بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال، باي ناھىيىسىنىڭ تېرەك بازار يېزىسىدا خىتاي كۆمۈركان ئىشچىلىرى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، تېرەك بازارغا قوشنا بولغان كانچى يېزىسىنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئىدى.
مانا بۇ يېزىدىن بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي پۇقراسى ئەنە شۇ ۋەقەدىن كېيىن يېزىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىر ئورۇنغا توپلانغانلىقى، 24 سائەت قوراللىق قوغدىلىۋاتقانلىقى ۋە مەھەللىدىن سىرتقا چىقالمىغانلىقى بايان قىلدى.
باي ناھىيىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەشلىرىمىز داۋامىدا تېلېفونىمىز كۈتۈلمىگەن ھالدا مەزكۇر ناھىيەنىڭ كانچى يېزىسىدىكى بىر خىتاي كۆچمەن ئائىلىسىگە ئۇلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، كانچى يېزىسىنىڭ 8-كەنتىدە ياشاۋاتقان ۋە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى، ئۇيغۇر رايونىدا ئالدىنقى يىللاردا ئارقىمۇ-ئارقىدىن چىققان ۋەقەلەردىن كېيىن، بولۇپمۇ 18-سېنتەبىر كۆمۈركان ھۇجۇمىدىن كېيىن، 8-كەنتنىڭ 4-مەھەللىسىدىكى بىر ئائىلىلەر بىناسىغا توپلانغان، خاتىرجەملىكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر قانچە ئائىلە بىر ئۆيدە تۇرغان.
بەيدۇ قاتارلىق ئۇچۇر ئامبارلىرىدا كانچى 13 كەنتتىن تۈزۈلگەنلىكى، نوپۇسىنىڭ 15443 ئىكەنلىكى يېزىلغان، ئەمما يېزىدىكى خىتاي نوپۇسى تىلغا ئېلىنمىغان. ناھىيەنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەر مەزكۇر يېزىدا دېھقانچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي نوپۇسىنىڭ 100 ياكى ئىككى يۈزچە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. مەزكۇر خىتاي ئايالنىڭ بايان قىلىشىچە، مانا بۇ خىتاي كۆچمەنلىرى توپلانغان بىنا، يېزىنىڭ مەركىزىگە، يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىقىنىغا جايلاشقان. يەنە بۇ ئائىلىلەر بىناسىغا يېقىن بىر جايدا خىتاي قوراللىق قىسمىنىڭ بىر ئوتتۇرا ئەترىتى بازا قۇرغان. يەنە بۇ كۆچمەننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار مانا مۇشۇنداق قوراللىق كۈچلەرگە يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، ئۇلار تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ بىخەتەرلىكى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك بىلەن قوراللىق قوغدالغان. بىنا جايلاشقان مەھەللىدە كەنت ۋە يېزا ئامانلىق خادىملىرى، ساقچى ۋە قوراللىق ئەترەت خادىملىرى بولۇپ 4 گۇرۇپپا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز چارلاش ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر خىتاي ئايال، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىگە قانىتىنى شۇنچە كەڭرى ئاچقان ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى شۇنچە كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەنسىزچىلىكتىن خالىي بولالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان مەھەللىدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغان. ئىشتىن سىرت ۋاقىتلىرى ئائىلىلىكلەر بىناسىدىن سىرتقا چىقمىغان. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بايدا مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، باي تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندا خىتاي كۆچمەنلىرى يۇرتلىرىغا قايتقان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، تەۋەلىكتىكى خىتاي ئاھالىلىرىگە قارىتا يۇقىرىقىدەك شەكىلدە ئەتىۋارلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان.
بىز بايدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغان بۇ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بايدىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق؛ خادىملار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىدى.
مەزكۇر خىتاي ئايال، ۋەقەدىن كېيىن تونۇش-بىلىشلىرى ئىچىدە يۇرتىغا قايتقانلار بار-يوقلۇقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، يېزىغا مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى.
2015-يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە خىتاي ۋە ئۇيغۇر تەرەپتىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خىتاي قوراللىق ساقچى كۈچلىرى 56 كۈن ئىز قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ھەم ئاخىرىدا ئۆڭكۈرگە كىرىۋالغانلارغا قارىتا ئوتچاچار قوللىنىپ ۋەقەنى بېسىقتۇرغان.
0:00 / 0:00