خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى

0:00 / 0:00

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2014-يىللىق تور ئۇچۇر ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تور ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ تېخىمۇ قاتتىق قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. دوكلات 12-مارت ئېلان قىلىندى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ 2014‏-يىللىق تور ئەركىنلىك دوكلاتىدا، دۆلەتلىك تور ئۇچۇر ئىشخانىسى (SIIO) نىڭ «سەددىچىن توسمىسى» تور كونترول سىستېمىسى ئارقىلىق پۈتكۈل خىتاينىڭ تور ئۇچۇرىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بەزى رايونلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ تىبەت، ئۇيغۇر ئىلى ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئاپتونوم رايونلاردىكى تور ئۇچۇر ئالاقىسىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى دۇنيادىكى ئەڭ مەركەزلەشكەن تور ئاخبارات كونترول ئورگىنى بولۇپ، ئۇ ئۇچۇر كونترول قىلىش ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە بولۇشتىن باشقا، تور مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرنى چىقىرىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە.

دوكلاتتا، تور چەكلىمىسى تىبەت ئىچكى، موڭغۇل ۋە شىنجاڭ قاتارلىق «ئاپتونوم رايونلار» دا باشقا ئۆلكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جىددىي ۋە تېخىمۇ ئىزچىل يولغا قويۇلماقتا. بۇ رايونلاردا «تۋىتتېر»، «فېيىسبوك» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار چەكلەنگەن بولۇپ، ۋاسىتىلىك يوللار ئارقىلىق تور چەكلىمىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىگە كىرىش تېخىمۇ خەتەرلىك، دەپ كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا يەنە، بۇ رايونلاردىكى تور تېزلىكىنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە ئاستى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، تور سۈرئىتى شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە 4 مىگا بىت بولسىمۇ، بىراق بۇ رايونلاردا 1.5 مىگا بىتكە يەتمەيدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇچۇر مەزمۇنىغا قارىتىلغان كونتروللۇق تېخىمۇ قاتتىق، مىكرو بلوگچىلارغا قارىتىلغان مۇئامىلە تېخىمۇ قوپال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بېنجامىن ئىسمائىل، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تورنىلا ئەمەس، 3 خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، بۇ رايوندىكى خەلقنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: بۇنداق كونترول قىلىۋاتقانغا ئۇزۇن يىللار بولدى. بۇ رايونلار نوقۇل ئۇچۇر ئەركىنلىكى ياكى تور چەكلىمىسى جەھەتلەردە تېخىمۇ قاتتىق سىياسەتكە دۇچار بولۇپلا قالمىدى. ھالبۇكى، ئۇلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىچكى سىياسەتنىڭ چەكلەش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. سىزنىڭ «3خىل كۈچلەر» ھەققىدىكى تەبىردىن خەۋىرىڭىز بار. بېيجىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ھەققىدىكى بۇ تەبىر ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاھالىگە تەتبىقلىنىپ، بۇ رايوننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش، تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ۋە تېخىمۇ قاتتىق يېتىم قالدۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىپ قوللاندى. تىبەت ۋە شىنجاڭدا تورغا ئۇلىنىش چىقىش تېخىمۇ مۇرەككەپ. بەزى جايلاردا ئاھالىنىڭ تورغا ئۇلىنىش ئىمكانىيىتى چەكلىك، دەپ كۆرسەتتى.

بىنيامىن ئىسمائىل يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە پۇقرالارنىڭ توردىكى پائالىيىتى، كىملىكى، ئۇلارنىڭ قانداق ئۇچۇرلارنى يوللاۋاتقانلىقى ۋە قانداق ئۇچۇرغا ئېرىشىۋاتقانلىقى نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: تورداشلارنىڭ كىملىكى قاتتىق نازارەت قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى كونترول قىلىنىدۇ، ئۇلار بىر تۇتاش تورغا كىرىش مەشغۇلىيىتى بېجىرىشى كېرەك. بۇ دائىرىلەرگە تورداشلارنىڭ تورغا كىرگەندە قانداق تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى، قانداق مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى چاپلىغانلىقى ياكى يوللىغانلىقىنى كونترول قىلىشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئىنتايىن قاتتىق كونتروللۇق شۇنداقلا مەزكۇر رايوندىكى ھەرقانداق پۇقراغا ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى، تور باشقۇرغۇچى ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى سىمۋوللۇق ۋەقە، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم نەزەربەند قىلىپ قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل 15‏-يانۋار ئۇنى يەنە تۇتقۇن قىلىپ، يېقىندا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

بىنيامىن ئىسمائىل ئىلھام توختىنىڭ سىياسىي مەھبۇس ياكى ۋىجدان مەھبۇسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان مۇئامىلىسى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: بىز ئىلھام توختىنى بىر سىياسىي مەھبۇس ياكى ۋىجدان مەھبۇسى، دەپ قارايمىز. ئۇ ئىقتىسادىي پەنلەر ئوقۇتقۇچىسى، مىكرو بلوگچى ۋە ژۇرنالىست. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ كەلگەن. ئۇ، تىنچلىق ۋە دىئالوگ تەشەببۇسچىسى. ئۇ يەنە، پۇقرالار ئەركىنلىكىنى قوللاپ، ئۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە قوزغاپ كەلگەن ئىلمىي خادىم. بىراق، ئۇ ھېچقاچان دائىرىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى. دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىغا تۇتقان مۇئامىلىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىدە قولغا ئېلىنىپ خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئائىلىسىگە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمەسلىكى، خىتاي ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئۇنى ئۇيغۇر ئىلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ قەيەرگە سولانغانلىقىنى ئېلان قىلماسلىقى ئەمەلىيەتتە گۆرۈگە تۇتۇۋالغانلىق ۋە مەجبۇرى ئىز-دېرەكسىز يوقاتقانلىق، دەپ كۆرسەتتى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كونكرېت ئىجتىمائىي ۋەقەلەردە تورنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەردە دائىم ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە «دىيارىم»، «ئۇلىنىش»، «شەبنەم» قاتارلىق ئەڭ داڭلىق تور بەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، شۇ يىلى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ 85% تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېنجامىن ئىسمائىل، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم 1‏-مارت «كۇنمىڭ ۋەقەسى» دە ئوخشاشلا ئۇچۇرنى كونترول قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى «كۇنمىڭ ۋەقەسى» گە ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ماددىي پاكىت ئېلان قىلىپ باقمىغان. نەتىجىدە بۇ ھەر خىل گۇمانى سوئاللارنى پەيدا قىلغان ئىدى.

خىتاي ئاخباراتى پەيشەنبە كۈنى يۈننەن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغان 8 كىشىنىڭ 3 نەپىرى ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىككى كۈن ئاۋۋال قولغا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ تور جامائەت پىكرىدە بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئالاقىدار گۇمانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ھۇجۇمغا قاتناشقان 8 كىشىنىڭ 4 نەپىرى ئېتىپ تاشلانغانلىقى، بىر ئايالنىڭ يارىلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ھۇجۇمغا قاتنىشىپ قېچىپ كەتكەن 3 كىشىنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بېنجامىن ئىسمائىل: ئۇلار بۇ قېتىم كۈنمىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يوليورۇق بېرىپ، پەقەت شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. تەشۋىقات بۆلۈمى ھەقىقىي ئاخباراتچىلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ ۋەقە توغرۇلۇق خەۋەر بېرىشكە يول قويمىدى، دەپ كۆرسەتتى.