«يۈرىكىمىز قان يىغلايدۇ»: لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ پاجىئەلىك كەچمىشلىرى (1)

0:00 / 0:00

ئابدۇسالام مۇھەممەت: ۋەزىيەت ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالەتتە

نۆۋەتتە 1 مىليونىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا قىزىق تېمىغا ئايلانغان بىر كۈندە مەزكۇر لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ قارا دەرۋازىسى ئىچىدىكى سىرلار تېخى تولۇق ئېچىلغىنى يوق.

ئۇنداقتا بۇ لاگېرلار زادى قانداق جاي؟ بۇ يەرگە بەند قىلىنغان كىشىلەر قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ؟ لاگېرلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك «تەربىيەلەش ئورنى» مۇ؟

بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى لاگېرلارغا بىر مەزگىل قامالغاندىن كېيىن باشقا ئەللەرگە يەرلەشكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. بۈگۈن ئاڭلايدىغىنىڭلار نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سابىق لاگېر مەھبۇسى ئابدۇسالام مۇھەممەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ بىرىنچى قىسمى.

ئىلگىرى لاگېرغا قامالغان ۋە ئۆز كەچمىشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشقا جۈرئەت قىلغان بىر نەچچە ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە بۇ يىل ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تۈركىيەگە يېتىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ تۇتۇلۇش، قامىلىش ۋە ئاتالمىش «تەربىيە ئېلىش» جەريانلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى تۇتقۇنلۇق ھاياتى قالدۇرغان ئىزتىراپ، تەشۋىش، روھى ئازابلار ھەمدە چۈشكۈن چېھرىدە ئاندا-ساندا كۆرۈلۈپ قالىدىغان ھىجران ئوتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى تۈپتىن ئوخشاش ئىدى.

بۇلارنىڭ بىرى ئاۋۋال قاماقخانىدا، كېيىن ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دە بىر نەچچە ئاي ياتقان ئابدۇسالام مۇھەممەت ئىدى. بىز ئۇنىڭ يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋە كىملىكى ھەققىدىكى باشقا تەپسىلاتلار ھەققىدە توختالماسلىقنى توغرا تاپتۇق.

بۇ يىل ئەمدىلا 40 ياشلاردىن ئاشقان ئابدۇسالام مۇھەممەت ئىستانبۇلنىڭ سىرتىدىكى بىر دېڭىز ساھىلى رايونىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن قولغا ئېلىنىش، لاگېرلاردا ئاتالمىش «تەربىيە ئېلىش» نى باشلاشتىن ئاۋۋالقى ھاياتى ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى ئىخچام شەكىلدە بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ۋە بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تارتىۋاتقان زۇلۇملارنى تىلغا ئالغاندا كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالاتتى.

ئابدۇسالام مۇھەممەت يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلىرىنى ئۇنى ئۈرۈمچىدىن ئەسلى نوپۇسى تەۋە خوتەنگە ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ قاماقخانىسىغا قامىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تېخى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى كۆلەملەشتۈرمىگەن مەزگىل بولغۇچقا ئۇ دەسلەپتە بىگۇناھ ھالدا يېرىم يىلدەك قاماقخانىغا سولانغان.

ئۇنداقتا، ئۇ قاماقخانىدا نېمىلەرگە شاھىت بولدى؟ خىتاي «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كەلگەنلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ «تەربىيەلەش» نامىدا ئېلىپ كېرىلگەنلەر قامالغان تۈرمىلەر قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان؟ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئاڭلىتىمىز.