ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى «دىنىي رادىكاللىققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئەھدىنامە» ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00

14-فېۋرال خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان «دىنىي رادىكاللىق، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت، مەكتەپلەرگە قەدەر كېڭىشى دىققەت قوزغىدى. بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قىشلىق تەتىلدىن كېيىن باشلانغان سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى ۋە ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ «دىنىي رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى» گە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش، ھەتتا ئەھدىنامە ئىمزالاشقا مەجبۇرلىنىشى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلار ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەكتەپ تورىدىكى خەۋەرلەردىن ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىشلىق تەتىلدىن كېيىنكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش بىلەن مەكتەپلەرگە يىغىلغان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، «ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرىكى 1-سائەتلىك دەرس» نامىدا سىياسىي ئۆگىنىش ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «دىنىي رادىكاللىق، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي ئۆگىنىش» ۋە ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1-مارتتىكى سانىدا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ئېلان قىلغان «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىستىھكامنى ساقلايمىز» نامىدىكى ۋەدىنامىسىنىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ۋەدىنامىدە مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، ئۆزىنىڭ 27-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ۋە قەسەمياد يىغىنى» ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش نىشانى ۋە ئىرادىسى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. بىز مۇقىملىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ زور قۇدرىتىنى تونۇپ يەتتۇق. زوراۋان ئۇنسۇرلار ۋە بۆلگۈنچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە مەكتىپىمىز ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى. بىز ھەرقانداق بىر ئەڭ كىچىك ھالەتتىكى زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ۋە خاتىرجەملىكىمىزنى بۇزۇشىغا يول قويمايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىنىپ، ھەر خىل ناملاردىكى سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24-فېۋرال مەكتەپ يىغىن زالىدا «ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرىكى 1-سائەتلىك دەرس» سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلىپ، يىغىندا ‹مۇقىملىقنى قوغداش› ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە دىنىي رادىكاللىق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان. 27-28-فېۋرال كۈنلىرى يەنە ھەرقايسى ئىنستىتۇت ۋە مەمۇرىي ئورگانلاردا ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارغا «14-فېۋرال خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمى، 9-فېۋرال قەشقەر يېڭىسار پالتىلىق ھۇجۇمى» قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆججەتلەرنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەردىن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي-رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنغان.

نۆۋەتتە دەم ئېلىشقا چىققان بىر خىزمەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر جىددىي سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۆزىگە ئوخشاش دەم ئېلىشقا چىقىپ بولغان، ئەمما خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قايتىدىن تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلەۋاتقانلار نورمال خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىماقتا ئىكەن.

يەنە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 14-فېۋرال خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن پۈتكۈل جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بولۇپ، ئاقسۇدا ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خوتەندىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىلىرىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن. خوتەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىشلىق تەتىلدىن كېيىن باشلانغان يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا، مەخسۇس تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلىپ، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە مەكتەپنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئىدىيىۋى خىزمەتلىرىنى ئىشلەشتە خىزمەت كۆرسەتكەن مەمۇرىي خادىملار ۋە سىنىپ مۇدىرلىرى مۇكاپاتلانغان.

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى مەكتەپ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىشلىق تەتىلدىن كېيىنكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، مەكتەپ بويىچە «دىنىي رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي ئۆگىنىش» ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 1-مارت كۈنى مەكتەپتە «دىنىي رادىكاللىقتىن يىراق تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش» سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندىن كېيىن بارلىق ئوقۇغۇچىلار «دىنىي رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» گە ئىمزا قويۇپ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلگىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئوقۇغان ۋە شۇ مەكتەپتە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدا مۇستەقىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مېھرىئاي خانىملار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل سىياسىي ئۆگىنىشنىڭ سەۋەبى ۋە بىلىم ئوچاقلىرى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سىياسىي كۈرەش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ زىيىنى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەت دولقۇنىنىڭ 60-70-يىللاردىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن «دىنىي رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەش» تەلەپ قىلىنغان سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكى، رايوندا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايون مۇقىملىقىدىن ئەنسىرىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مېھرىئاي خانىم بولسا، بىلىم ئوچاقلىرى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي خىزمەتنىڭ ئورنىغا، تۈگىمەس سىياسىي ئۆگىنىشلەر ئېلىپ بېرىلىشى، بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرىشى سەۋەبلىك بولۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلاردىن سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنىشى مەكتەپنىڭ ئەسلىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەتقىقات خاراكتېرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، مەكتەپلەرنى سىياسىي كۈرەش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن مېڭە يۇيۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئوخشىمىغان سىياسىي قاراش سەۋەبىدىن زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.