ئامېرىكا: خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىپ مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى-بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2014‏-يىللىق دوكلاتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ئامېرىكا-خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى يېقىندىن تەقىب قىلىشقا چاقىرىپ، «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا يار يۆلەك بولۇپ قالماسلىقى ياكى قوللاپ سالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

دوكلاتتا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دىئالوگىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ «ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاي بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى ئۇنىڭ مەيدانىنى قوللىغانلىق، دەپ چۈشۈپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. بۇرۇن ئامېرىكا بۇ خىل خاتالىق سادىر قىلدى. خىتاي 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدىكى ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مىللىي-دىنىي مەسىلىنى تېررورلۇق مەسىلىسى، دەپ جاكارلىدى. بۇ، 2002‏-يىلى ش. ت. ئى، ھ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ قانۇنى نازارەتتىن خالى تېررورلۇققا قارشى سىياسەت يۈگۈرۈشىگە ئاق چەك يېزىپ بېرىلدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىدا نۇرغۇن توسقۇنلۇق بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى جىھادى گۇرۇھلارغا ۋە دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىجابىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى بۇ تەكلىپنى، بەزى ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئوباما ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى قايتا تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، خىتاي بىلەن بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى مۇمكىن، دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھەر خىل قارشىلىق ۋە تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل نارازىلىق ۋەقەلىرىنىڭ تەپسىلاتى ۋە مەقسىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئىزچىل كونترول قىلىپ كەلمەكتە.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2008‏-ۋە 2009-يىللىرى تىبەت، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن جىددىي ھالەت قانۇنى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ۋەقەلەرنى مۇستەقىل خەۋەر قىلىشىغا سەۋەبسىز ۋە ئومۇميۈزلۈك چەكلىمە قويغانلىقى، چەتئەل ئاخباراتىغا ئۇچۇر بەرگەن ئاھالىلەرنى قاتتىق جازالاپ، تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئەسەبىيلىك بىلەن چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سوفىيە رېچاردسون خانىم، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى-بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: دائىرىلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرگەن تىبەتلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى ۋە چېتىشلىق كىشىلەرنى قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ھېچقانداق ئاشكارا دەلىل بولمىسىمۇ دەرھال جازالىشى، دۆلەتنىڭ مۇزاكىرىنى ئەمەس، نارازىلىقنى باستۇرۇشنى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشاشلا خىتاي دائىرلەر 2013-يىلى 3‏-ئاي ۋە 2014‏-يىلى 4‏-ئايدىكى كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر قىلغان دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ پىكرىنى ئىسپاتلاپ باقمىغان. بۇ ھۇجۇمنى قانداق سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدە ياكى ئۇيغۇرلار بىلەن ۋە ياكى خىتاي ئاھالىسى بىلەن سۆزلىشىپ باقمىغان.»

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى-بىخەتەرلىك كومىتېتى دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتاي ئىچكى ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇپ كۈچ قوللىنىشى، ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇرلاردا ئاشقۇنلۇقنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي ھۇزۇرسىزلىق ئېغىرلاشقان. ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن خىتاي پۇقرالىرىغا ۋە ئاممىۋى سورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىشقا يۈزلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئىلىنى ئەزەلدىن قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆتكەن يىلى كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ يەر تارتىۋېلىشتىن تارتىپ، ئۆي چېقىش، دىنىي باستۇرۇشقىچە بولغان بىر قاتار مەسىلىلەردىكى نارازىلىقىنى ھەل قىلىشقا تۈزۈكرەك يول قويمىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتتىكى نارازىلىق خەلقئارانىڭ دىققىتى ۋە ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، بۇ كومپارتىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلاردىكى ھۆكۈمرانلىقى، ئۇنىڭ 3 خىل كۈچلەرگە بەرگەن تەبىرىگە خىرىس پەيدا قىلغاچقا، ئۇنىڭ بۇ رايونلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە داۋاملىق ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا برىجپورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر دوتسېنتى ستېفېن ھېسس مەزكۇر كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز نارازىلىق ئاۋازىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى تىبەتلەرگە قارىغاندا ئاز تەشكىللىك، كۆپرەك زوراۋانلىق تۈس ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: يېقىنقى ئايلاردا، ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا، كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا، گۇيلىندا، ئۈرۈمچىدە، گۇاڭجۇدا ئەجەللىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى. بىراق يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ خىل تېررورلۇق ھۇجۇملارغا بىر تەرەپتىن، تەرەققىياتقا سېلىنمىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش، يەنە بىر تەرەپتىن، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەتتا بەزىدە ئىپادە ئەركىنلىكى تېخىمۇ قاتتىق بوغۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ، كۆپ ھاللاردا مەۋجۇت مىللىي جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.»

ئامېرىكا خىتاي ئىقتىسادى-بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى سېلىنمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشتەك بۇ خىل قوش لىنىيەلىك ئىستراتېگىيە قوغدىيالمىغان. بەلكى، ئۇ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى رادىكاللاشتۇرغان.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2007-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىككە ئاجراتقان خام چوتى ھەر يىلى 27% كۆپىيىپ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىپ، «دائىرىلەر سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت ئىپادىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلدى. بۇ خىل كونتروللۇق ھەر يىلى 5‏-ئايدىكى تىبەتنىڭ ئاتالمىش «تىنچ ئازاد قىلىنىش» خاتىرە كۈنى، 2009‏-يىلى ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى مىللىي توقۇنۇشىنىڭ خاتىرە كۈنلىرىدە تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ» دېگەن.

بىراق دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادى تەرەققىيات پروگراممىلىرىنى يولغا قويۇپ، قاتتىق ئىجتىمائىي، دىنىي چەكلىمىلەرنى يۈرگۈزۈپ، مۇقىملىقنى ساقلىماقچى، ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇ كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىگەن.

دوكلاتتا، شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 2‏-ئايدا، 200 مىڭ كادىرنى يەرلىك ئورگانلارغا چۈشۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق نازارەتچىلىكنى كۈچەيتمەكچى، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئالغا سۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل تەدبىر جىددىيلىكنى پەسەيتمىگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل چەكلىمىلەر ئومۇمىي ئومۇميۈزلۈك كەمسىتىش خاھىشى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى بارغانسېرى رادىكاللاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.