خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنتېرنېت ساھەسىنى «جەڭ مەيدان»غا ئايلاندۇرۇشى تەنقىد قوزغىدى
2016.01.19
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى مۇدىرى لو فۇيۇڭ يېقىندا خىتاي ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا «ئىنتېرنېت تورى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بولۇپ، دائىرىلەر ئىنتېرنېت ئۇچۇر ساھەسىدە مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋام قىلماقتا. خىتاينىڭ تور بىخەتەرلىكى نامىدا يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە خەلقئارادا ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى ت. كۇمار ئەپەندى خەلقئارا ئىنتېرنېت تېخنىكا شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىماسلىققا، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ سىستېمىلىق باستۇرۇشلىرىغا دىپلوماتىيە جەھەتتىن قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىدىن ئىبارەت بۇ ئورگان، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورۇن بولۇپ، مەزكۇر ئورگان مۇدىرى لو فۇيۇڭنىڭ بايانىچە، بۇ ئورۇن «بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ». ئۇنىڭ تور ساقچىلىرى تور بەتلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى 24 سائەت كۆزىتىپ، ئاتالمىش «قانۇنسىز ۋە زىيانلىق» ئۇچۇرلارنى تازىلاشقا، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق تور بەتلىرىنى قامال قىلىشقا مەسئۇل.
شىنخۇا تورىنىڭ 7-يانۋار خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لو فۇيۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ» دەپ تەكىتلىگەنلىكى نەقىل ئېلىندى. ئۇنىڭ «جۇڭگو ئۇچۇر تورى»غا بەرگەن دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، رايون تەۋەلىكىدە 2014-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە 15 مىڭدىن ئارتۇق تور بەتلەر ئەنگە ئېلىنغان بولۇپ، تور ئابونتلىرى سانى 11 مىليون 390 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت تىلى قوللىنىدىغانلار يېرىم مىليوننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى تورنىڭ قاپلاش نىسبىتى جەھەتتە خىتاي بويىچە 9 ئورۇندا تۇرىدىكەن.
لو يەنە دائىرىلەرنىڭ 1500 دىن ئارتۇق تور بەتلەرگە ئاپتوماتىك مەلۇم قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلغانلىقىنى، 14 ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدە ھازىرغىچە 1800 كىشىلىك تورنى تەقىب قىلىش مەخسۇس قوشۇنى تەشكىللەنگەنلىكىنى، 2014-يىلى -6 ئايدىن باشلاپ مەخسۇس تېررورلۇققا، دىنىي ئاشقۇنلۇققا ئائىت كۆرۈنۈش ۋە ئۇچۇرلارنى توسۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدىكى مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا پاش بولۇپ جازا كۆرگەنلەر سانى مىڭغا يەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتېرنېتقا قاراتقان كونترولىنى مىسلىسىز كۈچەيتىپ، ئىنتېرنېت باشقۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك قائىدە-قانۇنلارنى يولغا قويماقتا. خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قامالى داۋاملىق خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.
2015-يىلى 6-ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «شىنجاڭ ئىنتېرنېت تورى قانۇنسىز ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش سۇپىسى» نىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ئارقىلىق دائىرىلەر كىشىلەرنىڭ تېلېفون، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق توردىكى ئاتالمىش «زىيانلىق ئۇچۇرلار» نى پاش قىلسا بولىدىغانلىقىنى، تور ساقچىلىرىنىڭ پاش قىلىنغان ئەھۋاللار ئارقىلىق «توردا دۆلەت بىخەتەرلىكى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، رادىكال دىنىي ئەقىدىلەرنى تارقىتىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللىغانلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغان» لىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
رادىيومىزنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچى،خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن جايلاردا ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكەنلىكى ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق دوستلار چەمبىرىكىگە مىللىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇر، قىسقا ماقالىلەرنى يوللىغانلىقى سەۋەبلىك ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر قەدەر كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم.
