«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئاتاقلىق ژۇرنالىست، شائىر قۇربان مامۇتنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئوغلى بەھرام قۇرباننىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزۈشىچە، ئۆزى ئامېرىكىغا كەلگەن 9 يىلدىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن 70 ياشلىق دادىسى، يەنى پېنسىيەگە چىققان ئۇستاز قۇربان مامۇت 2017-يىلى 2-ئايدا ئوغلىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن، ئەمما ئۇ ئامېرىكىدا پەقەتلا بىر ئاي تۇرالىغان. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ دەل بىر يىل بولغان ۋاقىتتا قۇربان مامۇتنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، 66 ياشلىق ئانىسى ئاينىسا ياقۇپنىڭ يۈرەك كېسىلى بولغانلىقتىن بۇ زەربىگە چىدىماي دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان، يالغۇز قېرىندىشى بولغان ھەدىسى دىلارە قۇربان بىلەنمۇ ئالاقىسى شۇندىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.
بەھرام «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادامنى تۇتۇشقا ھېچقانداق ھەققى يوق، دادامنىڭ جىنايىتى پەقەت مىللىتىگە بولغان سۆيگۈسى، كەسپىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىدۇر» دەيدۇ.
تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى، كۇچار ناھىيەسى بېھىشباغ يېزا، بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان، 1976-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى تاماملىغاندىن كېيىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، 1985-يىلدىن 2011-يىلغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان.
قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل خىزمەتتە بولغان بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىكى سەرخىل قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرىنى تاللاپ مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» - قوش ئايلىق ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا نەشر قىلىنىدۇ، بۇ ژۇرنال 1951 - يىلى «ئاممىۋى كۇلۇب» دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنىشقا باشلاپ، 1980 - يىلدىن تارتىپ نامى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن ۋە كېيىنكى يىللاردا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كەلگەن. ئاز بولمىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇشۇ ژۇرنال سەھىپىلىرى ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
قۇربان مامۇتنىڭ قاچان، كىملەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە قاراتقان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالماقتا. لېكىن، بۈگۈن ئۆزىنى قۇربان مامۇت ئائىلىسى بىلەن ئۇزۇن يىللىق قوشنا، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن يېقىن دوست دەپ تونۇشتۇرغان ياپونىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئۆزىنىڭ قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ قىزى دىلارە بىلەن ئىلگىرى ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ كەلگەنلىكى، ئەمما ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ 12- ئاينىڭ 31- كۈنى دادىسى قۇربان مامۇتنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ: «بىچارە دادام» دەپ ئازابلىق بىر ئۇچۇر يوللىغاندىن بۇيان ئالقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى، شۇنىڭ قاراپ قۇربان مامۇت ئاكىغا بىر ئىش بوپتۇ دەپ جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ قۇربان مامۇت ئاكا ئائىلىسىگە نېمە بولغانلىقىنى ئۆزى يېقىن ئۆتۈپ كەلگەن باشقا قوشنىلاردىن سۈرۈشتە قىلغان بولۇپ، سوراش ئارقىلىق قۇربان مامۇتنىڭ شۇ كۈنلەردە بىر پالاكەتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ھەر خىل كىشىلەردىن ئاڭلىغان.
بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشر ئەپكارلىرىنى ۋە ئەدىبلەرنى تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئابلىكىم ھەسەن ۋە يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان داڭلىق يازغۇچى- قەلەمكەشلەرنى قولغا ئېلىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە لاگېرلارغا سولىغان ئىدى.
بۇ يىل 8-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى، بۆلۈم باشلىقلىرى مەمتىمىن ئوبۇل، جۈرئەت ھاجى ۋە «شىنجاڭ دېھقانلار گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى مىركامىل ئابلىمىت قاتارلىق ژۇرنالىستلارنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.
يېقىندا يەنە «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىر قەيسەر قېيۇمنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ 8-قەۋەتتىكى ئىشخانىسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.
مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا، جۈملىدىن ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىگە قاراتقان تەقىبلەشلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە قاراتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالامەتلىرى» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان بىر پەيتتە 40 يىللىق مۇھەررىرلىك تەجرىبىسىگە ئىگە، كۆپ يىللار ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ژۇرنالنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇتنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئىنكاسلار قوزغالماقتا.
قۇربان مامۇتنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى تاراتقۇلىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئاۋاز ئارخىپلىرىدىن بىرى، 2017-يىلى ئىيۇل ئايلىرىدا «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىنىڭ 469 سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇنىڭ بىر رومان ھەققىدىكى سۆھبەتتە قىلغان بايانلىرى، ئۇنىڭ ئۆز كەسپىگە، ئەۋلادلارغا بولغان مەسئۇلىيىتى ۋە ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ:
«قۇربان مامۇت ئەپەندى مۇھەررىرلىك قىلغان مەزگىلدە ‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى› ژۇرنىلى ئۇيغۇر پىكىر ئېقىمىنىڭ بۆشۈكىگە ئايلانغان» ئىدى دەيدۇ ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئەپەندى.
تاھىر ھامۇت ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن بۇ مۈجمەل ئاتالغۇنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدە يېتىشىپ چىققان سەرخىللىرىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئېغىر جازالاۋاتقانلىقى ئاڭلانغان ھامان، قۇربان مامۇت ئاكىنىڭمۇ پېشكەللىككە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇنداق ئەندىشىدە بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قۇربان مامۇت ئاكا بۈگۈنكى دەۋر پىكىر ساھەسىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي ئېڭىنى ئىلمىيلىق بىلەن ئاممىبابلىق ئۆزئارا بىرلەشكەن ئاساستا يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان بىر تۆھپىكار. قۇربان مامۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇملارنى خەلقئارادا زور دەرىجىدە تەسىر قوزغىغۇدەك دەرىجىدە ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىشقا تىرىشىش كېرەك».
دادىسى قۇربان مامۇت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ناھەق جازالاشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن داۋا باشلىغانلىقىنى قەيت قىلغان بەھرام مۇنداق دەيدۇ: «ئاقىۋەت دادامغىمۇ بۇ ئىپلاس قولنىڭ سۇنۇلغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم! مەن ئامېرىكا گىراژدانى، دادامنىڭ بىگۇناھ لاگېردا يېتىشى، خورلۇقلارغا ئۇچرىشىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. مەن دادامنىڭ داۋاسىنى ئۆز يولۇم بويىچە ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ تەسىر قوزغايدىغان شەكىلدە قىلىمەن! ھېچكىم دادىمىز -ئاپىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزنى بۇنداق ھەقسىز خورلىسا بولمايدۇ! قانۇنۇڭغا ئۆزۈڭ بۇزغۇنچىلىق قىلساڭ سېنىڭ قانۇنۇڭنى ئىجرا قىلىپ قويىدىغان كۈچ ھامىنى چىقىدۇ! ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى قولغا ئالغان باشلامچى دۆلەت! بىز ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ توغرا چىقىش يولى بويىچە تۇغقانلىرىمىزنى قىزىل كوممۇنىستلارنىڭ شەرمەندە لاگېرلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك!»
0:00 / 0:00