شۆھرەت زاكىرنىڭ تەسۋىرىدىكى «ئارامبەخش» لاگېرلار

0:00 / 0:00

16-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى كۆپلەپ مۇھاكىمە قىلىندى. بۇ سۆھبەتتە شۆھرەت زاكىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا قۇرغان زور ساندىكى لاگېرلىرىنى «ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى» دەپ ئاتىغان ھەمدە بۇ «مەكتەپلەر» نى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۇنىڭ تولۇق قانۇنىي ئاساسى بارلىقى، بۇ «مەكتەپلەر» نىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى چەكلەپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان» لىقى ھەققىدە سۆزلىگەن. بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا تارقىتىلغان بولۇپ، بۇنى بىر قىسىم چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەڭ تەپسىلىي ئاقلاش ئۇرۇنۇشى» دەپ ئاتاۋاتقانلىقى مەلۇم.

تېخى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەققىدىكى سوئاللارغا قارىتا :«شىنجاڭدا ئاز ساندىكى جىنايەتچىلەر تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرىدە تېخنىكا ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە قانداق ئۆزلىشىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق لاگېر مەۋجۇت ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئەمما ئۆتكەن ھەپتىگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ھەمدە «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى «يېرىم ئېتىراپ قىلغان» ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا شۆھرەت زاكىرنى ئالدىغا چىقىرىپ ئۇنىڭ ئېغزىدىن «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ قانداق «راھەت» ۋە «جەلپكار» ئورۇن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئىنكاردىن ئاخىرقى ھېسابتا ئېتىراپ قىلىشقا ئۆتۈشى ھەققىدە سۆز قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۇنىڭدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى ۋە خەلقئارانىڭ بېسىمى قوش رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شۆھرەت زاكىر بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇزۇندىن بۇيان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تېررورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن «تېررورلۇقنىڭ يامراش مۇھىتىنى يوقىتىش، ئۇنى بىخ تارتىپ بولغۇچە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش» نىڭ خەلقئارادىمۇ ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان بىر تەجرىبە ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر خەلقئارالىق تەجرىبىنى تەتبىقلاش ئارقىلىق «بىر قولدا زەربە بېرىش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىش» بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما شۇنىڭغا ئۇلاپلا «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا تېررورلۇقنىڭ زىيىنى بىرقەدەر زور بولغان، بۇ جايلاردا دىنىي ئەسەبىيلىكمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن، بۇ جايدىكى بىر قىسىم ئامما خىتايچە سۆزلىيەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭىمۇ ئاجىز» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۆھرەت زاكىر تىلغا ئالغان «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» نى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىغان بۇ خىل «تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» دە خىتايچە تىل، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە خىتاينىڭ قانۇنلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ «ئاساسلىق دەرسلىك» بولۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇ خىل «تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نىڭ قانداق مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگەرمەستىن ئىجرا بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ»، دەپ قارايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن بولغان سۆھبەتتە شۆھرەت زاكىر ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا نۆۋەتتىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل مۇھىم مەزمۇن بولۇپ كەلگەن مەھبۇسلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بولغان. شۆھرەت زاكىر بۇ ھەقتە سۆز قىلغاندا مۇشۇ خىلدىكى «تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى» گە قامالغانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان پەرقلەرنىڭ تولۇق ئېتىبارغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك «ھەممە نەرسىنىڭ ھەقسىز بولۇشى» تولۇق ئىشقا ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ :«كۇرسانتلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تەلەپلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قانائەتلەندۈرۈپ كەلدۇق. كۇرسانتلار مەززىلىك بولغان ھەقسىز غىزالارنى يېگەچ ياتاقلىرىدا تېلېۋىزور كۆرىدۇ؛ ھاۋا تەڭشىگۈچ، مۇنچا دېگەنلەر تولۇق. بۇ جايلاردا يەنە ۋاسكېتبول، ۋالىبول، تىك-تاك توپ ئەسلىھەلىرى، قىرائەتخانا ۋە كومپيۇتېر زالى، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئۆيلىرى بار» دەپ بۇ «مەكتەپ» لەرنىڭ قانداق ئارامبەخش جاي ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ. ھالبۇكى، شۇ جايلاردا قامىلىپ باققان سابىق مەھبۇسلارنىڭ بايانلىرى ھەمدە رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن بىۋاسىتە ئۇچۇرلار شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ قىپ-قىزىل يالغان ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئاۋسترالىيەدىكى لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد شۆھرەت زاكىر تىلغا ئالغان بۇ خىل «پاراۋانلىق» نى لاگېرلارنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە بۇ خىل «پاراۋانلىق» خىتاي كومپارتىيەسى ئىزچىل «مۇكاپات ۋە جازا» مەنىسىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان، خەلقئارادا «توقماق ياكى سەۋزە» دەپ قارىلىۋاتقان سىياسەتتىكى «سەۋزە» ياكى «مۇكاپات» بولۇپ، نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاستىدا ياشىماقتا. بۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىغا ئىگە بولالمىغان بۇ كىشىلەر يەنىلا «توقماق» يېيىشتىن «سەۋزە» يېيىشنى ئەلا بىلىشكە مەجبۇر بولماقتا. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەرقاچان تىلغا ئېلىنماي قالىدىغان بىر ئەھۋال بار. ئۇ بولسىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق ۋاقىتتا ‹سەۋزە› كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلىقى. بۇ خىل ‹سەۋزە› ھەرقاچان كىشىلەر ئارزۇ قىلىدىغان ماددىي مەنپەئەتلەر، مەسىلەن، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا قىسمەن بولسىمۇ ئېتىبارغا ئېرىشىش ياكى ماددىي مۇكاپات شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ھەرقاچان بۇ ‹سەۋزە› ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ساداقىتىنى سېتىۋالماقچى بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ‹ياخشى› ئۇيغۇرغا ‹سەۋزە›، ‹يامان› ئۇيغۇرغا ‹كالتەك› تېگىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ھازىر قورقۇپ بولسىمۇ ‹سەۋزە› نى تاللاشقا مەجبۇر بولۇپ قالماقتا. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىش شارائىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇلار تەبىئىيكى ‹سەۋزە› يېيىشنى تاللايدۇ. ھازىر قارايدىغان بولساق خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خەلقىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېچقانچە ئىشەنچ قالمىغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. ئەمما مۇستەملىكىدە ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھايات قېلىش ئۈچۈن قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. بەزىلەر بۇ ئىشلاردىن غەزەپلەنگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى زورلۇق ھەرىكىتىدە ئۆتۈشكە ئىلاجسىز.»

شۆھرەت زاكىر بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە نۆۋەتتە «تېخنىكا مەكتەپلىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان لاگېرلاردا بىر قىسىم كۇرسانتلارنىڭ «تەربىيەلەش كېلىشىمى» دىكى ئۆلچەملەرگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى، باھالاشتا «لاياقەتلىك» بولغانلارنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ھالدا «شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئېغىشماستىن ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى» ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى لاگېرلارنى پەردازلىغان شەكىلدە ئېتىراپ قىلىشىنى «نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ب د ت يىغىنىدا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇرۇنۇشى» دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم.