ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.08.22
lager-turpan-xalmurat-uyghur.jpg تۇرپانغا سېلىنغان مەلۇم «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى».
Social Media

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى يېقىندىن تەتقىق قىلىۋاتقان بەزى ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، يەنى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى بەزى جايلاردا بۇ لاگېرلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتمەكتىكەن ۋە ياكى يېڭى لاگېرلارنى قۇرماقتا ئىكەن.

بىز بۈگۈن كۈنى ئېرى بۇ يىل 5‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان پىچان ناھىيەسى لەمجىن كەنتىنىڭ تۇرغۇنى گۈلنۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈش داۋامىدا تۇرپاندا يېڭىدىن ئىككى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بايقالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق.

مەزكۇر تۇتقۇننىڭ ئۇچۇرى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەر لاگېرلارنىڭ بىرىنىڭ تۇرپان چىچان بازىرىدا، يەنە بىرىنىڭ تۇرپان شەھەرلىك قاماقخانىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خالمۇرات ئۇيغۇر سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تۇرپاندىكى لاگېرلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ چارشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا چېچان بازىرىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ مەزكۇر بازاردىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىنىڭ يېنىغا قۇرۇلغانلىقى، لېكىن بۇنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەلىللەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خالمۇرات ئۇيغۇر: «تۇرپاننىڭ 3 بازىرى بار. بىرى، لۈكچۈن بازىرى، بىرى چىچان بازىرى، يەنە بىرى داخېيەن بازىرى. چىچان بازىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ شىمالىغا جىق كەلسە 10-20 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ يەردە بىر كۆمۈر كان بار، ئۇ بىر تاغلىق رايون. بۇ يەرگە بويلۇقتىن ئۆتۈپ بارىسىز. گۇگۇل خەرىتىسىگە قارىسىڭىز، بويلۇقتىن ئۆتۈپ داۋاملاشقان بىر يول بار. تاغنىڭ ئارىسىدا قاپ-قارا بىر نېمىلەر، ئۆيلەر بار. شۇ يەردە چىچان بازىرى بار. ئۇنىڭ يېنىدا بىر زاۋۇت بارمىش. (لاگېر) شۇ زاۋۇتنىڭ يېنىغا قۇرۇلغانمىش. ئۇ يەر ئۆلۈم خەۋپى ئەڭ چوڭ لاگېرلارنىڭ بىرى، چۈنكى ئەتراپنىڭ مۇھىتى بۇلغانغان، يەنە بىرى ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى ئانچە ياخشى ئەمەس. بۇرۇن ئىشچىلارنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن سېلىنغان يەر ئىكەن، شۇنى ئۆزگەرتىپ ياساپ چىققان ئىكەن، شۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم.»

مۇخبىر: بۇرۇن نېمە قىلىپ ئىشلىتىپتىكەن بۇ ئورۇننى؟

خالمۇرات ئۇيغۇر: «بۇرۇن ئىشچىلار تۇرغان ئورۇن ئوخشايدۇ. ئىشچىلار تۇرغان ئورۇن ئىكەن. ئىشچىلار تۇرغان ئاشۇ ئورۇننى چوڭايتىپ، ئازراق ئۆزگەرتىپ، ئەتراپىغا قورشاۋ تاملارنى قوپۇرۇپ، ئاندىن كۆزىتىش مۇنارلىرىنى سېلىپ شۇ يەرنى لاگېر قىلغان ئوخشايدۇ. مېنىڭ ئىگىلىشىمگە قارىغاندا. لېكىن گۇگۇل خەرىتىسىدىن بۇنى تېخى ئېنىقلاپ دەلىللەپ بولالمىدۇق. ھازىر چىچان بازىرىغا ھېچكىمنى كىرگۈزمەيۋېتىپتۇ. بىلىشىمچە، چىچان بازىرىدا جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتىمۇ بار ئىكەن. ئاندىن كېيىن بايامقى زاۋۇت بار ئىكەن، لېكىن ئۇ زاۋۇتنىڭ نېمە ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئۇققىلى بولمايتتى. شۇڭا چىچانغا سىرتنىڭ ماشىنىلىرىنى كىرگۈزمەيۋاتقان ئوخشايدۇ.»

خالمۇرات ئۇيغۇر ئاتا-ئانىسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا ئانىسىنىڭ چىچاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغانلىقىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن، لېكىن دادىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر يوق ئىكەن.

خالمۇرات ئۇيغۇر: «ئاپام 2017‏-يىلى ئاپرېلدىن ھازىرغىچە، ئاتام 2018‏-يىلى يانۋاردىن ھازىرغىچە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئاتامنىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغىلى بولمىدى. ئاتامنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكىرىپ كەتتى دېگەن ئىدى. باشقىلار لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقانلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلەيدىغان ئوخشايدۇ، بەزى ئەھۋاللاردا. لېكىن ئاتامنىڭ ئەھۋالىنى ھېچ ئۇقالمىدىم. داخىيەندە ئىكەن دېگەن گەپنى قىلىپتىكەن. داخىيەنگە بېرىپ ئىزدىسە بۇنداق ئادەم يوق دېگەن گەپنى قىلغان ئوخشايدۇ. شۇڭا ئاتامنىڭ قانداق تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقمايمەن. لېكىن دەسلەپتە ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلدى، داخىيەندە دېگەن. ئاپام بىلەن ئىككىسىنىڭ بىر يەردە ياكى بىر يەردە ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىدىم، ئاخىرى. بىر يەردە ئەمەسكەن. ئاپامنىڭ نەدىلىكى ئېنىقلاندى، چىچانخۇدا ئىكەن.»