بۇ ھەقتە ئىلگىرى رادىئومىزدا خەۋەر قىلغىنىمىزدەك، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرى ئاۋات ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» بويىچە 30 نەچچە ئۇيغۇر گۇماندار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم. ئىنكاسلارغا قارىغاندا بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 نەپەر ئوقۇش يېشىدىكى ياش تېلېفوندا «قانۇنسىز دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار» نى تارقاتقانلىقى ياكى كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك ئالدىغا 15 يىللىق، كېيىنكىلىرىگە 3 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى مۇدىرى لو فۇيۇڭنىڭ دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشىغا ھەر يوسۇندا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى، يېقىنقى يىللاردا ئالاھىدە قانۇن، سىياسەتلەر ئارقىلىق ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تېخىمۇ سىستېمىلاشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل قاتتىق قامال قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان تەشۋىقات ئۇچۇرلاردىن باشقا تەرەپسىز ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشىنى توسسا، يەنە بىر تەرەپتىن رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەت ۋە تور بەت قوللانغۇچىلىرىغا قاراتقان قامالى خىتاي ئۆلكىلىرىدىنمۇ ئېغىر شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يىلدىن يىلغا ناچارلاشماقتا» دەپ كۆرسەتتى.
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىغىچە: خىتاينىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى باستۇرۇش باھانىسىدە ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ساھەسىنى قاتتىق نازارەت قىلىشى ۋە قاتتىق باستۇرۇشىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئەركىنلىك ۋە ئېتىقاد ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كەچكۈزۈش، تۈرلۈك چەكلىمە، قانۇنلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ئىگىلىشى ۋە تارقىتىشىنى كونترول قىلىشىنىڭ ئۆزىدىنلا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ساھەسىگە بولغان ئەندىشىسىنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى قامالىنى قانچە كۈچەيتسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئارزۇسىنى، ئېتىقادىنى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن باستۇرۇپ بولالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ئەركىنلىك سارىيى يېقىندا ئېلان قىلغان 2015-يىللىق ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى دوكلاتىدا خىتاي بۇ يىلمۇ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەت دەپ باھالىنىپ ئىران ۋە سۈرىيەنىڭ كەينىگە تىزىلغان ئىدى، خىتايدىكى ئىنتېرنېت چەكلىمە دەرىجىسى 2014-يىلدىكىدىنمۇ چېكىنگەن بولۇپ، ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ئىنتېرنېتتىكى «سىياسىي، ئىجتىمائىي مەزمۇنلار چەكلىنىدىغان، تور يازغۇچىلىرى قولغا ئېلىنىدىغان، ئاخبارات ئەركىن بولمىغان» دۆلەت دەپ كۆرسىتىلگەن.خىتاينىڭ تور بىخەتەرلىكى باھانىسىدە سۆز، مەتبۇئات، ئۇچۇر -ئالاقە ۋە دىنىي ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى ھەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىمۇ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغاۋاتقان نېگىزلىك مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى ت. كۇمار ئەپەندى: «خىتاي دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئەڭ ناچار دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە، بىزدە تېخىمۇ زور ئەندىشە قوزغايدىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى باستۇرۇشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئىزچىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلار جۈملىدىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمىزنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ساھەدە ھېچبىر ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىدى» دەپ تەنقىد قىلدى.
ت. كۇمار ئەپەندى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل ئىنتېرنېت كونتروللۇقىغا قارشى ئالالايدىغان تەدبىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ناچارلاشماقتا، بىز دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي بىلەن تور ئۇچۇر ساھەسىدە ھەمكارلىشىۋاتقان بارلىق شىركەتلەرنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ كىشىلىك ھوقۇقنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشىغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلماسلىققا، ھەمكارلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن تەڭ، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى باستۇرۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، تېگىشلىك دىپلوماتىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا چاقىرىمىز.» دېدى.
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئۈندىدار، مىكروبلوگ قاتارلىق ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۇچۇرى تەييارلاش، كۆپەيتىش، ئېلان قىلىش، تارقىتىش، ساقلاش قاتارلىقلارنى سادىر قىلغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغان يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى كۆرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ يەرلىك مىزانىنى 2015-يىلى 1-نويابىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويغان ئىدى.