ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تۈركۈملەپ ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى

0:00 / 0:00

يېقىندا خوتەننىڭ كېرىيە، چىرا ۋە لوپ ناھىيەلىرى شۇنداقلا قىزىلسۇنىڭ ئاتۇش شەھىرى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىدە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان نەچچە يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچىنىڭ جىددىي مەشقلەندۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

14-فېۋرالدىكى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىمۇ 200 نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ قوبۇل قىلىنىپ، ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا سەپلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىز گۇمىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ بۇ ئەھۋالنى دەلىللەپ كۆرۈشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن يېقىنقى جىددىيچىلىكتىن نېرۋىسى سەزگۈرلىشىپ كەتكەن ساقچىلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى.

گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر مەسئۇل ساقچى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ياردەمچى ساقچىنىڭ قولىدىن تۇرۇپكىنى يۇلۇپ ئېلىپ، تاپا-تەنە ۋە قوپال ئىبارىلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.

جىددىي تۈردە ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ۋە مەشقلەندۈرۈش ئىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىدىكى رايونلىرىدا بار-يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىز تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق.

پىچاننىڭ چىقتىم يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى نۆۋەتچى خادىم يېقىندا ناھىيە بويىچە 140 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ يېرىمىنىڭ «سىرتتىن» كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازارلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچىمۇ يېقىندا قوبۇل قىلىنغان 140 نەپەر ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بار ياشلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى ساقچى سىستېمىسىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىغا سەپلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2015-يىلىدىكى باي كۆمۈركان ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ باي ناھىيەسىدە ساقچى كۈچىنى تورلاشتۇرۇش ئىشىنى جىددىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بىز يېقىندىن بۇيان باي ناھىيەسىنىڭ يېڭىدىن ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدە باينىڭ سايرام يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، بىر نەپەر ئالاھىدە ساقچى «يېزىلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياكى ساقچىخانا باشلىقىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقى» نى بىلدۈردى.

بىز ئارقىدىن باي ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچى قىز ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېزىلىق ساقچىخانىدا ئۆتكەن يىلى قوماندانلىق باش شتابى قۇرۇلغانلىقىنى، ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 نەپەر قىزنىڭ ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.