يەرلىك خەلق نوپۇس ئىسلاھاتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە بەزى چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلار، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى نوپۇس ئىسلاھات چارىسىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئىلىغا كېلىپ يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ چىقارغانلىقىدا ھەمپىكىر.

ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھۆكۈمەت نىشانى ئۇيغۇرلارنىڭ رايون نوپۇسىدا تۇتقان سالمىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، خەنزۇلارنى رايوننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ھاياتىدا مۇتلەق يېتەكچى ئورۇنغا ئىگە قىلىش. بۇ ئارقىلىق «مەڭگۈلۈك سىياسىي ئەمىنلىك»كە ئېرىشىشتۇر.

بىراق بەزى تەرەپسىز كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نوپۇس ئىسلاھات چارىسى پەقەت سىياسىي نىشاننى قوغلىشىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەسىرى، مۇھىت، سۇ، قاتناش ۋە باشقا ئاساسى ئەسلىھەلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان يۈكى، مال باھاسى ۋە تۇرمۇش جەھەتلەردىكى تەسىرىنى نەزەردە تۇتمىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز ئۇيغۇر ئىلىغا تېلېفون قىلىپ، بەزى ئاھالىلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكرىنى ئالدۇق. جەنوبتا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئاھالىسى، بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قاتناش سىستېمىسىغا ئېغىر يۈك پەيدا قىلىپ، مۇھىت ۋە ئۇيغۇر باغۋەنچىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاھالە: ئەمدى ئۇنداق كېلىۋاتقانلار بار، لېكىن ئۇلارمۇ شەھەرگە ئورۇنلىشىپ، شەھەردە ئولتۇرۇپ، ھازىر كەنتلەرگە چىقىپ، ھازىر بىز ماۋۇ ئەمىن ئۆيى، دەيمىزغۇ، شۇنىڭ قۇرۇلۇشىنى قىلىۋاتقانلار بار. ئۇنداقلار كۆپ ھازىر. ئاددىسى، ئاشۇلار مۇشۇ يەرگە كېلىپ، ۋاقىتلىق نوپۇس بېجىرىپ، يېزا-كەنتلەرگە چىقىپ، كەنتتىكى قۇرۇلۇشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار.

مۇخبىر: نورمالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇمۇش ئۇسۇلى بار، تېرىقچىلىقى بار، دېھقانچىلىقى بار، باغ-ۋارانى بار. يەنە سۇ مەسىلىسى بار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى بار. بۇنداق سىياسەتنى چىقىرىپ، كەلگەنلا ئادەمگە نوپۇس بەرسە، بۇ شۇ جايدىكى تېرىلغۇ يەر، سۇ، مۇھىت مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ خەلقنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ھاياتىغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
ئۇيغۇر ئاھالە: بۇ مۇنداق. مەسىلەن، ئۆتكەن نۆۋەتتە، مۇشۇ 3‏-ئاي ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن جەنوبقا كېلىدىغان، جەنوبقا ئىچكىرىدىن چىققانلار، ئاددىسى قاتناش سىستېمىسىدىكى باھانىمۇ ئۆستۈرۈۋەتتى. مەيلى ئايروپىلاننىڭ بولسۇن، مەيلى پويىز ياكى ئاپتوبۇسنىڭ بولسۇن، 10-20 كۈن ناھايىتى جىددىي قىلىۋەتتى. ئاددىسى بۇ ياقتىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلارنىڭ كىراسى 310-320 كويغا چىقتى. ئۈرۈمچىدىن بۇ ياققا كېلىدىغانلارنىڭ 500 كويدىن تارتىپ 600 كويغا بىلەت يوق بولدى.

مۇخبىر: دېمەك، نوپۇسنىڭ ئۇنداق كۆپىيىشى ئۆي باھاسىغا، يېمەك‏-ئىچمەك ۋە قاتناش باھاسىغا تەسىر قىلىۋاتىدۇ، دەڭە؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ئاددىسى، قاتناش باھاسىغا، مەن شۇ مەزگىللەردە ئۈرۈمچىدە ئىدىم. ئايروپىلانغا بىلەت ئالالماي ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ 380 كويغا يېنىپ كەلدىم.

مۇخبىر: پۇلى يوقلار قانداق قىلار؟ بۇنداق ئەھۋاللاردا پۇلى يوقلارنىڭ ئەھۋالى قىيىنلىشىپ كېتىدۇ، دەڭ؟
ئۇيغۇر ئاھالە: شۇ. ئەمدى ئۇلار 11‏-ئايدا ئۇيانغا ماڭىدۇ. ئۇلار شىمالغا ماڭىدىغان، ئىچكىرىگە كىرىدىغان چاغدا يەنە شۇنداق بىر جىددىيچىلىك بولىدۇ. ئەمدى ئۇلار كېلىپ بۇ يەردە شۇلار ئىشلىمىسە، ئىشلەيدىغانلار يوق بولۇۋاتىدۇ. ئۇمۇ بىر مەسىلە.

مۇخبىر: ئەمدى نوپۇسنى قويۇۋەتسە، ئۇلار كېلىپلا نوپۇسقا ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ ئەمدى؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ئۇنداق نوپۇسقا ئېلىش ئىشلىرىدا ئەمدى بىزنىڭ بۇ يەردە بىر نوپۇسقا 4-5 پۇڭدىن يەر توغرا كېلىدۇ. بىر مودىنمۇ كەلمەيدۇ ئاددىسى. ھازىر تاغ، باياۋان، سايلارمۇ قالمىدى. لېكىن ئەمدى ئۇلارنىڭ مۇشۇ تەكلىماكان، شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن تەرەپلەرگە ئورۇنلىشىۋاتقانلار كۆپ. شۇ تەرەپلەرگە ئىشلەپ كېتىپ بارىدۇ ئۇلار. لېكىن بىزنىڭ ماۋۇ يېزىلارغا كېلىپ مۇقىم ئولتۇرۇپ ئىشلەيمەن دەيدىغانلار كۆپ ئەمەس. ئۆزلىرىمۇ تۇرمايدۇ بۇ يەردە.
لېكىن بىزنىڭ ماۋۇ يېزىنى كىچىك يەر، تەرەققىي قىلالمايمەن، چوڭ يەرگە كېتىمەن، دەپ بۇ يەردە ئولتۇرۇشنى خالىمايدۇ. ئۇلار شۇ چوڭ تەرەپكە كېتىدۇ.

مۇخبىر: ئۇ يەرنىڭ تەبىئىي شەرت-شارائىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇ مەلۇم مىقداردىكى نوپۇسنى باقالىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنداق چوڭ نوپۇس قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەر، بۇ خەلقلەرنىڭ بولۇپمۇ يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا؟
ئۇيغۇر ئاھالە: تەسىر كۆرسىتىشى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، يېمەك-ئىچمەك دەيمىز، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئۇ جەھەتتىكى ئىشلارنى تەشكىل ۋە ھۆكۈمەت تەڭشەپ كېتىپ بارىدۇ. مەسىلەن، گۆشنىڭ، كۆكتات، ئۇن- گۈرۈچ، مەسىلەن، تۇخۇم، دەيمىز. مۇشۇنداق يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ باھادا چوڭ ئۆزگىرىش يوق. ئۇنى شۇ تەرەپلەردىن گۆش ئېلىپ كېلىپ بولسىمۇ، باھاسىنى تۇراقلاشتۇرىۋاتىدۇ. ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالىقى يوق.

