ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى-«شىنجاڭ گېزىتى» ئوبزور ئېلان قىلىپ، «مەدەنىيەتسىز» ئۇيغۇر ياشلىرى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، دەپ كۆرسەتتى. بىراق، «شىنجاڭ گېزىتى» ئېلان قىلغان ئوبزوردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ خۇلاسە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنى كىم پەيدا قىلىۋاتقانلىق مەسىلىسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى ئاخبارات كۈرىشىدە ئىزچىل تالاش-تارتىش تېمىسى بولۇپ كەلدى. «شىنجاڭ گېزىتى» دە سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا: «دىنغا قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغان ساۋاتسىز ياشلار شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەئى» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ «دىنىي رادىكال كۈچلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر ئوبزور بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ھۇجۇمىنى«تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى ئاتالمىش دىنىي رادىكال كۈچلەر پەيدا قىلغانلىقى، ھۇجۇمنىڭ ش ت ئى ھ بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىپ، چەتئەل ئاخباراتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا، «دىنىي رادىكال كۈچلەر» نىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىنى بۇرمىلاپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رادىكال دىنىي كۈچلەرگە قارىغۇلارچە ئەگەشكەن مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ سەۋىيىسىدىكى ياكى ساۋاتسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايسىز» دېگەن.
مەزكۇر ئوبزورنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئەزاسى قەلەمگە ئالغان بولۇپ، ئوبزوردا يەنە: «بىز بۇ خىل ساۋاتسىزلىققا نەپرەت ئوقۇيمىز، بۇ رەزىللىككە لەنەت ياغدۇرىمىز» دەپ تەكىتلەنگەن.
بىراق، گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى مىللەت ۋە خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى دىندار ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىق مەنبەسى، دەپ خۇلاسە چىقىرىشنىڭ خەتەرلىك پىكىر ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دېدى: بۇ تەلۋىلەرچە قىلىنغان ئەيىبلەش. بۇ يەردىكى مەسىلە ياش-قېرىلىق مەسىلىسى ئەمەس. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەملىكىتىنى ئىشغال قىلىنغان، دەپ ھېس قىلسىڭىز، بۇ ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ھېسسىياتى. چۈنكى بۇ ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان تەجرىبە. ئەگەر ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولسىڭىز سىزنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك «ئىسلامچى تېررورىست» دەپ قارىلىشىڭىز ھەقىقەتەن كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. ئەمدى، بۈگۈن قوپۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ياشلارنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەش بىر تەلۋىلىك. بۇ مىللەتلەر ئىناقلىقىنى تەلەپ قىلىش ئەمەس. بەلكى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش. زوراۋانلىق، توقۇنۇشنى جىددىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىق. بۇ ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئۇرۇنۇش.
خىتاي ھۆكۈمىتى 28 -ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ھۇجۇمىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ بېيجىڭ قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىش، سوراق قىلىش، تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتكەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئەينەك» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇرپاندىكى بىر ئېلان تاختىسىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 78 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ رەسىمى چاپلانغان. بىراق بۇ كىشىلەرنىڭ 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ھۇجۇمى ياكى 26-ئۆكتەبىر لۈكچۈن ۋەقەسى بىلەن بىلەن ئالاقىدار ياكى ئەمەسلىكى مەجھۇل.
خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن ھۇجۇمىنى ھۇجۇمىنى بۇ يىل 26-ئىيۇن يۈز بەرگەن لۈكچۈن ۋەقەسىگە ئوخشاشلا «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ جاكارلىغان، بىراق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كونترول قىلغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي سەيشەنبە كۈنى ش ت ئى ھ نىڭ جۇڭگوغا ئېنىق تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، جۇڭگو ۋە باشقا ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ش ت ئى ھ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى. بىراق، رايون ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىدە تەكرار باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى، دېگەن. لېكىن، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەپسىلاتىدىكى دېلىئۇس ئەپەندى، تيەنئەنمېن ھۇجۇمىنىڭ «تېررورلۇق ۋەقەسى» ئىكەنلىكى ئوخشاشلا گۇمانلىق، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ: بۇ ناھايىتى گۇمانلىق تەشكىلات شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى ئۇنىڭغا باغلاپ ئەيىبلەشمۇ ناھايىتى گۇمانلىق. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت بۇ گۇرۇھنى تېررورلۇق تەشكىلات، دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىتاينىڭ ئەيىبلىشىنى ئاساس قىلىپ قوبۇل قىلىنغان. بۇنى ئامېرىكا ۋە ب د ت ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بېكىتكەن ئەمەس. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان، ش ت ئى ھ گە قارىتىلغان بۇ ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلىپ يۈرۈشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقە خىتايلار ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقى بار كىشىلەرنىڭ شەخسى ھەرىكىتىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئارقىسىدا مەلۇم بىر تەشكىلات بارمۇ، بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى توغرا ئانالىز قىلىش ناھايىتى مۈشكۈل. بىراق، مەن بۇ ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ش ت ئى ھ بارلىقى ھەققىدىكى پىكىرگە قايىل بولمىدىم، دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىققا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى، ئۇنىڭ مەزكۇر رايوندىكى دىن، مەدەنىيەت، تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىكى سىياسىتى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ كەلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يېقىندا CNN قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى «تېررورچىلارغا يان باستى» دەپ تەنقىد قىلغان.
ئۇلرىخ دېلئىۇس ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.
دېلئىۇس ئەپەندى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بارغان بەزى ھەرىكەتلىرىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى يېقىندا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەھدىت سېلىش ۋەقەسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.