ئۇچتۇرپانلىقلار: دىنىي ئەسەبىيلىك چوڭ قالپاقكەن، ھاشارغا چىقمىغانلارغىمۇ كىيدۈرسە بولىدىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.10.19
uyghur-hashar-osteng-chepish.jpg ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
Social Media

بىز ئالدى بىلەن ئىماملىرىم يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ پونكىتنىڭ ساقچى خادىمى بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇ، خىزمەت گۇرۇپپىسى چۈشكەندىن بۇيان تۈزۈملەر چىڭىپ، «بۇرۇن سەل قارايدىغان ئىشلارغا ھازىر سەل قارالمايدىغان بولغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ساقچى: ھەئە، بۇ ئىماملىرىم ساقچى پونكىتى.

مۇخبىر: بۇ سىلەرنىڭ ماۋۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى چۈشۈپتىكەن ئىماملىرىمغا، تەسىرى بولدىمۇ ئۇلارنىڭ؟ قانداق تەسىرى بولدى؟ ھازىرقى ئەھۋالىڭلار قانداق؟

تەسىرى بولدى. ئەمدى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھازىر ئەھۋالىمىزدا خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.

مۇخبىر: ئۆتكەن يىلى سىلەرنىڭ يېزىدا ھېلىقى ۋەقە يۈز بەرگەن، ھېلىقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى دەيمەنغۇ، ھۆكۈمەت شۇ ۋەقەدىن كېيىن قانداق تەدبىرلەرنى ئالدى؟ ھۆكۈمەت قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى، سىلەرنىڭ يېزىدا؟

ساقچى: بۇرۇن بەزەن ئىشلارغا سەل قارايدىغان ئەھۋال بارىدى. لېكىن ھازىر ئۇنداق سەل قارايدىغان ئىشلار يوق، تۈزۈملەر تېخىمۇ چىڭىپ، ئاممىنىڭ ئومۇملۇقىنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەپ، زوراۋان تېررورچىلار ۋە دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ بەزەن بىر خىل ۋاسىتىلىرىدىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قېچىپ، قەتئىي قارشى تۇرۇۋاتىمىز.

ئۇچتۇرپانلىق يەنە بىر يەرلىك كادىر، خىزمەت گۇرۇپپىسى چۈشۈپ ھازىر ئىماملىرىم يېزىسىدىكى «توي-تۆكۈنلەردە ناغرا-سۇناي چېلىنىدىغان بولدى» دېدى.

كادىر : 1 ئۇلار شۇ كەنتنىڭ يول قۇرۇلۇش، ئېرىغ-ئۆستەڭ، كەمبەغەللەرنىڭ ئۆي سېلىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش، دېگەندەك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ئۆتكەن يىلى بۇ ئىماملىرىمدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى بىلىسىز، ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىغىمۇ چىقتى. بۇ جەھەتتىكى ئەھۋال قانداقراق؟

كادىر : 1 ھازىر ياخشى، ئۇنداق ئىشلارمۇ يوق، ھەركىم خاتىرجەم خىزمىتىنى ئىشلەپ، بىر ئىش قىلىۋاتىدۇ. ئۇ جەھەتتىكى ئۇنداق ئىشلار يوق ھازىر.

مۇخبىر: ماۋۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇشۇ ئىماملىرىمنىڭ قورغان دەيدىغان بىر كەنتى بارغۇ، شۇنىڭدا بۇرۇن دىنىي كۈچلەر كۈچىيىپ كېتىپ، ۋەتەنپەرۋەر ئىماملار گەپ قىلالمايدىغان، چەتكە قېقىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ھازىر بۇ ئەھۋالدا ناھايىتى ياخشىلىنىش بولۇپ كەتتى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ھازىر قورقماي گەپ قىلالايدىغان بولدى، دېگەن گەپلەرنى يېزىپتىكەن. بۇ ئەھۋال قەيەردىن قەيەرگىچىلىكتى؟ راست، شۇنداق ئەھۋال بارمىدى سىلەرنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا؟

كادىر : 1 بۇرۇن شۇنداق ئەھۋاللار بولغان. مەسىلەن، توي-تۆكۈن قىلسا ناغرا-سۇناي چالمايدىغان، ئۆلۈم-يېتىم بولسا يىغا-زارە قىلمايدىغان، ھازىر ئۇلار كېلىپ، مانا ئەمدى توي-تۆكۈن بولسا ناغرا-سۇناي بىلەن قىلىدىغان، نەزىر-چىراغ بولسا بۇرۇنقى ئەھۋالدا كەلدى.

بىراق باشقا بىر يەرلىك كادىر يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك»كە قارشى تۇرۇشنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، دېھقانلارنى قىرقىتىدىغان قورال قىلىۋالغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئىنتايىن مۈجمەل بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇ ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك نەرسىكەن، ھاشارغا چىقمىغانلارغىمۇ كىيدۈرسە بولىدىغان» دېدى.

