«ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىسىنىڭ نەشردىن توختىغانلىقى دەلىللەندى
2019.01.14
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 26 يىلدىن بېرى نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ نەشردىن توختىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. ئالاقىدار خادىملار مەزكۇر گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇيرۇقى بىلەن نەشر قىلىنىشتىن توختىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىلىدا 26 يىلدىن بېرى نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ نەشردىن توختىتىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمى مۇھاجىرەتتىكى قازاق ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن مەزكۇر خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خەۋەر خىتاينىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن ئىدى. بۈگۈن بىز بۇ ھەقتە غۇلجىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئىلى ئوبلاستلىق ئاخبارات تورىنىڭ خادىمى بولسا «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە بۆلۈمىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
مەزكۇر خادىم زىيارىتىمىز داۋامىدا «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تاقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ مەزكۇر گېزىتنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىسىنىڭ تاقىلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بىز ئۇنىڭدىن گېزىتخانىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق خىزمەتچىلەرنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ دەسلەپتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ۋە قازاق خىزمەتچىلەرنىڭ «ئىلى گېزىتى» نىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا قېتىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر گېزىتنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىسىنىڭ نەشردىن توختىتىلىش سەۋەبىنىڭ مۇشتىرىلار سانىنىڭ ئازلىقى ياكى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق تىلىدا گېزىت چىقىرىشنى زۆرۈرىيەتسىز دەپ قارىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ ھەقتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭلا مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز بۇ خادىمدىن مەزكۇر گېزىتنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق خادىملىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ياكى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ «ئىلى كەچلىك گېزىتى» دىكى خادىملارنىڭ «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىغا قېتىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. «ئىلى گېزىتى» گە تېلېفون قىلغىنىمىزدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم «ئىلى كەچلىك گېزىتى» خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قېتىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئىلى كەچلىك گېزىتى» رايوندىكى باشقا گېزىتلەرگە نىسبەتەن بىر قاتار ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا مەلۇم قىزىقىش قوزغىغان گېزىت ئىكەن. بۇ گېزىتمۇ گەرچە ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى بولسىمۇ، ئەمما كەسپىي خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىغا بەلگىلىك دەرىجىدە جاۋاب بېرىپ كەلگەن ئىكەن. بولۇپمۇ مىللىي تىل-يېزىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا مۇئەييەن رول ئويناپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئىلگىرى «ئىلى كەچلىك گېزىتى» دە تەھرىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شائىرە راھىلە كامال بۇ گېزىتنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ئايلاردا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ 30 پىرسەنت خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇيغۇر رايونىدا 2017 -يىلدىن باشلاپ نەشرىيات ساھەسىگە قارىتا كەڭ-كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى، تەكشۈرۈش جەريانىدا زور بىر تۈركۈم كىتابلارنى «مەسىلىلىك كىتابلار» دەپ بېكىتىپ، كىتابقا قولى تەگكەن، ئاپتور، تەھرىر، ھەتتا كوررېكتورلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ تاقىلىشىنىڭ ئەنە شۇ تەكشۈرۈش بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسىنىڭ بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.