لاگېرغا تاشلانغان چەتئەل پۇقراسى: گۈلباھار جېلىلوۋا لاگېردا كۆرگەن قارا كۈنلەر

0:00 / 0:00

گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ لاگېر ھاياتى (1)

بۇنىڭدىن 20 يىللار ئاۋۋال يولدىشىدىن ئاجرىشىپ، ئىككى قىز، بىر ئوغۇل، جەمئىي 3 پەرزەنتىنى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلىشقا مەجبۇر بولغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جېلىلوۋا، چېگرا سودىسى بىلەن ئالمۇتادىن غۇلجا، ئۈرۈمچى ۋە خىتاينىڭ يىۋۇ، گۇئاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىگە كىرىپ-چىقىپ تۇرغان ئىدى. گۈلباھار خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى قايتا ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە بولسا، قارا باسقاندەك ئۆزى ھېچقاچان ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلار يۈز بەرگەن، يەنى خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ بولمىغان، قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن گۈلباھار جېلىلوۋانى ئۈرۈمچىگە چۈشكەن كۈنىنىڭ ئەتىسى ئەتىگەندىلا پۇت-قوللىرىنى كىشەنلەپ، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدە 24 سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگىنىگە قارىماي، مەجبۇرىي ھالدا ئۇنىڭغا «تېررورچى» قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، پۇتىغا تۆمۈر كىشەن سېلىپ باشتا ئۈرۈمچىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامايدۇ.

گۈلباھار خانىم ئالمۇتادىن ئۈرۈمچىگە قورغاس چېگراسى ئارقىلىق كىرىپ كېتىپلا تۇيۇقسىز غايىب بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بالىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەتتا قازاقىستان دىپلوماتلىرىمۇ ئايلارچە تاپالمايدۇ. چۈنكى، خىتاي دائىرىلىرى گۈلباھارنى قازاقىستانلىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۆزلىرى ياساپ چىققان يېڭى خىتاي كىملىكى بىلەن 3-تۈرمىنىڭ بىر تۇتقۇنىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. پۈتۈنلەي رۇسچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ، رۇس تىلىدا سۆزلەپ چوڭ بولغان گۈلباھار ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ۋە خىتاي تىلىنى ئەنە 'شۇ زۇلمەتلىك جازا لاگېرىدا، يەنى ئۆزىنىڭ ئاتىشى بويىچە تۈرمىلەردە، يەنى تۈرمىداشلىرىدىن ئۆگەنگەن ئىكەن.

ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ غايىب بولغان گۈلباھارنى ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىزدەشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىغان. ئاخىرى دەل بىر يىل 3 ئاي 10 كۈن بولغاندا گۈلباھار پۇت قوللىرىدىكى كىشەنلەردىن ئازاد قىلىنىپ، ئائىلىسىگە قايتىپ بالىلىرى بىلەن جەم بولىدۇ.

ئەمما ئېغىر بەدەللەر تۆلەپ ئەمدىلا تۈرمىدىن ئازاد قىلىنغان گۈلباھار بۇ ئەركىنلىكتىن ھۇزۇر ھېس قىلالمايدۇ، خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى ئازابلاۋاتقىنى كۆز ئالدىدىن كەتمەيۋاتقان تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى قاتارلىق لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاق، ئۆلۈم ۋەقەلىرى، قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە تەكرارلىنىدىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ نىدالىرى ئىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ پەقەت ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىگە ئوخشاش بىگۇناھ ھالدا ئازاب چېكىۋاتقان ۋە ھاياتى تەھدىت ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى ئىنسانىي بۇرچى دەپ بىلىدۇ ۋە ئاخىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزغا ئۆز كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ.

گۈلباھار تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قورقۇنچلۇق تۈرمە، يەنى جازا لاگېرى ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمۈر بەكئەلى ۋە مېھرىگۈل تۇرسۇنلارنىڭ تەسۋىرلەپ بەرگەن خىتاينىڭ لاگېرلىرىدىكى ئەھۋاللار بىلەن كۆپ ئوخشاشلىقلارغا ۋە ھەمدە بەزى پەرقلەرگىمۇ ئىگە. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «لاگېر» دەپ ئاتىلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى قاتمۇ قات پولات تۆمۈر ئىشىكلەر بىلەن قاپلانغان، تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا بولۇپ، تۇتقۇنلار ساپ ھاۋا ھەتتا قۇياش نۇرىدىنمۇ مەھرۇم قالغان، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلار نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار ئاچ قالدۇرۇلۇش، سۇ بەرمەسلىك، تاھارەت قېتىم سانىنى چەكلەش، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە جازالاش، مەجبۇرىي نامەلۇم دورىلارنى يېيىشكە مەجبۇرلاش، مېڭە يۇيۇش قاتارلىق زورلۇق-زومبۇلۇق ۋە خورلۇقلارغا ئۇچرايدۇ.

قازاقىستان پۇقراسى بولسىمۇ، خىتاي ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىگۇناھ تۇتۇلۇپ، جازا لاگېرىغا سولانغان شاھىت گۈلباھار جېلىلوۋا خىتاينىڭ مەزكۇر تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە تۈرمىلىرىدىن ئىبارەت جازالاش لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى يەنە قانداق جىنايەتلىرىگە شاھىت بولدى؟ داۋامىنى كېيىنكى سەھىپىڭىزدىن ئاڭلاڭ.