ئۇيغۇر رايونىدا قۇربان ھېيت بايراق چىقىرىش بىلەن باشلاندى، ئەنسىزچىلىك ئىچىدە داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.09.01
meschit-bayraq-chiqirish-1.jpg ئۇيغۇر رايونىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدە مەسچىتنىڭ ئالدىدا بايراق چىقىرىۋاتقان كۆرۈنۈش.
xjts.cn

بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋە يېڭىسارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قۇربان ھېيتتىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال ئاھالىلەرگە ھېيتنى تىنچ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مۇقىملىققا ئائىت مەزمۇنلاردا ئىرادىنامە يازدۇرۇلغان. ناماز كۈنى ناماز باشلىنىشتىن ئاۋۋال مەسچىتتە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن؛ ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئاھالىلەر كەنتكە توپلىنىپ يەنە ۋەزىيەت ھەققىدە سىياسىي ئۆگىنىش ئېلىپ بارغان. يېڭىساردىكى بىر نۆۋەتچى خادىم، بۈگۈن كەنتلەردىكى سىياسىي پائالىيەتلەر سەۋەبلىك كوچىلاردا ئادەم يوقلۇقىنى بايان قىلسا، يەنە بىر دېھقان مۇناسىۋەتسىز ھالدا پارتىيىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق، كۆڭلىدىكى ئەنسىزچىلىكنى ئاشكارىلىدى.

بىز ئۇيغۇر رايونىدىكى ھېيت ۋەزىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يېڭىسار ۋە خوتەندىكى بىر قىسىم جايلارغا تېلېفون قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە يېڭىسارنىڭ ساغان يېزىسىدا ھېيت نامىزىدىن ئاۋۋال بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. جامائەت نامازدىن كېيىن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا توپلىنىپ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن ۋە مۇقىملىق تەدبىرلىرىگە بويسۇنۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نۆۋەتچى خادىم، ھەر ھېيت كۈنى ئاۋاتلىشىدىغان يېزا بازىرىدا بۈگۈن كوچىلاردا ئادەم شالاڭ، ھەتتا قۇرۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۈگۈن خوتەن شەھەر ئىچىنىڭ ئىلچى بازىرى ۋە شورباغ يېزىسىدىمۇ ھېيت نامىزىدىن ئاۋۋال بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بەزى كەنتلەردە بايراق چىقىرىش مەسچىت قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلسە بەزىلىرىدە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

بىز بۈگۈن بىر ئامانلىق خادىمىدىن، مەسچىتلەردە بايراق چىقىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ كىم تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ ئاتالمىش بەختىيار تۇرمۇشنى كىم ئاتا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ياكى خاتا بىلىپ قالماسلىقى كېرەك. ئامانلىق خادىمىنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، دائىرىلەر ئاھالىلەردە «بىزگە رىزقىنى ئاللاتائالا ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسى بېرىۋاتىدۇ» دېگەن ھېسنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، مەسچىتتە بايراق چىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

يۇقىرىقى ئامانلىق خادىمى، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتتە ئاھالىلەرنىڭ توغرا-خاتا ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چارىسىز ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىدى.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان، سوئالىمىزغا مۇناسىۋەتسىز ھالدا پارتىيىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى خاتالىشىپ قېلىش ئەندىشىسى ۋە ئەنسىز كەيپىياتىنى ئاشكارىلىدى.

كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يېزىلاردىكى بەزى كادىر ۋە دېھقانلارنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىلقى قۇربان ھېيت ئۇيغۇر رايونىدا يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئومۇملاشقان ۋە كېڭەيگەن ۋە كەنتلەردە نۆۋەتتە كۆپ ساندا كىشى يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇتقۇندىكى ئائىلە-ئەزالىرىنىڭ غەم ئەندىشىسى بىلەن كۈن ئۆتكۈزسە، بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭمۇ ئويلىمىغان بىر سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشىدىن قورقۇپ ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ئۆتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.