200 مىڭ كادىر قولغا كەلتۈرگەن «ئەبەدىي ئەمىنلىك» نىڭ كەينىدە نېمىلەر بار؟

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن «شىنخۇا تورى»، «جۇڭگو رادىئو تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان 200 مىڭ كادىرنى تۆۋەنگە ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئەبەدىي ئەمىنلىك» كە پۇختا ئاساس سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھالبۇكى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ بايانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەدەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان يۇقىرىقى ئەھۋالنى كەسكىن رەت قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېزا، كەنتلەرنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇلارغا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» دېگەندەك چىرايلىق ۋەزىپىلەر بېرىلگەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە يېزا سېكرېتارلىرىنىڭ ماقۇللۇقىسىز ھېچقانداق ئىش تەۋرىتەلمەيدىكەن.

دەسلەپتە كەنتتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇلاردىن زور ئۈمىد كۈتۈپ، ئىلگىرى ھەل قىلالمىغان ياكى يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ئىشلىرىنى ئەرز قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ھېچبىر كادىر ئۇلارغا بۇنى ھەل قىلالايدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بېرەلمىگەن.

خىزمەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن كادىرلار ئىشى زور داغدۇغا بىلەن باشلىنىپ شەپىسىز ئاخىرلىشىدىغان، ھېچقانداق چوڭ مەسىلە ھەل بولمايدىغان سېپى ئۆزىدىن شەكىلۋازلىق ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسىي خىزمەتلىرى كەنتتىكى دىنىي زاتلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋە «تۆت پېشقەدەملەر» ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن. خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە خىزمەتتىكى مۇھىم نۇقتىسى «مۇقىملىق» نى ساقلاش بولۇپ، يېزا،كەنتلەردىكى دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئەمەلىي ئىشلارغا بىۋاسىتە ئارىلىشالمايدىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن يەرلىك مىللەت كادىرلىرىنىڭ چوقۇم پارتىيە ئەزاسى بولۇشى، خىتاي كادىرلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇر تىلىدىن بىلىمى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا، تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەتتە چوقۇم يەرلىك پارتكوملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى شەرت قىلىنىدىكەن. نەق مەيدانغا بارغان شاھىتلار ئاتالمىش «ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئەلنى مايىل قىلىش» دېگەن چىرايلىق ناملار بېرىلگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ «مۇقىملىق» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.