دائىرىلەرنىڭ بايراملىق دەم ئېلىشنى ئۇزارتىشى «مۇقىملىق ئۈچۈن» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2015.09.17

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتى ۋە خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ئارقا-ئارقىدىن كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 24-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە دەم ئالسا بولىدىغانلىقىنى، شارائىتى يار بەرگەن جايلار دۆلەت بايرىمىنىمۇ ئۇلاپ خىزمەتچىلەرنى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى دۈشەنبىگىچە ھەپتىلىك تەتىلگە قويۇپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى ئىدارىلەردە خىزمەتچىلەرگە يىغىن ئېچىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى» ئەسكەرتىلگەن.
ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم ئىدارە خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئىدارىسىدە بايرام مەزگىلىدىكى نۆۋەتچى خادىملاردىن باشقا بارلىق خىزمەتچىلەر 10-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قەدەر قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. 16-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا ئىدارە باشلىقى ئاۋۋال بايرام مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
ئۆز كىملىكىنى ۋە ئىدارىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىلگەن بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىدە، 1-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاپتوموبىللارغا تاق، جۈپ كۈنلۈك نومۇر تاختىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، شەھەر بويىچە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغانلىقى، شەھەر مەركىزىدىكى يول بويىغا جايلاشقان ئائىلىلىكلەر بىنالىرىنىڭ كوچىغا قارايدىغان دېرىزىلىرىنى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئاچماسلىقى، ئاسماندا لەگلەك ئۇچۇرماسلىقى، كەپتەر ئۇچۇرماسلىقى، تىزگىنەك بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئويۇنچۇق ئايروپىلانلارنى ئۇچۇرماسلىقى، باشقا يۇرتلاردىن كېلىدىغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئىدارىگە ۋە ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىملارغا تاپشۇرۇشى، بۇ مەزگىلدە چەتئەلدىن زىيارەتكە كېلىدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسا ئۇلارنىڭ كېلىش ۋاقتى ۋە ئۈرۈمچىدە تۇرىدىغان كۈن سانىنى ئالدىن-ئالا ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ساقچىخانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشى قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن. بۇ خادىم يەنە، شۇ كۈنى ئىدارىنىڭ پارتكوم سېكرىتارىمۇ سۆز قىلىپ،«بۇ قېتىم قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش، ئالاھىدە مەزگىلگە توغرا كەلگىنى ئۈچۈن ئۈچ بايرامنى قوشۇپ دەم ئېلىش بېرىلدى. بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى 1-مەقسەت خىزمەتچىلىرىمىزگە ياخشى دەم ئېلىش-ساياھەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، يەنە بىر مەقسەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تەبرىكلەش پائالىيىتىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈۋېلىش، شۇڭا شارائىتى يار بەرگەن خىزمەتچىلەر ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلارغا بېرىپ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى كۆڭۈللۈك ساياھەت، تۇغقان يوقلاش بىلەن ئۆتكۈزسۇن دەپ ئىدارىدىن 10 كۈنلۈك دەم ئېلىشنى قارار قىلدۇق» دېگەن.
چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا يەنە، بايرام مەزگىلىدە نۆۋەتچى خادىملارنىڭ ئىسمى ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ، ئۇلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە ئىدارىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قويۇلغان ساقچىلارغا يېقىندىن ھەمكارلىشىشى، 1-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى 3-سېنتەبىر ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70-يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزگىلىدە بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ئوخشاشلا قاتتىق بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ناھىيە،يېزىلاردىكى مەكتەپ ۋە ئىدارىلەردىمۇ خىزمەتچىلەرگە قۇربان ھېيت ۋە تاۋۇز چاغىنىنى قوشۇپ، بارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ 5 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ياكى ئۆكتەبىر بايرىمىنى قوشۇپ ئۇزۇن مەزگىللىك تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەلۇم ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ناھىيىسىدە ھېيتلىق دەم ئېلىش بىلەن ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش قوشۇلۇپ، 10 كۈنلۈك ئۇزۇن تەتىل قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. چارشەنبە كۈنىدىكى سىياسىي ئۆگىنىشتە يەنە ھېيت، بايرام مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى «مۇستەقىل كىنەزلىك» دەپ تەرىپلىنىدىغان «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى»گە قاراشلىق ئىدارە، جەمئىيەت، مەكتەپلەردە ھېيتلىق 5 كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن 2 كۈن ئىشلەپ ئاندىن يەنە ئۆكتەبىر بايرىمى ئۈچۈن دەم ئېلىشقا ئايرىم قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
چەتئەللەردىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرى، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىگە توغرا كەلگەن قۇربان ھېيت مەزگىلىدە 10 كۈنگە سوزۇلغان دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئاشكارا ھالدا دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تەكىتلىشى، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ۋە بايرام مەزگىلىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەنسىرەش ۋەھىمىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.