مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىدىكى خىتايغا ياردەم جەمئىيىتى نامىدىكى بىر ئاممىۋى تەشكىلات، ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدە ساقچىخانىلارغا ھەر بىر كەنتتىن 200 ئادەم تۇتۇش ھەققىدە ۋەزىپە چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە بىر خەۋەر بەردى. مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە كۈنەسنىڭ ئارالتۆپە يېزىسىغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بارغىنىدا، مەزكۇر سان دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، تېلېفونىمىز ئۇلانغان 11 ئائىلىدىن 6 سىدە تۇتقۇن بارلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئىكەنلىكى، ئائىلىسىدە تۇتقۇن بولمىغان قالغان 5 ئائىلىنىڭ خىتاي، تۇڭگان ۋە قازاق ئائىلىسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
«China Aid»، يەنى «خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە ساقچى ئورۇنلىرىغا ھەر بىر كەنتتىن 200دىن ئادەم تۇتۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى ۋە بۇ ئۇچۇرغا كۈنەس ناھىيەسىدىكى بىر قازاق ساقچى خادىمىنىڭ بايانلىرى پاكىت كۆرسىتىلدى. دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا قازاقىستانغا چىقىپ كەلگەنلەر، ناماز ئوقۇغانلار ۋە بۇرۇن تۈرمىدە ياتقانلار بولۇپ 3 كاتېگورىيە بويىچە، ھەر بىر كەنتتىن ئاز دېگەندە 200دىن كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان. كۈنەس ناھىيە ئارالتۆپە بازارلىق ساقچى خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى.
بىز ئارالتۆپە بازىرىدىكى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان 11 ئائىلىدىن 6 سى ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىردىن تۇتقۇن بارلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ كۈنەس بەشتۆپىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرى» دا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
«خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىرىلەرنىڭ ھەر بىر كەنتتىن ئاز دېگەندە 200 دىن ئادەم تۇتۇش بۇيرۇقىنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش دولقۇنىغا ئەگىشىش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان 11 ئائىلىدىن 2 سى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن بولسىمۇ، ئۇلاردىن ھېچقانداق بىر كىشى تۇتۇلمىغانلىقى ئايدىڭلاشتى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىككى تۇڭگان ئائىلىسىمۇ ئۆز ئائىلىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدە تۇتۇلغان ياكى تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلەرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قازاق كىشى ئائىلىسىدىن تۇتۇلغانلار يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئەمما يېقىندا غۇلجىدىكى بىر ناھىيەنى زىيارەت قىلىپ قايتقان قازاقىستانلىق بىر ساياھەتچى، غۇلجىدىكى قازاق ئاھالىلىرىنىڭمۇ ئېغىر كۈندە ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى.
«خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتى مەزكۇر خەۋىرىدە خىتايدا مەملىكەت بويىچە قوزغالغان قارا كۈچلەرگە، يەنى ئىجتىمائىي جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندە، خىتايدىن باشقا مىللەتلەرگە ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشكە ئۆزگەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئارالتۆپە بازىرىنىڭ نوپۇسى 34 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ 60% نى ئۇيغۇر ۋە قازاق؛ قالغان 40% نى خىتاي ۋە تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن نۆۋەتتىكى ھەرخىل زەربە دولقۇنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
0:00 / 0:00