بۈگۈن 2-دېكابىر دۇنيا مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇققا قارشى تۇرۇش كۈنى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىدا ھاشاردىن ئىبارەت مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش تۈزۈمى داۋاملىشىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ مەسىلىنى دۇنيادىكى ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
قۇللۇق تۈزۈمى دېيىلگىنىدە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى كونا زامانلاردا مەۋجۇت بولغان، ئەمما 21-ئەسىردىن ئىبارەت ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا ئاللىقاچان يوقاپ كەتكەن بىر تۈزۈم، دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، قۇللۇق تۈزۈمى ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكتە ۋە ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان تەخمىنەن 21 مىليون ئادەم بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 11 يېرىم مىليونغا يېقىنى ئاياللار ۋە قىزلار بولسا، 9 يېرىم مىليونغا يېقىنى ئەرلەر ۋە ئوغۇللار ئىكەن. بۇ كىشىلەر ئاساسلىق خۇسۇسىيلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنسا، ئۇنىڭ ئىچىدە 2 مىليوندىن ئارتۇقى دۆلەت تەرىپىدىن ياكى ئىسيانچى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان ئىكەن.
مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك، قۇرۇلۇش، تىكىش-توقۇمىچىلىق ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە كۆچمەن ئىشچىلار ۋە يەرلىك خەلقلەر مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىكەن. شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇق تۈزۈمىنى ئاياغلاشتۇرۇش نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئەمگەك تەشكىلاتى ۋە نۇرغۇن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، 2-دېكابىر كۈنى دەل مانا بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن ب د ت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «خەلقئارالىق قۇللۇقنى يوقىتىش كۈنى.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاشاردىن ئىبارەت بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھاشار ئەمگىكىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى 10 يىل ئىلگىرىلا ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە تۈرلۈك شەكىل ۋە ناملار ئاستىدا ئوخشاش داۋام قىلماقتا. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي بېسىم ئارتىشى بىلەن ھاشار ئەمگىكىنىڭمۇ قايتىدىن ئەۋج ئېلىپ، يەرلىكتىكى دېھقان ئاممىسىنى كونترول قىلىش، ئۇلارنى تەقىب قىلىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلققە زور مەنپەئەت ئەپ كەلدى، دەپ كۆككە كۆتۈرۈۋاتقان «ئەل رايى قۇرۇلۇشى» دەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆي قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشى، سۇ قۇرۇلۇشى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان چوڭ قۇرۇلۇش ئەمگەكلىرىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش يەنى ھاشار ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدا تىلغا ئېلىنغان، ئەمما بىز مەخسۇس بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇققا قارشى كۈرەش قىلىدىغان ئورگان-تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىگە كىرگىنىمىزدە، بۇنىڭغا ئائىت بىر ئۇچۇر يوقلۇقىنى، بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاساسەن ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسى بىلەن چەكلەنگەنلىكىنى كۆردۇق. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھاشار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تولىمۇ يات بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنى تونۇتۇش ۋە كۈن تەرتىپكە ئەپ كېلىش ئۈچۈن خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى - دۆلەتنىڭ تەستىقى بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھاشار سىستېمىسى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. 30 بەتتىن تەركىب تاپقان دوكلات ھاشار ھەققىدە چۈشەنچە، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىش شەكىللىرى، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلار ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا ئورگانلارغا قويغان تەلەپلەردىن ئىبارەت 5 بۆلۈمدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ دوكلاتنىڭ ھاشارغا ئائىت رەسمىي بىر ماتېرىيال يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.