خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن بولدى، شۇنداقلا بۇ سىياسەت «ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»، «دىننىڭ سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»، «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش»، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش» دېگەندەك ئوخشىمىغان شوئارلىرى ئاستىدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋام قىلماقتا. بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ 200 مىڭ كادىرنى ئىشقا سېلىپ ئاساسىي قاتلاملاردا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە «ئەسەبىيلىك» نىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش نامىدا بۇ سىياسەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېخىمۇ زور كۈچ ۋە زور بېسىم بىلەن داۋام ئەتكۈزىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىنىڭ نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلاملارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ زور قارشىلىقلارغا سەۋەب بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي بۇ قېتىم بۇنچە جىق كادىرنى ئاساسىي قاتلاملارغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېخنىكا ئارقىلىق نازارەت قىلىشتىن سىرت ئادەمنى ئادەم ئارقىلىق نازارەت قىلىش، ئۆيمۇ -ئۆي كىرىپ نازارەت قىلىش، نارازىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر رايوندا نارازىلىق بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ئۇچۇرنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە توسۇۋېلىش، ۋە ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق باستۇرۇشتا ئاتالمىش مۇقىملىقنى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بۇ كادىرلار بولسا ئەمەلىيەتتە جايلاردا نارازىلىقنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ، مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسىي قاتلامغا 200 مىڭ نەپەر كادىرنى ئەۋەتىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە يەنىمۇ تىزگىنلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش» توغرىسىدا يول يورۇق بەرگەن ۋە شۇ بويىچە كادىرلارغا تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان.
ئۇلارغا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاممىدا «دۈشمەن كۈچلەر بىلەن بولغان كۈرەشتە بىر سەپتە تۇرىدىغان جامائەت پىكرى كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، ئىدىيە مۇداپىئە سېپى قۇرۇش» ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت بۇنچە كۆپ ئادەم ۋە زور كۈچ ئاجرىتىپ ئاساسىي قاتلاملارغا بولغان يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىشنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغۇسى يەنە بىر چوڭ قارا سىياسىتىنىڭ تەييارلىق باسقۇچى، ۋە بۇنىڭ ئالدىدىكى تازىلاش چوڭ ھەرىكىتى دەپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق تەكىتلىدى:
«200 مىڭ ئادەم ئاز سان ئەمەس، خىتايدەك بىر دۆلەت ئادەم كۈچى ۋە بۇنىڭغا كېتىدىغان ئىقتىسادقا قارىماي تارىختىن ب ئۇيان ئەڭ ئېغىر سەپەرۋەرلىك بىلەن ئىسلام دىنىغا قارىتا ھۇجۇمغا ئۆتىشى، بىر ئاددىي مەسىلە ئەمەس، بۇنىڭدىن يەنە بىت تەرەپتىن خىتاينىڭ قانچىلىك ساراسىمىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز،بۇنى ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى بىلەن باغلىساق، يېقىندا قىرىم ئومۇمىي ئاۋاز بېرىشتا ھازىر كۆچمەن رۇسلارنىڭ نوپۇسى تاتارلاردىن ئېشىپ 60% بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، تاتارلار قانچە نارازىلىق بىلدۈرسىمۇ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە رۇسىيەگە قوشۇلۇپ قوشۇلۇپ كېتىش تەقدىرىگە قالدى، بۇ خىتاينى جاسارەتلەندۈرگەن بۆلىشى مۇمكىن، خىتايمۇ ئۇزۇننى ئويلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى مەڭگۈلۈك ئىگىلەش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىدا. خىتاي بۇ پىلانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا قارشى نارازىلىق ۋە توسالغۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ خىل يۈكسەك سەپەرۋەرلىكنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىم ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى بېسىمدا تۇتۇپ تۇرۇشى لازىم.»
مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى رادىكال سىياسەتلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەندۈرگەن بۇ يۇقىرى بېسىمنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى تىنچىماس بىر جايغا ئايلاندۇرىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق تەكىتلىدى:
«كۈنمىڭ ۋەقەسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى خىتاي بېسىمنى بىر جايدا كۈچەيتسەك، قارشىلىق يەنە بىر جايدىن پارتلايدۇ، ئەلۋەتتە خىتاينىڭ بۇ خىل يولسىز سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇرلار ھېچقاچان بېسىم بىلەن قوبۇل قىلمايدۇ، چوقۇم قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، ئەمما خىتاينىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك دېگىنى مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردا رادىكاللىق مەۋجۇت ئەمەس، ئەسەبىيلىك مەۋجۇت ئەمەس، ھازىر خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارشىلىق ئاساسەن خەلقتىن كېلىۋاتىدۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق نارازىلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى شۇنداق بىر نامدا يۇقىرى بېسىمدا باستۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈتكەن سىياسەتلىرى ئۈچۈن راۋان بىر زېمىن ھازىرلاش. ئەمما بۇ خىل يۇقىرى بېسىم بۇ خىل سىياسەت زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ، مۇشۇ سىياسەتلەر بولىدىكەن بۇ جاي تىنچىمايدۇ.»
