ئامېرىكىدىن غۇلجىغا تۇغقان يوقلاشقا بارغان بىر تۇڭگان ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.01.22
yepiq-terbiyelesh-derwaza-saqchi-pos.jpg «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» ئالدىدا پوستا تۇرغان ساقچىلار. 2017-يىل 2-نويابىر، كورلا.
AP Photo/Ng Han Guan

يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە 12 يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن، نۆۋەتتە سېئاتۇل شەھىرىدىكى ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان 22 ياشلىق تۇڭگان قىزنىڭ بۇلتۇر 10-ئاي مەزگىلىدە يۇرتى غۇلجىغا قايتقىنىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تۇڭگان قىز غۇلجىدا تۇغقان يوقلاۋاتقان مەزگىلىدە تەتىللىك دەرسلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تورىغا كىرگەن. دائىرىلەر ئۇنى «تام ئاتلاپ قانۇنسىز چەتئەل تورىغا كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، غۇلجىدىكى مەلۇم بىر «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كەتكەن.

ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم، يەنى «يېشىل كارتا» بىلەن ياشاۋاتقان، ئەمما يەنىلا خىتاي گىراجدانلىقىنى ساقلاپ قالغان ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر ئوقۇغۇچىسى غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان مەزگىلىدە تۇتۇش كېتىلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇپ، ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئامېرىكىدىكى مەكتىپىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىشى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى فروستفورگ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفىسورى، خىتايدىكى مۇسۇلمان مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ما خەييۈن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ غۇلجىدا تۇتقۇن قىلىنغان بۇ تۇڭگان قىزىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىگە سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ كەلگەن، ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقمىسىلا ئۆزىنى بىخەتەر ھېسابلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردىكى قازاق، تۇڭگان، قىرغىز ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭمۇ نۆۋەتتە باستۇرۇلۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ما خەييۈن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم بار، بۇ قىز ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە 10 يىل ئىلگىرىلا ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇلارخىتايدىكى يۇرتىغا قايتىشتا قولايلىق بولسۇن دەپ ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتمىگەن ئىكەن. ھازىر پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدا نەچچە يۈز مىڭ ئاھالە غايىب قىلىنىپ، ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە مەھكۇم قىلىنماقتا. مۇشۇنداق شارائىتتا بۇ تۇڭگان قىزى خىتاي پاسپورتى بىلەن يۇرتى غۇلجىغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بارغىنىدا تام ئاتلاپ ئامېرىكىدىكى مەكتىپىنىڭ تورىغا كىرگەن. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىپ، 3 ئايدىن بۇيان ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى› گە سولىنىپتۇ. بىلىشىمچە، بۇ قىز تېخى نەچچە ئاي ئىلگىرىلا دوختۇرخانىدا ياتقان ۋە ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئىكەن، بۇ قىز بۇلتۇر 10-ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ‹تەربىيەلەش مەركىزى› گە ئېلىپ كېتىلىپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ قايسى ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دە ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئانا-ئانىسىغا نامەلۇم ئىكەن. بۇ بەكلا ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال. بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىشتىن ھالقىپ، رايوندىكى قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرگە، ھەتتا ئاللىقاچان چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارغا قەدەر كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.»

ما خەييۈن ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ھازىر دۇنيادا چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇشۇ خىل باھانىلەردە تۇتقۇن قىلىنىشى پەقەتلا ئۇيغۇر رايونىدىلا يۈز بېرىۋاتقان بىر قىلمىش. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتىپىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ ئۇچۇر كۆرۈشى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دېموكراتىك دۆلەتتە، ھەتتا خىتايدىكى باشقا ئۆلكە شەھەرلەردە قانۇنىي چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدىغان نورمال بىر ئىش. ھازىر شىنجاڭدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە-شەھەرلىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇنداق قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت پەقەت ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىنلا يارىتىلدى. ئۇلار ئاغزىدا تېررورىزمغا قارشى تۇردۇق دەپ باھانە كۆرسىتىدۇ، ئەمما ھازىر شىنجاڭنى ئاللىقاچان ھەربىيلەر ئىشغالىيىتىدىكى رايونغا، خىتاي ئاساسىي قانۇنى ئىشلىمەيدىغان رايونغا ئايلاندۇرۇپ بولدى، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئەسەبى ھەرىكەت.»

ما خەييۈن ئەپەندى يەنە يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى كۆرمەسكە سالغان، سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈمىد باغلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارنىڭ ئەمدى سۈكۈت قىلماسلىقىنى، بۇ خىل پاجىئەلەرنى دادىللىق بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر ھالەتكە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بىلىشىمچە، ھازىر شىنجاڭدا ياشاۋاتقان خىتايلارمۇ بۇ خىل سىياسىي باستۇرۇش سەۋەبلىك دەككە-دۈككە ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. مېنىڭچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىگە داۋاملىق سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۆزى رايون ۋەزىيىتىگە قىلىنغان ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك. چۈنكى رايوندا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ خىل پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلاتقاندىلا، ئاندىن رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىكى پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا مەركەز قىلىشتىن ھازىر بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان قازاق، تۇڭگان قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە كېڭەيتىلىشى رايون خاراكتېرلىك دۆلەت تېررورىزمى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت يەنە يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىپ ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە، ئېغىر كۈلپەتلەرنى دادىللىق بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلىغىنىدىلا، ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغىلى ۋە خەلقئارادا پىكىر ئېقىمى ھاسىل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە خەلقئارا سەھنىلەردە پاكىتلىق ئىسپاتلارنى كۆتۈرۈپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.