مۇخبىر: ئۇلا ئىلگىرى نېمە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى؟

خالمۇرات: «ئىككىلىسى پىنسىئونېرلار ئىدى. ئاپام ‹تۇرپان گېزىتى› دە ئىشلەيتتى، بۇرۇن مۇخبىرلىق قىلغان بىر مەزگىل. ئاخبارات خىزمىتى ئىشلەيتتى. ئاتام ھۆكۈمەتتە تەرجىمانلىق قىلغان، بۇرۇنقى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ تەرجىمانى ئىدى.»

تۇرپان شەھىرىدە قۇرۇلغان يىغىۋېلىش لاگېرىدىن ھازىرغا قەدەر بىرى ئېنىقلانغان ئىدى. مەزكۇر يىغىۋېلىش لاگېرى تۇرپان شەھىرىدىكى «ئۈزۈمچىلىك بىلەن يېڭى ئېچىۋېتىلگەن رايوننىڭ ئارىسىدىكى سايلىققا جايلاشقانلىقى» مەلۇم بولغان ئىدى.

كانادادىكى بىرىتانىيە كولومبىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانۇن ئوقۇغۇچىسى شاۋىن جاڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ۋە خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى 20 نەچچە يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئورنىنى بايقاپ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. شاۋىن جاڭ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تۇرپان شەھەرلىك قاماقخانىنىڭ يېنىدا يەنە بىر لاگېرنىڭ بارلىقىنى بايقىغانلىقى، لېكىن بۇنى ھۆددىگەرلىك توختامى دېگەندەك ھۆججەتلەر ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەلىللەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاۋن جاڭ مۇنداق دەيدۇ: «تۇرپاننىڭ ئىدىقۇت رايونىدىكى بىر لاگېر ‹ۋول-سترېت ژۇرنىلى› گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. بۇ لاگېر ئىدىقۇت رايونىدا، لېكىن تۇرپان شەھەرلىك قاماقخانىنىڭ يېنىدا يەنە بىرى بار. مەن قاماقخا يېنىدىكى لاگېرنى تېخى ھۆددىگەرلىك توختامى دېگەندەك ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىمىدىم. مەن پەقەت سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان رەسىمدىكى قۇرۇلۇشلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ پىكىرگە كەلدىم. رەسىمدىكى قۇرۇلۇشتىكى سىم توسۇق، كۆزىتىش مۇنارى دېگەندەك ئەسلىھەلەرنىڭ ‹ۋول-سترېت ژۇرنىلى› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان يىغىۋېلىش لاگېرى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.»

شاۋن جاڭ يېقىندا يەنە ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قەشقەر كونا شەھەردىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ قۇرۇلۇشى كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ مەزكۇر لاگېرنىڭ قەشقەر كونا شەھەردىكى ئەڭ چوڭ لاگېرلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، يېقىندا بۇ لاگېردا بىر يېمەك-ئىچمەك كارخانىسىنىڭ پەيدا بولغلانلىقىنى بىلدۈرگەن. شاۋن جاڭ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا «لاگېردىكى بۇ كارخانىنىڭ ئىككى ئېھتىماللىقى بار» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يېقىندا گۇگۇل سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان رەسىملەردە يېڭىلىق بايقالدى. مەن قەشقەردىكى لاگېرنىڭ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. رەسىمدىن قارىغاندا، بۇرۇنقى بىنالارنىڭ يېنىغا شۇنىڭغا ئوخشاش يېڭى بىنالار سېلىنىپتۇ. ئۇلارنىڭ يېڭى سېلىنغان ئاتالمىش ئوقۇتۇش بىناسى، ياتاق بىناسى دېگەندەك بۇ قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق لاگېرنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىدە بىر يېمەك-ئىچمەك شىركىتى تىزىمغا ئېلىنىپتۇ. دېمەك، بۇ لاگېرغا بەزى شىركەتلەر كېلىپ ئورۇنلاشقان. لېكىن تىزىمغا ئېلىش ئۇچۇرى بەك مۈجمەل بولۇپ، ئۇ شىركەتنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇنىڭ ئىككى خىل ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىن. بىرى، بۇ شىركەت لاگېردىكىلەرگە تاماق تەمىنلىشى مۇمكىن. ئىككىنچى خىل ئېھتىماللىق، بۇ شىركەت لاگېردىكىلەرنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىككى ئېھتىماللىقنىڭ ھەر ئىككىسى مەۋجۇت. لېكىن بۇ شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 20 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ شىركەت بىر قەدەر چوڭ شىركەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا 2‏-خىل ئېھتىماللىق چوڭراق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ شىركەت لاگېردىكىلەرنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان بولسا، ئۇنىڭ بۇنچىلىك كۆپ مەبلىغى بولۇشى ھاجەتسىز.»

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىنىدا خىتاي ۋەكىلى ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش ياكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، پەقەت «ئاشقۇنلۇق كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغان بەزى كىشىلەرگە تەلىم-تەربىيە ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.