«يۈرىكىمىز قان يىغلايدۇ» : لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ پاجىئەلىك كەچمىشلىرى (3)
2018.10.05
ئۇنداقتا بۇ لاگېرلار زادى قانداق جاي؟ بۇ يەرگە بەت قىلىنغان كىشىلەر قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇ يەردىكى بىر كۈنى قانداق ئۆتىدۇ؟ لاگېرلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك «تەربىيىلەش ئورنى» مۇ؟ بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى لاگېرلارغا بىر مەزگىل قامالغاندىن كېيىن باشقا ئەللەرگە يەرلەشكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. بۈگۈن ئاڭلايدىغىنىڭلار مەزكۇر سۆھبەت ئاساسىدا قىسقارتىپ تەييارلانغان مەخسۇس ۋىدېيو پروگراممىسىنىڭ ئاۋاز قىسمى.
بۇ نۆۋەتلىك پروگراممىمىزدا ئاڭلايدىغىنىڭلار، بىز زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا تارتقان خورلۇقلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىلا خالاس. بۇ پروگراممىمىز ئەسلى فىلىم شەكلىدە تارقىتىلغان بولسىمۇ، بۇ فىلىمدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ تۈرمە ۋە لاگېر ھەققىدە ئېيتقانلىرى ئوخشىمايدىغان نۇقتىدىن يورۇتۇلغان بولغاچقا بىز بۇنى رادىئو پروگراممىسى شەكلىدىمۇ بېرىشنى توغرا تاپتۇق.
بۇ ۋىدېيو پروگراممىسىدا تۇنجى بولۇپ زىيارەت قىلىنغۇچى خوتەندە يېرىم يىلدىن ئارتۇق تۇتقۇنلۇق ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرگەن دىنىي زىيالىي ئابدۇسالام مۇھەممەت. ئۇ ئۆز كەچمىشلىرىنى تولىمۇ ئوبرازلىق بايان قىلدى.
بىز سۆھبەت ئۆتكۈزگۈچىلەر ئارىسىدا يەنە 20 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ بار ئىدى. ئۇ ئۆز كىملىكى، ھەتتا ئاۋازىنىمۇ يوشۇرۇن تۇتۇش شەرىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىشقا قوشۇلدى، شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى باشقىلارنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق بايان قىلىشقا مەجبۇر بۆلىدۇق.
نۆۋەتتە ئاڭلاۋاتقىنىڭلار ئۇيغۇر سودىگەر ياشنىڭ بايانلىرى، ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان. ئاخىرقى قېتىم يەنى 2017 يىلى باھاردا بىر ئايدەك تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن. ئۇ نىڭ تۈرمە كەچمىشلىرىمۇ ئوخشاشلا يىرگىنچلىك.
پروگراممىمىزنىڭ قىسقارتىلغان قىسمى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. بىز كېلەر قېتىمقى پروگراممىمىزدا يەنە «يۈرىكىمىز قان يىغلايدۇ» تېمىسىدا داۋام قىلىۋاتقان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ 3-قىسمىنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.