«ھالال» بەلگىلىرىنىڭ چەكلىنىشى ھەمدە «ھالال» لىقنىڭ سىياسىيلىشىشى (2)

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» كۈرىشىنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن «ھالال» لىق چۈشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە يوقىتىش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىر تىپىك ئىپادىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە توسقۇنسىز مەۋجۇت بولۇۋاتقان «ھالال» يېمەكلىك بەلگىلىرىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەنئى قىلىشى بولماقتا. زىيالىيلار ۋە دىنىي زاتلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تەدبىرىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ھالاللىقنىڭ ئۆلچىمى» مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلىرى يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلمەكتە. يېقىندا بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىپ «ئۇيغۇرلاردىكى ئەسەبىيلىك ئىدىيىلىرىنى تۈگىتىشنى يېمەك-ئىچمەكتىن باشلاش» ھەققىدە چۇقان سېلىشقا باشلىدى. «يىمۇ» تەخەللۇسىدىكى بىرەيلەننىڭ «ۋېيبو» مىكرو بلوگىدا تارقىتىلغان مۇشۇ تېمىدىكى ماقالىسىنى ھازىر مىڭلىغان خىتاي ئوقۇرمەنلىرى ھەمبەھىرلەۋاتقان بولۇپ «ھالال يېمەكلىك» مەسىلىسىنىڭ ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ خىتاي ئاشپەزلەر ئەتكەن تاماقنى يېمەسلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي رېستورانلىرىدا تاماق يېيىشنى رەت قىلىشى بىردەك بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ «ھالال» ئەمەسلىكى ياكى ئاشپەزلەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىدىن بولۇپ، ئاپتور بۇنى «خىتاي مىللىتىنى پەس كۆرگەنلىك، مىللەتلەر ئارىسىغا تەپرىقچىلىق تېرىغانلىق» دەپ خۇلاسىلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاغزاكى سۆزلەپ قويۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنى جەزمەن يېمەك-ئىچمەكتىن باشلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاي بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى قىلىۋالغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خىزمەت ۋە ئەمگەك تەقسىماتىدىكى تەڭسىزلىك تۈپەيلىدىن «ھالال» ئۇقۇمى بىلەن باغلانغان ئازغىنە كەسىپلەر، جۈملىدىن يېمەك-ئىچمەك كەسپى ئۇيغۇرلارنىڭ پۇل تېپىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن. ئەمدىلىكتە يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە «ھالال» لىقنىڭ يوقىلىشى بولسا يەنە بىر جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى بىر چوڭ ئىقتىسادىي مەنبەدىن ئۈزۈپ تاشلاشقا ئېلىپ بارىدىكەن.

ئۇيغۇرلاردىكى «ھالال» لىق چۈشەنچىسىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن تۈركىيەدىكى دىنىي ئۆلىمالاردىن ھەبىبۇللا كۈسەنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ھالال» لىق چۈشەنچىسىنى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا باغلىۋېلىشىنى پۈتۈنلەي بىمەنىلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئامېرىكىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ «ھالال» تاماق يېيىشىگە بولغان مۇئامىلىسىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان «ھالال» لىقنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ خۇسۇسىي تاللىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش بولىدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشتەك بۇ خىل قىلمىشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ياخشىلاش رولىنى ئوينىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھەبىبۇللا كۈسەنىنىڭ پىكرىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «ھالال» لىق چۈشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش پائالىيىتىگە بۇنچە زور كۈچ سەرپ قىلىشىدىكى ئاساسىي مۇددىئا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا ئىسلام دىنىنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەنلىكى ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ھالەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى تىنا ماففورد ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە «ھالال» بەلگىسىنىڭ چەكلىنىشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن بەكمۇ ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقاچ ، بۇنىڭ پەقەت سىياسىي باستۇرۇشتىكى بىر باھانە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خۇددى سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنى چەكلەش ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلىش قىلمىشلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشتە تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك باھانىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەپچىللىك بىلەن قوللانغانلىقى ھەققىدىكى بىر مىسال خالاس. مەن شۇنى دەيمەنكى، يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈستىگە بېسىلغان ياكى شۇ يېمەكلىكلەر سېتىلىدىغان جايلارغا ئېسىلغان ھالاللىق ھەققىدىكى بۇ بەلگىلەرنى ئەسەبىيلىك ياكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە باغلاش ئەمەلىيەتتە ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك. چۈنكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىنسان بۇ بەلگىلەرنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ھېچقانداق سەلبىي مەنىسى يوقلۇقىمۇ ھەممىگە مەلۇم بىر پاكىت. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە باغلىۋېلىشىنى بولسا بىمەنىلىك دېيىشتىن باشقا يەنە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي يوسۇندا نورمال مەۋجۇت بولۇشىنى چەكلەش ھەمدە ئۇلارنى باستۇرۇش قورالى قىلىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىشكە مەجبۇرمىز.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ھەبىبۇللا كۈسەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخىرقى ھېسابتا بۇنىڭدا كۆزلەنگەن نىشانغا يېتەلمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر «ھالال» بەلگىلىرىنىڭ چەكلىنىش مەسىلىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى چوڭ شەھەرلەردە باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە پۈتكۈل رايون تەۋەسىگە كېڭىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە.