مۇخبىرىمىزنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا بۇ ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك-بانكىسى ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان جەمئىي 154 نەپەر بانكا خادىمنىڭ بارلىقى، بۇلاردىن 17 نەپىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 4 نەپىرىنىڭ ھەرقايسى ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا يەنە بۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ كەسپىي جەھەتتىن خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكى، پەقەت «سىياسىي ئىشەنچسىزلىك» ياكى «ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
مەكىت ناھىيەسىدە بىر بالىنىڭ جەسىتىنىڭ دەريادىن سۈزۈۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر دەلىللەنگەندىن كېيىن، بىز بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ناھىيەدىكى مەلۇم بىر ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭمۇ توغرىلىقى ئۈستىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان بولساقمۇ، ئەمما بانكا ساھەسىدىكى خادىملارنىڭمۇ بۇ قېتىمقى يىغىۋېلىش دولقۇنىدا ئوخشاش دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەت كادىرلىرىنى يىغىۋېلىشقا ئاپىرىشقا ئايرىم ساقچىخانىلار مەسئۇل بولغان ئىكەن. مەسىلەن، ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە بانكا ساھەسىدىكىلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئاپىرىشقا ناھىيەلىك ئورمان ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرى مەسئۇل بولغان. مەسئۇل ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا-ئىگىلىك بانكىسى ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان 154 نەپەر خادىم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتە 17 نەپىرى يىغىۋېلىش لاگېرىدا سولىنىپ ياتماقتىكەن. يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەردىن 4 نەپىرى تارماق بانكا مۇدىرلىرى بولۇپ، بۇلار پەيشەنبەبازار ئامانەت-قەرز كوپىراتىپنىڭ مۇدىرى مەمەت نىياز، 45ياش؛ تاشئېرىق يېزىلىق ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى مارىگۈل قادىر، 47 ياش؛ بازارلىق ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى ئالىم ئەخەت، 32 ياش؛ تاشئېرىق يېزىلىق ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ قوغداش مۇدىرى سەمەت قادىر قاتارلىقلار ئىكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پارتىيە مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلىنغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئاپىرىلغان. توقسۇ ناھىيەسىدە يېزا-ئىگىلىك بانكىسى ساھەسىدىن تۇتۇلغان 17 خادىم توقسۇ ناھىيەلىك «3 -تەربىيەلەش مەركىزى»، يەنى پارتىيە مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان يىغىۋېلىش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا-ئىگىلىك بانكىسى ساھەسىدە ھېچقانداق كەسپىي خىزمەت ياكى سىياسىي خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن، پەقەت «ئىدىيەسىدە مەسىلە بار» دەپ گۇمان قىلىنغان 17 نەپەر خادىمنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
0:00 / 0:00