ئۇيغۇر ياش: كىملىك تەكشۈرۈش ۋەتەننى تەرك ئېتىشىمگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى (1)

0:00 / 0:00

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېقىندا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر ياش، خىتاينىڭ كىملىك تەكشۈرۈشلىرىنىڭ جېنىغا تەگكەنلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق 12-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش پروگراممىسىنىڭ 29-، 31-مارت كۈنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى» غا قاتناشقان ياشلار ئىچىدە ئېلى ھاجى ئىسىملىك بىر ياشمۇ بار ئىدى. بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگىنىگە يېرىم يىل بولغان بۇ ياش، شۇ كۇرستا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، يات بىر مەملىكەتكە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، كۇرس قاتناشقۇچىلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن بىز ئۇنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن كىملىك تەكشۈرۈش ۋەقەلىرى ھەققىدىكى ھېكايىسىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى لايىق كۆردۇق. ئېلى ھاجىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، كىملىكىگە ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىققا ماقۇل بولدۇق.

مەلۇم بولغىنىدەك، دۆڭكۆۋرۈك ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاۋات سودا مەركەزلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ جاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈرۈمچىنىڭ ھېيتگاھسى بولۇپ، يۇرت-يۇرتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن داۋاملىق قاينام تاشقىنلىققا تولىدىغان مىللىي بازار ئىدى. ئېلى ھاجى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مانا مۇشۇ دۆڭكۆۋرۈك مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر خىزمەتچى ئائىلىسىدىن بولۇپ، ئۆزى ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم ئورنىدا ئىشلەيدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى ئەشەددىيلەشكەن كىملىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان رايونلارغا يەنە كۆپلەپ قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى قىيىنلاشتۇرۇشقا باشلىغان. دۆڭكۆۋرۈكتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بۇ بېسىمغا ھەر كۈنى ئۇچراۋېرىپ، ھەتتا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە يەتكۈدەك دەرىجىدە بىزار بولغان. شۇلارنى بىرى، بۇ ھېكايىنى سۆزلەۋاتقان ئېلى ھاجىدۇر.

ئېلى ھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن خىزمەت ئورنى ئارىسىغا قۇرۇلغان خىتاينىڭ ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىدىن كۈندە نەچچە مەرتەم ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. ئەمما، قانچە قېتىم ئۆتسە، شۇنچە قېتىم تەكشۈرۈلىدىكەن.
ئېلى ھاجى ئۆيى بىلەن خىزمەت ئورنى ئارىسىدىكى بۇ ساقچى پونكىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا تەكشۈرىدىغانلىقىنى، كۈنىگە مىڭلارچە خىتاي بۇ يەردىن ئۆتسىمۇ، ئۇلارغا قاراپمۇ قويمايدىغانلىقىنى كۆزىتىپ، ئۆزىنىڭ ئانا تۇپرىقىدا ئۇچراۋاتقان بۇ ھەقسىز مۇئامىلىلەرنى ھار ئېلىشقا، غۇرۇرىنىڭ ھاقارەتلىگەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش نىقابىدا كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، تۇتۇپ سولاش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بۇ ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا باھانە تېپىپ زەربە بېرىشنى كەسىپ قىلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئېلى ھاجى، خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە بەند قىلىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يالغۇز ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىلا 960 دىن ئارتۇق تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم يول يۈرۈشىمۇ توسالغۇلارغا ئۇچرىماقتىكەن. بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە كۆرگەنلا يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكلىرىنى، قول تېلېفونلىرىنى تەكشۈرۈش ئومۇملاشقان. بۇ خىلدىكى زوراۋانلىقلارغا ئۇيغۇرلار لېۋىنى چىشلەپ سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلانماقتىكەن.