ئاتالمىش «شىنجاڭ مائارىپى پۈتۈنلەي ھەقسىز دەۋرگە قەدەم قويدى» سەرلەۋھىلىك ھۆكۈمەت باياناتىغا سوئال
ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، «شىنجاڭدا مەجبۇرىي مائارىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز دەۋرگە قەدەم قويدى» دېگەن.
ئۇنداقتا، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى «پۈتۈنلەي ھەقسىز» دەۋرگە قەدەم قويغان ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا-كەنتلەردە ئەھۋال راستىنىلا ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدىكىدەك بولۇۋاتامدۇ؟
ئىنتايىن ئەپسۇس، گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرىغا قاراشلىق يېڭىباغ كەنتلەردىكى ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان قارانچۇقسىز بالىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتى دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى تەشۋىقات داۋرىڭىغا جىددىي سوئال قويماقتا.
يېڭىباغ باشلانغۇچ مەكتىپىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى مەزكۇر كەنتتىكى مەكتەپ بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەكتىپىمىزدىكى 640 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلىرى بىر يىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقتىنى ياقا يۇرتلاردا ئىشلەمچىلىك بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاقسۇ تەۋەسىدىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىدە 4-ئايدىن 12-ئايغىچە ياللىنىپ ئىشلەپ، يىل ئاخىرىدا قايتىپ كېلىدۇ. پۈتۈن ئائىلە ئۇلارنىڭ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. كېلەر يىلى ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاتا-ئانىلار يەنە سىرتقا ئىشلەمچىلىككە كېتىپ قالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەكتىپىمىزدىكى كۆپ قىسىم بالىلار بىر يىلنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاتا-ئانىلارسىز ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار بىر يۈرۈش كىيىمنى ياكى بىر جۈپ ئاياغنى تاكى ئۇپراپ كىيگۈسىز دەرىجىگە بارغۇچە كىيىدۇ. ئاتا-ئانىسى قېشىدا بولمىغاچقا، كىيىم-كېچىكىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ ياكى ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان چوڭلار يوق. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ۋاقتىدا ئىشلەپ، نورمال بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھاياتىنى ياشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماق ناھايىتى تەس. ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق شىمالدىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان مەكتەپ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتىمىز تېخىمۇ يوق…»
23-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، «شىنجاڭ مائارىپى پۈتۈنلەي ھەقسىز دەۋرگە قەدەم قويدى» دېيىلگەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، گۇما ناھىيەسى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاساسىي مائارىپتا كۆرۈلۈۋاتقان ئاچچىق رېئاللىق دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى تەشۋىقاتىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ دېدى.
«گۇمىدىكى ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان قارانچۇقسىز بالىلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازابلاندىم. خىتايدا بالىلارنى ئۆيىدىن ئايرىپ باشقا شەھەرلەردە ئوقۇتۇش ياكى كىچىكىدىنلا ياتاقلىق مەكتەپلەرگە بېرىۋېتىشتەك ئەھۋال كۆپ ئومۇملاشقان. گۇما يېزىلىرىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ تىرىكچىلىك غېمى بىلەن بالىلىرىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلارغا ئىشلىگىلى كېتىشى، مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ قورساق ۋە كىيىم-كېچەك مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماسلىقى خىتاي داۋراڭ قىلىۋاتقان ‹مەجبۇرىي مائارىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز دەۋرگە قەدەم قويدى› دېگەن تەشۋىقاتنى كەسكىن رەت قىلىدۇ.»
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە «ئاتا-ئانا ۋە ئائىلە مېھرىدىن ئايرىلغان، مۇھەببەت ۋە ئىنسانىي تۇيغۇ كەمچىل مائارىپتا بالىلارغا نورمال ئادىمىيلىك روھ ئاتا قىلىدىغان ھاياتىي كۈچ بولمايدۇ،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى:
«بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن بىللە ياشىشى ۋە ئاتا-ئانا مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولۇشى ئىنسانلارغا خۇدا تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇقەددەس ھوقۇق. پسىخىكىلىق نۇقتىدىن ئويلىغاندىمۇ، ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم ھالەتتە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كېلەچەكتە نورمال ئادەمدەك ياشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مائارىپنىڭ مەقسىتى ئەڭ ئالدى بىلەن بالىلاردا نورمال ئىنسانلىق ھېس-تۇيغۇ ۋە قىممەتنى ھېس قىلدۇرۇش بولۇشى كېرەك. مۇھەببەت يوقالغان مائارىپ بىلەن ئىنسانىي ئەخلاق كەمتۈك جەمئىيەتتە ئاتا-ئانىلار بالىلاردىن، بالىلار ئاتا-ئانىلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ…»
0:00 / 0:00