك بىر خەلق ئىسيانىغا ئايلىنىش خەۋپى مەۋجۇت. بىڭتۇەن، يەرلىك خەلقنىڭ ھەر جەھەتتىكى ھەق -ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ جايدا دېموكراتىك پىكىر -ئېقىملارنىڭ قىلچە تەسىرى ياكى ئىزى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بىڭتۇەن سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرىي، قانۇنىي ۋە ھەربىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالايدۇ، مەركەزگە بېقىنىپمۇ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خىتايلار بولسا كوممۇنىستىك پارتىيىگە ۋە ھاكىمىيەتكە ئەڭ سادىق، چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى ئەڭ ئېغىر خىتايلاردىن ئىبارەت.

ئەگەر كەلگۈسىدە خىتاي دېموكراتىيىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قالغان تەقدىردىمۇ، بىڭتۇەن ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ئارقىلىق ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا ئېلىشى، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى ئەڭ زور بىر توسالغۇ بولىدۇ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولىدۇ، بىڭتۇەن مەجبۇرىي تارقىتىلغان تەقدىردىمۇ، بىڭتۇەنلىكلەر شەرقىي تۈركىستاندا ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىدىن ئۇنداق ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ، بۇنداق شارائىتتا، يەرلىكلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلاردىن بەكرەك، بىڭتۇەننىڭ زوراۋان كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ خىتاي ھاكىمىيىتىگىمۇ قارشى چىقىش خەۋپى بار. دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇشۇنداق تەھدىتلەر ئالدىدا يەنە بىڭتۇەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى، ئۆز خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ تەقدىرىگە قارىتا بىر سىياسىي مەسئۇلىيەتسىزلىك.»