د ئۇ ق «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» نىڭ 4 قىتئەدىكى مەسئۇللىرىنى ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.01.17
uyghurluq-bedili.jpg د ئۇ ق ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلۇق بەدىلى مەسۇللىرۇنىڭ تىزىملىكى فىلىمىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» گە 16 دۆلەتتىن 33 نەپەر ئۇيغۇرنى مەسئۇل قىلىپ بەلگىلىدى.

د ئۇ ق نىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، قۇرۇلتاي فوندى «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» ئۈچۈن تۇنجى قەدەمدە تۆت قىتئەدىكى 16 دۆلەتتىن 33 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تاللاپ، شۇ دۆلەتلەرگە مەسئۇل قىلىپ بەلگىلىگەن. د ئۇ ق بۈگۈن ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى قۇرۇلتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارا ئېلان قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» يىغىش ئىشلىرىغا ئۇلارنىڭ د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» تۈزۈمىنى 2018-يىلى 4-ئايدا بېلگىيەدە چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا قاراردىن ئۆتكۈزگەن ھەم شۇ يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكا، ئوكيانىيە ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت تۆت قىتئەدە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.

د ئۇ ق نىڭ تەشۋىقاتلىرىدىن ئاشكارا بولۇشىچە، «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولۇپ، يېشى 18 گە تولغان ھەر بىر ئۇيغۇر ھەر ئايدا ئوخشىمىغان مىقداردا بەدەل پۇلى تۆلەيدىكەن. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار 1 ئامېرىكا دوللىرى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 3 ئامېرىكا دوللىرى، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 5 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» نىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرغا مىللىي، ئىنسانىي مەجبۇرىيەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق فوندىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل ئەپەندى بولسا «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» گە قارىتا ئىنكاسلىرى ھەر خىل بولۇپ، «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» نىڭ قازاقىستانغا مەسئۇل ۋەكىلى سەدرىددىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستاندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار د ئۇ ق نىڭ بۇ تۈزۈمىگە ئىجابىي باھا بەرمەكتە ئىكەن ھەمدە بۇ بەدەل پۇلىنى تۆلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىنى، دەۋاغا بولغان قوللاش ھېسسىياتلىرىنى ئىپادە قىلماقتا ئىكەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاينىڭ 2019-يىللىق خىزمەت پىلانلىرى ئىچىدە «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئالدىمىزدىكى ئايلاردىن باشلاپ د ئۇ ق دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ۋە شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا قۇرۇلتايغا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىدىغان «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» نىڭ مەسئۇللىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۇرغۇزۇپ چىقىدىكەن.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەسپىي خادىملارنى كۆپەيتىش، دۇنيانىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دۆلەتلەردىكى مۇھىم شەھەرلەردە قۇرۇلتاي مەركەزلىرى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ سىستېمىنى قوللاش قىزغىنلىقى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.