خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش ئەسەبىيلىكنى تازىلاش تەدبىرلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تانسا ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىكەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى بىرقانچە قېتىم تىلغا ئېلىنغان ئىدى. جېجياڭنىڭ يىۋۇ بازىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە ئۆتكەن ئايدا رادىئومىزغا مەلۇمات بەرگەن ئارزۇ نۇرمەمەتمۇ يىۋۇ بازىرىدىن يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ يۇرتلىرىدا تانسا ئۆگىنىشكە تەشكىللەنگەنلىكى، ھەتتا تانسا ئوينىغاندىمۇ جورىسى بىلەن ئەمەس، باشقىلارنىڭ جورىسى بىلەن ئويناشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە فېيسبوكتا تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشى، يۇقىرىقى ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
فېيسبوكتا تارقالغان بۇ كۆرۈنۈشتە، 40-50 چە ياش ئەر-ئايالنىڭ كىچىك بىر زالدا تانسا ئويناۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. زالنىڭ بىر تەرىپىدىكى سەھنە، سەھنىنىڭ ئارقىسىدىكى بىرقانچە قىزىل بايراق ۋە سەھنىدە تانسا ئويناۋاتقانلارنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان بىرقانچە كىشى تانسا ئوينىلىۋاتقان سورۇننىڭ ئەسلىدە بىر يىغىن زالى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. زالنىڭ ئاددىي-ساددا تۈزۈلۈشى، دېرىزىدىن باشقا يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ بولماسلىقى، بولۇپمۇ تانسا ئوينىغۇچىلار ئارىسىدا تۇماق قاتارلىق يەرلىك ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەنلەرنىڭمۇ بولۇشى، زالغا توپلانغانلارنىڭ بىر چەت يېزا ياكى كەنت ئاھالىسى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. تانسا ئويناۋاتقانلارنىڭ كىيىنىشىنىڭ بىر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ماس كەلمىگەن دەرىجىدە ئاددىي ۋە رەتسىزلىكى ۋە بۇ سورۇنغا قۇچاقتىكى بالىلىرىنىمۇ ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ سورۇنغا ئۆز مەيلى ۋە كەيپى بىلەن كەلمىگەنلىكىنى، پەقەتلا ۋەزىپە ئادا قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بۇ خىل تانسىغا قىزىقتۇرۇش، تەشكىللەش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەتتا مەجبۇرلاش ئەھۋالى ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە داۋام قىلماقتا. ئۆتكەن ئايدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئىلگىرى يىۋۇ بازىرىدا دۇكان ئاچقان نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئارزۇ نۇرمەمەت يۇقىرىقى ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەرگەن: « يىۋۇدىن ھەيدىلىپ كەتكەن تىجارەتچىلەر يەنە قايتىپ كەلدى، يەنىلا يىۋۇ ياخشىراقكەن دەپ. چۈنكى ئۇلارغا، يۇرتىغا قايتقاندا مەجبۇرىي يىغىۋېلىپ تانسا ئۆگىتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئېرى بىلەن ئوينىشىغا رۇخسەت يوقكەن، چوقۇم ئېرىدىن باشقىسى بىلەن ئوينىشى كېرەككەن. ئەر-ئايال ئويناپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تانسا زالىغا ئېرىنى چۈشتىن ئاۋۋال، ئايالىنى چۈشتىن كېيىن ياكى بىرىنى بۈگۈنى، يەنە بىرىنى ئەتىسى ئاپىرىدىكەن.»
ئاقسۇنىڭ توخۇلا يېزىسىدىكى بىر كەنت كادىرى گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ئاھالىلەرگە تانسا ئۆگەتكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەسەبىيلىكنى تازىلاش ئۈچۈن كىشىلەرنى ئەدەبىيات-سەنئەتكە، نەغمە-ناۋاغا تەشكىللەۋاتقانلىقىنى، ناخشا-ئۇسۇل ئۈچۈن توي زاللىرىنى ھەقسىز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۆزلۈكىدىن قوبۇل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، بەلگىلىك بىر مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى كۈچەش ياكى مەجبۇرلاشنىڭ جەمئىيەتتە بىئارامچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ خىل كۈچەش سىياسىي مەقسەتلىك بولغان ئەھۋالدا جەمئىيەتتە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ۋە ئىسيانغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.