بىر ۋېيتناملىق ئايال: كومىتېتنىڭ يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارغا يەر بەرمەسلىك ھەققىدە ئېنىق ئۇقتۇرۇشى بار

0:00 / 0:00


ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە، ھەر قاتلىمىدا كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن، كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى سەۋەبىدىن ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىق قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويۇلغانلىقىدىن قاتتىق نارازى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى دەلىللەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرماقتا.

بىراق، ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەيلى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، مەيلى مېھمانخانىدا بولسۇن، دۇكاندا، ئايرودرومدا بولسۇن، ھەممە يەردە پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا. بۇ ئەھۋال خىتايدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم چەتئەللىكلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. خىتايدا ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى ئۆز بېشىغا كەلگەن ئەھۋاللار ئارقىلىق بىۋاستە ھېس قىلغان بىر ۋېيتناملىق ئايال ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەھۋاللارنى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ كۈنىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئۇيغۇرلارنى چۈشەنگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك خىتاي بىلەن ۋېيتنام جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى كۈرىشى قىلىۋاتقان ئىككى دۆلەت. يېقىندا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشتىكى رايونلاردا ئۆز ئالدىغا نېفىت بۇرغىلاشنى باشلىشى ۋېيتنامدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان ئىدى. كېيىن ۋېيتنام خەلقى قىلغان نامايىشلار كېڭىيىپ كېتىپ، خىتاي شېركەت - زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان، ئوت قويۇدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىققان ئىدى. كېيىن ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال تەدبىر ئېلىشى ۋە بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلغانلارنى جازالىشى بىلەن ۋەقەلەر دەرھال تىنجىتىلغان ئىدى. تانتۇدو دەل مانا مۇشۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلدە شېنجېندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تىجارەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا كەلگەن بىر ۋېيتناملىق ئايال. ئۇ ۋېيتنامدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن كۆرگەن مۇئامىلىسىنى خىتايدا تۇرۇپ بىر ئۇيغۇرنىڭ كۈنىنى كۆرۈشكە ئوخشاتقان. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تانتۇدو بۇ ۋەقە بىلەن ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى خىتاي تونۇشلىرى بىلەن بولغان مۇئامىلىسىنىڭ دەرھاللا ۋېيتنام - خىتاي ئارىسىدا 1979 - يىلى يۈز بەرگەن چېگرا ئۇرۇشىدىكى مەزگىلدەك سوغۇقلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزى ۋە باشقا خىزمەتداشلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئازارلانغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۆزىگە ھە دېسە خىتاي دېگەن چوڭ دۆلەت، ۋېيتنام دېگەن كىچىك دۆلەت دېگىنىنى ئېيتقان. بۇ ۋېيتناملىق ئايال ئۆز بېشىغا كەلگەن «ئۇيغۇرنىڭ كۈنى» نى مۇنداق دەپ ھىكايە قىلغان:

- بۇ تىجارەت يەرمەنكىسىدە ھەر بىر شېركەتنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىسمى ۋە بايرىقى ئۇلارنىڭ بۆلۈمچىسى ئۈستىگە يېزىپ قويۇلاتتى. شۇڭا بىزنىڭ ۋېيېتنامدىن كەلگەن شېركەتلىكىمىزنى بىلىش ئىنتايىن ئوڭاي. بىر ۋاقىتتا 60 ياشلار چامىسىدىكى بىر خىتاي بوۋاي قولىنى ماڭا شىلتىپ تۇرۇپ «سەن! سەن ۋېيتناملىقلار بىزگە ئاسىيلىق قىلىشتىڭ!» دەپ ۋاقىرىدى. مەن ئۇ چاغدا ئۇ كىشىنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى ئاڭقىرالماي قالغان ئىدى. بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن مېنىڭ باشلىقىمغا ۋېيتنامدىكى ئائىلىسىدىن تېلېفون كەلدى. ئۇلار باشلىقىمغا ۋېيتنامدا خىتايغا قارشى نامايىش بولۇپ قالايمىقانچىلىق چىققانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭ زاۋۇتلارغا ئوت قويغانلىقىنى ئېيتىپ، ئامال بولسا نەرسىلەرنى ئەزانغا سېتىۋېتىپلا، دەرھال ۋېيتنامغا قايتىپ كەل، دەپتۇ. يامان خەۋەر ئىتتىك تارقىلىدىكەن. مانا بۇ مېنىڭ خىتايدىكى «ۋېيتناملىق ئۇيغۇر» بولغان كۈنلىرىمنىڭ باشلىنىشى بولدى. كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پەقەتلا بىز ۋېيتناملىقلارنىڭ نېمىگە ئوخشايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈش، بىزگە سەت كۆز بىلەن قاراپ، ئاللىقانداق بىر نېمىلەرنى دەۋېلىش ئۈچۈنلا بىزنىڭ بