ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىمۇ پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەن

0:00 / 0:00

30-ئىيۇل سەھەردىن باشلاپ قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى تاقىلىپ، ھېيتگاھ مەيدانى خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ساقچىلارنىڭ ھېيتگاھنى قامال قىلىشىغا شۇ كۈنى سەھەر جامەدىكى بىر دىنىي زاتنىڭ جامە ئالدىدا ئىككى كىشى تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەب بولغان ئىكەن.

مەزكۇر ۋەقەنىڭ دەل ھېيت نامىزىدىن كېيىن ساما ئويناش چەكلەنگەن مەسچىت ئالدىدا روزا ھېيتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى يۈز بېرىشى دىققەتنى چەكمەكتە.

رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئادەتتە روزا ھېيتتا ئەڭ قايناق بازا بولىدىغان ھېيتگاھ مەيدانىنى بۇ روزا ھېيتنىڭ 2-كۈنى يەنى 30-ئىيۇل باشقىچە سۈر باسقان. سەھەردىن باشلاپلا ساقچىلار ھېيتگاھ جامەسى ۋە مەيداننى قامال قىلىپ جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەن. بۇ ھەقتە خىتاي دائىرىلىرى ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىغان بولسىمۇ ئەمما 10-نۆۋەتلىك قەشقەر تاۋار سودا يەرمەنكىسى سەۋەبلىك قەشقەرگە ساياھەتچىلەر كۆپ يىغىلغان ۋاقىت بولغاچقا، دائىرىلەرنىڭ ۋەقەلىكنى قانچە ياپقان بولسىمۇ بۇ ھەقتە يەنىلا كۆرگۈچىلەر تەرىپىدىن بەزى ئۇچۇرلار تارقالماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى بىر فىرانسىيەلىك ساياھەتچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھېيتگاھ جامائەسى ئالدىدا بىر كىشىنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، پىچاقلىق ئىككى كىشىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ ۋەقە قەشقەردە 10-نۆۋەتلىك قەشقەر تاۋار سودا يەرمەنكىسى ئېچىلغان، ياركەنت ئېلىشقۇ يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، دائىرىلەر پۈتۈن ناھىيىنى قامال قىلغان، ۋەقەدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىي تۈس ئالغان.

چارشەنبە كۈنى قەشقەرگە تېلېفون قىلىپ ۋەقە ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشتۇق، ھېيتگاھ جامەسىگە تېلېفون ئېلىنمىدى ئەمما جامەگە 50 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى بىر ياش دۇكاندار تېلېفوننى ئېلىپ 30-ئىيۇل سەھەردىن باشلاپ جامە ۋە مەيداننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغانلىقى ئەمما چۈشتىن كېيىن ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى، ۋەقە ھەققىدە باشقا نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز قەشقەر ياۋاغ ساقچىخانىسىدىن ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە قانداق يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق ئەمما دائىرىلەر بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن قاتتىق قامال قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانى ئامانلىق ساقلاش پونكىتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى ۋەقە ھەققىدە بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ھازىر ۋەقەنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىپ ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئاممىغا ۋە ساياھەتچىلەرگە نورمال ئېچىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى:

گەرچە دائىرىلەر نازۇك بىر ۋەزىيەتتە ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى يوشۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ قەشقەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن ھېيتگاھ جامائەسى ئالدىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ جامەنىڭ خاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جۈمە تاھىر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

1990‏-يىللىرى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىماملىرىدىن ھارۇنخان دامۇللامۇ ئېتىقادچى ئاممىنى نارازى قىلغان سىياسىي باياناتلىرى سەۋەبلىك پىچاقلاپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان ئىدى.

2013-يىلىدىكى 23-ئاپرېل قەشقەر مارالبېشى ۋەقەسىدىن كېيىن 29-ئاپرېل خىتاي تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى ۋە خاتىپى جۈمە تاھىر داموللا، مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارغا نارازىلىقى ۋە نەپرىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

جۈمە تاھىر يەنە ئىلگىرى 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي تەرەپ يولغا قويغان قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىغان ۋە نامايىشىچى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۇ يەنە ئەينى چاغدا، مەن بۇ بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار بىلەن كۆپ ئېلىشتىم، ئۇلار مېنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكىمۇ ئۇرۇندى، لېكىن مەن بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتمەيمەن، ئۇلار بىلەن ئاداققىچە ئېلىشىمەن، دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.

قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھېيتگاھ مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى بويىچە كۆلىمى چوڭ ۋە سىمۋوللۇق ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىگە قەدىمكى مەسچىت. شۇنداقلا قەشقەر شەھىرىدىكى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن مەسچىت. ھېيتگاھ جامەسى مەسچىتى ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا 5 مىڭچە ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ، بۇ مەسچىت ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپلا قالماستىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەھكەم قوزۇقى ھېسابلىنىدۇ.