ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا كۈزلۈك ھاشار باشلاندى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.10.20
uyghur-hashar-osteng-chepish-1.jpg ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
Social Media

ھەقسىز مەجبۇرىي ئەمگەك بولغان ھاشار، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھازىرغا قەدەر يۈرگۈزۈلمەكتە. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، يېقىندىن بۇيان رادىئومىزغا كەلگەن بەزى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش باھانىسىدە، ئۇيغۇر دېھقانلارنى كۆزلۈك يىغىندىن كېيىن بىكار قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى كۈزلۈك ھاشارغا ھەيدەشكە باشلىغان. بۇ ھەقتە ئاقسۇ ۋە خوتەندىكى دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن يازىچە ئىرق-ئۆستەڭ ئەمگىكى، يول ياساش قۇرۇلۇشى دېگەندەك ئېغىر ھاشارلارنى تۈگىتىپ كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئەمدىلىكتە كېۋەز ھاشىرىغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى، ھەر ئائىلىگە كەلگەن ساننى توشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى جايلاردا ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ھاشارغا تۇتۇلغان. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھاشار ئەمگىكىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى 10 يىل ئىلگىرىلا ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ھاشار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئېغىر دەرىجىدە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردا،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ئەل رايى قۇرۇلۇشى» دەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇ قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشلىرىغا ئوخشاش دۆلەت ۋە جايلار مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان چوڭ قۇرۇلۇش ئەمگەكلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىلىپ كېلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاشارغا ئىشلەيدىغانلىقى تونۇشلۇق بىر مەسىلە. شۇنداقلا بۇ خىل قۇللۇق تۇزۇم تۈسىنى ئالغان چوڭ كىچىك ھاشارلارنىڭ پەسىل ۋە ۋاقىت ئايرىماي، يىل بويى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە، تۈرلۈك شەكىلدە، قاتتىق چارە -تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلدى.

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، يىل بويى ئېتىزغا ۋە ھاشارغا ئىشلەپ، كۈزگى يىغىنلىرىنى ئەمدى تۈگەتكەن دېھقانلار ئەمدىلىكتە يەنە ھاشارغا ھەيدىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاقسۇنىڭ شايارغا قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىزدىن دەرۋەقە شاياردا كۈزلۈك ھاشارنىڭ باشلانغانلىقى ۋە دېھقانلارنىڭ كېۋەز تېرىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، بۈگۈن كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھەر ئائىلىدىن ئىككى ئادەم ھاشارغا بېرىشى شەرتلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى، ئۆيدە ئانىسى ئىككىسىلا بولغاچقا مەكتەپكە بارماي ھاشارغا بېرىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە دائىرىلەر ھاشارغا چىقمىغانلاردىن جەرىمانە ئالىدىكەن.

بۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنكاسىدىن كېيىن، بىز شايار ناھىيىلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، بىر كىشى تېلېفوننى ئېلىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى ۋە ھاشار توغرىسىدا سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى :

بىز بۇ خىل ھاشار ئەمگەكلىرىنىڭ باشقا جايلاردىمۇ ئوخشاش يولغا قويۇلغان قويۇلمىغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىگە تېلېفون قىلدۇق، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز ئوقۇغۇچى ئۆزى تۇرۇۋاتقان كەنتتىكى دېھقانلارنىڭمۇ ھەر ھەپتە دېگۈدەك ھاشارغا بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاساسەن يول ۋە ئېرىق- ئۆستەڭ ئەمگەكلىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە بەزى ئەمگەكلەر بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ دېھقانلار ئۆيلىرىگە قايتماي ئىشلەيدىكەن. ھاشارغا بارمىغانلار كۈنىگە 100 سومدىن جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈستىدىكى بۇ قانۇنسىز زۇلۇمى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىزچىل تۈردە تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ئۇيغۇرلاردىكى ھەر قانداق نارازىلىقنى بايقالغان ھامان قاتتىق زەربە بېرىپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەلقنىڭ بۇ خۇسۇستا رەسمىي ئەرز قىلىشى مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئادالەتسىز سىياسەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھاشار ئەمگىكىنىڭمۇ نۇرغۇن قارشىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.