كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاينىڭ ‹دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش› سىياسىتىنىڭ مەقسىتى مىللەتلەرنى ئېرىتىپ يوقىتىشتۇر»

0:00 / 0:00

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ‹دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش› ئارقىلىق كۈچەيتمەكتە» ناملىق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈزۈپ ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي سىياسەت ۋە قانۇن-نىزاملارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ھەر قانداق دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي كونتروللۇققا ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا يەنە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى بارچە دىنلارغا قارىتىۋاتقان ئاتالمىش «دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە باشقا مىللەت ۋە دىنلارنى ئېرىتىپ يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى بىر ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق بارلىق دىنلارغا، بولۇپمۇ ئىسلام ۋە خرىستىئان قاتارلىق تارىختىن بۇيان خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان دىنلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى «تەربىيىلەش لاگېر» لىرىغا سولاشتەك مىسلى كۆرۈلمىگەن تەقىب سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن مىللەت سۈپىتى بىلەن بىۋاسىتە باستۇرۇش نىشانىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا «دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش - دىنىي ئېتىقادنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتنىڭ ئاخىرقى قىسمىدۇر،» دېيىلگەن. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئۆرپ- ئادەتلىرىگىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. دائىرىلەرنىڭ ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ئۆلۈم-يىتىم ۋە دەپنە مۇراسىملىرىغىچە قول تىقىپ، ئۇلارنى زور كۈچ بىلەن خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدىكى دىنىي باستۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە ئالاھىدە تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھادىسە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ‹يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى› نى قۇرۇشىدۇر. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا ئېرىتىپ تۈگىتىش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېيىلگەن.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئاشقۇن سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىشى، شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىدىغانلىقىغا قارىتا ھازىر بولۇشى كېرەك،» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان.

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ‹دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش› ئارقىلىق كۈچەيتمەكتە» ماۋزۇلۇق بۇ مەخسۇس دوكلاتنى تەييارلىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى نىكول خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ دوكلاتتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىلا ئىنتايىن ئېغىر بولغان دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ دىنىي تۇيغۇسىنى ئاجىزلىتىپ، ئۇلارنى تېزرەك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ۋە ئۇلار ئۈستىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىشنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نىكول خانىم يەنە خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېزلىتىپ، دىنىي ئەركىنلىككە ھېچ بىر دۆلەتتە، خىتاينىڭ ھېچبىر يېرىدە ۋە ھەتتا تارىخنىڭ ھەرقانداق بىر بۆلىكىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە چەكلىمە قويۇۋاتىدۇ، دېدى.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇرغان يامان ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىماللىقىنى قانداق قىياس قىلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن نىكول خانىم، «خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى داۋام قىلسا رايوندا ئىنتايىن خەتەرلىك ۋەزىيەت كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئېغىرىنى ‹ئېتنىك قىرغىنچىلىق› دەپ قىياس قىلىش مۇمكىن،» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تۇڭگان زىيالىيسى سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئەڭ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاينىڭ « دىننى جۇڭگولاشتۇرۇش » ئۇقۇمى ئىنتايىن زىددىيەتلىك ۋە مۈجمەل بىر ئۇقۇم ئىكەن. خىتاينىڭ دېگىنى بويىچە بولغاندا، مۇسۇلمانلار ياكى باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ياراتقۇچى ئاللانىڭ ئالدىغا قويۇشى شەرت ئىكەن. بۇ دىنغا پۈتۈنلەي قارشى ئاتېئىستىك بىر سىياسەت، يەنى دىنسىزلىقنى تەرغىب قىلىش بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مەدەنىيەت، ئىرق، دىنىي ئېتىقاد جەھەتلەردە پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قوش بىسلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرى» نى ئەينى دەۋردىكى ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرىغا ئوخشاتقان سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى «قۇرئانى كەرىم» ۋە «سەھىھۇل بۇخارى» نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرى» غا قاماپ قويۇلغاندىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقىنى، مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭمۇ ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى مىسال قىلىپ، بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق دەلىل-ئىسپاتى، دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۈگۈن رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش » ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سەپسەتىسىنىڭ ھەر قانداق دىنىدىكىلەر قوبۇل قىلمايدىغان، ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ، «دىن ھېچقاچان جۇڭگوچىلاشمايدۇ، دىننى ھېچقاچان خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ سىياسىتىگە بوي سۇندۇرالمايدۇ،» دېدى.

بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئامېرىكا «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قارارى» غا ئاساسەن ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە «ئالاھىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا خىتايدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان دىنىي بېسىمنىڭ قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، بولۇپمۇ 2017-يىلى ماقۇللانغان «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنى ۋەيران قىلىشتا قوللىنىلغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.