كادىر : 2 خىزمەت گۇرۇپپىسى تۆۋەنگە چۈشكىلى 2 يىل بولدى، بۇ يىل 2-يىلى. مۇشۇ 2 يىل جەريانىدا كەنت قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەنتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدىكى ئۆزگىرىشى بەك چوڭ. لېكىن ھازىر مۇشۇ ئەسەبىيلىك، دېگەن گەپنى ئالساق ئۇنىڭ ماھىيىتى زادى قانداق بولسا ئەسەبىيلىك بولىدۇ. زادى بۇ ئەسەبىيلىكنىڭ مەزمۇنى نېمۇ بۇ، قانداق ئىشنى ئەسەبىيلىك، دەيمىز. بۇ يەردە ناماز ئوقۇپ، ساقال قويۇش ئۇ ئۆزىنىڭكى ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادى، ئۇنى كومپارتىيە ئۆزىمى توسىمايتتى. ئۇ نورمال ئۆزىنىڭ يولى بىلەن زىيان سېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. مانىڭدا ئەمدى ماۋۇ رادىكاللىق، ئەسەبىيلىك، دېگەن چوڭ قالپاقكەن ئۇ؟. مىسال، بىر ئادەم ھاشارغا بار دېسە بارماي، بۈگۈن مېنىڭ ۋاقتىم يوق، ئاغرىپ قالدىم، ۋاقتىم يەتمەيدۇ. ماۋۇ ئۇششاق بالىلىرىمنى چىقىرىپ بەرسەم دېسە، سەن ھاشارغا بارمىدىڭ، سېنىڭ كۆز قارىشىڭ ئەسەبىيلىك، دېسە بولىدىكەن.

ئەمدى يەنە بىز كەنت گۇرۇپپىسىدىكىلەر مانى مۇنداق مۇزاكىرە قىلدۇق، سەن ماۋۇ ئىش قىل دېسە، لېكىن دېھقان ئۇ گەپنى قوبۇل قىلالمىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەسەبىيلىك، دېگەن قالپاقنى كىيدۈرسىمۇ بولىدىكەن. شۇڭا، بۇ ئەسەبىيلىك، رادىكاللىق بىلەن مىللىي مەسىلە ئوتتۇرىسىدىكى ماۋۇ مەسىلىنى خىزمەت گۇرۇپپىسى بىر تەرەپ قىلسا بولغۇدەك.

ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. لېكىن يېزا بىلەن كەنت ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ماسلاشتۇرىدىغان ئىشلارغا ئۇلار يېتىشىپ بولالمىغاچقا بىزنىڭ ماۋۇ دادۈيجاڭ، شوۋدۇيجاڭلىرىمىز دېھقانلارنى پارتىيە مەكتىپىگە يوللاپ قويىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

مۇخبىر: بايام سىز دېدىڭىز، نېمە بۇ دىنىي ئەسەبىيلىك، دەپ. بۇ مۈجمەل بىر ئۇقۇم. ھىجاپلىق ئاياللارنىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك، دەۋاتىدۇ، ساقاللىق ئەركەكلەرنىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك، دەۋاتىدۇ. ھاشارغا چىقمىغاننىمۇ سىز بايام دېگەندەك ۋاقتى كېسەل دىنىي ئەسەبىيلىك، دەپ سىياسىي ئۆگىنىشكە يوللىنىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى تۈرمىگە كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ يەردە نورمال ئىسلامى ئېتىقاد بىلەن ھۆكۈمەت، دەۋاتقان دىنىي ئەسەبىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرا ئېنىق ئەمەس.

كادىر : 2 توغرا، سىلى دېگەن بۇ ئەھۋال بىزنىڭ بۇ تۆۋەندە يوق ئەمەس. بۇ ھازىر نۇرغۇن ئىشلار بۇ مەسىلىگە چېتىلىپ، شۇنىڭ بىلەن كېلىپ چىققان ئىچكى زىددىيەتلەرمۇ كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ. بۇنىڭغا نۇرغۇن كۈچ سەرپ بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. بۇنىڭغا تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ئېغىرراقىنى تۈرمىگە يوللاۋاتىمىز، ئۇنىڭدىن ئېغىرراقىنى جىنايى ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ توختىتىپ قويۇلۇۋاتىدۇ. ھەممە زىددىيەت ئۇنداق چوڭ زىددىيەتلەردىن كېلىپ چىقمايدىكەن. ئاشۇ كىچىك-كىچىك مەسىلىلەردىن كېلىپ چىقىدىكەن. مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا دىققەت قىلىپ بولالماي چوڭ ئىشقا ئېسىلىۋالغاچقا، ئۇششاق ئىش تەرەققىي قىلىپ، چوڭ ئىشلار بارلىققا كېلىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىپ قالىدىكەن ئەمدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.