ئالتاينىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدە ئاز دېگەندە 20 نەچچە نەپەر قازاق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئالتاينىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەلىرىدە بىر قانچە يۈز قازاق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تاماقلىرىدا ھالال-ھارامنى سۈرۈشتە قىلغانلىقى ۋە گۇمانلىق تاماقلار ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالتايدىكى ساقچى ئورۇنلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئالتاي شەھەرلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە بۇرچىن ناھىيەلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى. تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قولتۇق بازىرىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقانلاردىنلا 20 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەلىرىدە ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بىر تۈركۈم قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن بېرىلىۋاتقان تاماقلارغا قارىتا ھالال-ھاراملىقىنى سۈرۈشتە قىلغانلىقى ۋە بىر قىسىم گۇمانلىق تاماقلارغا قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىنكاستا تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ يۈزلەرچە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى قانداق شەكىلدە ئىپادىلىگەنلىكى بايان قىلىنمىغان. بۇ ھەقتە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بەزى خادىملار ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئەھۋالىنى ئىنكار قىلمىدى.

قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت» ناملىق بىر ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان بىر ئۇچۇردا 400 دىن ئارتۇق قازاق ئوقۇغۇچىنىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەسىدە ئۆزلىرىگە چوشقا گۆشى بېرىلىشىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقى ۋە نامايىشتىن كېيىن ھەممىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ئالتاي ۋىلايەتلىك ج خ قوماندانلىق مەركىزى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن ئەھۋالنى ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىدىن ئېنىقلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن باشلىقى ئەھۋالنى خىتاي باشلىقتىن ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ھەر ئىككىسى قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئەھۋالىنى ئىنكار قىلمىدى. بىز ئالتاي ۋىلايەتلىك ج خ قوماندانلىق مەركىزىگە قايتا تېلېفون قىلغان ۋاقتىمىزدا ئالاقىدار خادىم بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن مەكتەپنىڭ ئالتاي شەھەرلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئوقۇغۇچلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە گەپ ئارىسىدا قازاق ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بۇرچىن ناھىيە قولتۇق بازارلىق ساقچىخانا خادىمى بۇرچىندا تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قولتۇق بازىرىدىن بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى دەلىللىدى ۋە قولتۇق بازىرىدىن تۇتۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھىيەلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە ساقچىخانىدىمۇ يىغىن ئېچىلىپ ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما ئۇ بۇ يىغىنلاردا تۇتقۇن قىلىنىشقا نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇرچىن 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپتە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قولتۇق بازىرىدىن بارغان ئوقۇغۇچىلاردىنلا 20 نەچچىسى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھازىرغىچە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا شەھەرلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە بۇرچىن ناھىيەلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ چوشقا گۆشى ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى تېخى دەلىللەنمىدى. ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ تۇتقۇننىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شەكىلدە مەجبۇرلىنىشتىن كېلىپ چىققانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملارنىڭ تۇتقۇننىڭ سەۋەبىنى بىلىپ تۇرۇپ ئېغىزدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىمۇ «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە.