2-سېنتەبىر تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن بىر خەۋەردە، بۇ يىل 80 مىڭغا يېقىن ستۇدېنتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى، ئۇلاردىن ھازىرغىچە 45 مىڭدىن ئارتۇقىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، 2012-يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلغان ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئىش كۈتۈپ تۇرغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېزا، كەنتلەردە كەنت كادىرى، ساقچى، ياردەمچى ساقچى، ئامانلىق قوغدىغۇچى، تازىلىق ئىشچىسى، ئاشخانا-رېستورانلاردا كۈتكۈچى قاتارلىق ئۆز كەسپىدىن پۈتۈنلەي يات بولغان خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشقانلىقى، 2014-يىلدىن كېيىن ئوقۇش تۈگەتكەن ستۇدېنتلار بولسا قايتا تەربىيىلىنىش نامىدا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرى ۋە ياكى ئۆز يۇرتلىرىدا ھەر خىل كۇرسلارغا قاتنىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۆتكەن ھەپتە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلارنىڭ 57% نىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئەمما تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردە، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زادى قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
رادىئومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، پەقەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قارىماي شەھىرىدىلا 2000-يىللاردىن بۇيان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ستۇدېنتلارنىڭ 2013-يىلى 6-ئايغا قەدەر 6000 دىن ئاشقانلىقى ئىنكاس قىلىنغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان، بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىۋېرسىتېت تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن كېيىن، قارىماي شەھىرىدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قارىماي شەھىرىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
قارىمايدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، بىرقانچە يىل ئىلگىرى قارىماي شەھىرىدىن 10 نەچچە نەپەر ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى توغرىلىق ئەرز قىلىپ، بېيجىڭغا قەدەر بارغان بولسىمۇ، ئەمما بىرقانچە يىلدىن بۇيان قارىمايدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ھەل بولماي كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-يىلى ياز پەسلىدە ئىشسىز قالغان بالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا قەدەر ئەرز قىلىپ بارغان قارىمايلىق ئانىلاردىن بىرەيلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە قارىماي شەھىرىدە پارىخورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا نېفىت ساھەسىدىكى بەزى ئەمەلدارلار جازالانغان بولسىمۇ، قارىمايدىكى يەرلىك خەلقنى ئۈزلۈكسىز نارازى قىلىپ كېلىۋاتقان، زور تۈركۈمدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت مەسىلىسى يەنىلا ھەل بولمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۆت بالىسىنىڭ ھېلىمۇ ئىشسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم يەنە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەشۋىقاتىدىكى «ئىشقا ئورۇنلاشتى» دېگەن ستۇدېنتلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە «تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش» نامىدىكى ۋاقىتلىق ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگىتىپ كېلىپ مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقان قىزىنىڭمۇ بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلار قىسقارتىلغىنى ئۈچۈن يەنە ئىشسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم يەنە، قارىماي نېفىتلىكىدىكى تېخنىكىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا، يۇقىرى مائاش ۋە ھەقسىز ئۆي بېرىش شەرتى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «تېخنىك ئىشچىلار» نامىدا يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېمتىھانسىز ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە ئىلگىرى قارىماينى ئېچىش ۋە بۇ نېفىت شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرىنىڭ بولسا، تۈرلۈك ئېمتىھانلار توسالغۇسى بىلەن ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشىغا قارىتا قارىماي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن يەنىلا ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز قارىماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت، قارىماي شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىسى ۋە مائارىپ ئىدارىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېت تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما بۇ ئىدارىلارغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى دىيارىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خانىم، غۇلجا شەھىرىدە ئىككى يىلدىن بۇيان «ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا، ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ ئۇنىۋېرسىتېت تۈگىتىپ كەلگەن ياشلارنى تىزىملاش ئىشىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلى دىيارىدا يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ يەنىلا تۆۋەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم ھۆكۈمەتنىڭ «ئىشسىز ياشلار ئىشقا ئورۇنلاشتى» دېگەندەك خەۋەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئاتالمىش ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە يېزا، كەنتلەردىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى، ساقچىخانىلاردىكى ياردەمچى ساقچى، تازىلىق ئىشچىسى، رېستوران كۈتكۈچىسى دېگەندەك ئىشلار ئىكەنلىكى، مەكتەپلەر قوش تىللىق قىلىۋېتىلگىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قىسقارتىلىپ، ئورنىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن«شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن خىتاي ستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئىشقا ئېلىنىۋاتقانلىقى، 19 ئۆلكىنىڭ ياردىمى نامىدا ئىلى دىيارىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە كانلارغا يەنىلا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ «تېخنىك ئىشچىلار» دېگەندەك ناملاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنى داۋاملىق ئىگىلەپ دىققىتىڭلارغا سۇنۇشقا تىرىشىمىز.