مۇخبىر: لېكىن مۇھىت مەسىلىسىچۇ؟ سۇ، تېرىلغۇ يەر، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇ مەسىلىلەرگە تەسىر قانداق بولدى؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ئۇنىڭدىكى تەسىرى يوق ئەمەس. مەسىلەن، بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ يۇقىرىدىكى ئورۇنلارغا ۋە شامال ئېغىزلىرىغا بەزى زاۋۇتلارنى قۇردى. ئۇنىڭدىكى ئىس-تۈتەك ۋە بەزى ئىشلاردا بۇلغىنىش ئەھۋالى بار. 1-2 يىل بولدى بۇلغۇنىۋاتىدۇ. بەزى يەل-يىمىش ۋە مىۋە-چېۋىلەر قۇرۇتلاپ كېتىدىغان، قۇرۇپ قالىدىغان، تو باغلايدىغان ئەھۋاللار بولۇۋاتىدۇ.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ يۇرتتا بولۇپمۇ مېۋە-چېۋە، باغۋەنچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئائىلىلەر جىققۇ سىلەردە؟
ئۇيغۇر ئاھالە: شۇنداق، باغۋەنچىلىك قىلىدىغان ئائىلىلەر كۆپ. شۇلارغا ئازراق تەسىرى بولاۋاتىدۇ. چىققان ئىس-تۈتەك ۋە بۇلغىنىشلار بىلەن مىۋە-چىۋىلەرگە ئازراق تەسىر كۆرسەتتى. لېكىن بۇنىڭ چارىسىنى قىلىۋاتىمىز، دەيدۇ. ئەمما قانداق قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭ خەۋىرىم يوق.

مۇخبىر: ئەمدى بۇ خەلقنىڭ دىنىي ئىبادەت، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا بولغان تەسىرى قانداق بولدى؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ئۇ جەھەتتىكى تەسىرى ئۇنداق چوڭ ئەمەس. ئەمدى بىز قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت دەيمىز، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەيمىز. قانۇنلۇق بولسا ئۇنىڭدا ئۈنچىلا چەكلىنىش يوق. قانۇنسىز بولسا ئاپتونوم رايون بويىچە چەكلەۋاتىدىغۇ ئۇنى. مەسىلەن، مائارىپقا ئارىلىشىدىغان، بەزىدە نىكاھ ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان، توي-تۆكۈن ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان مۇنداق ئىشلاردا چەكلىنىدۇ.

مۇخبىر: نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى يەرلىك ئاممىدا پىكىر، ئەندىشە تۇغدۇرمايۋاتامدۇ؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ئەمدى ئۇ ئىشلار بىزنىڭ ماۋۇ يېزا تەرەپلەرگە چىقمىدى. بىزنىڭ بۇ يەردىكى يېزىدا ئاۋۇ شىمالغا ئوخشاش قوشنا ئولتۇرىدىغان، بىر ئۆيدە ئۇ، بىر ئۆيدە بۇ ئولتۇرىدىغان ئەھۋاللار بىزنىڭ ماۋۇ تەرەپتە يوق. ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىمەن دەيدىغان ئىشلارمۇ يوق بىزنىڭ بۇ يەردە. شەخسەن بىزنىڭ كەنتىمىزدە ئۇنداق ئەھۋاللار يوق. بۇنىڭغا ئۇنداق شارائىت تۇغۇلمىدى.

بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئۇيغۇر ئىلىغا نوپۇس كۆچۈرۈپ، سانائەت بازىلىرىنى بەرپا قىلىش، كەڭ كۆلەملىك شەھەرلىشىشنى يولغا قويۇپ، بۇ رايوننىڭ ئەنئەنىۋى جەمئىيەت توقۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش كەلگۈسىدە ئېغىر ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئامېرىكا تۇرۇشلۇق ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم مانا شۇ قاراشتىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ رايوندا مۇقىملۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەڭ ئاقىل يولى، «كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىپ، مۇھىتنى قوغداش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات يولىغا يول قويۇشتۇر.» ئۇ مۇنداق دەيدۇ، «چۈنكى، ئۇيغۇر ئىلىغا قانداق تەرەققىيات يولىنىڭ ئەڭ باب كېلىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلار ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.»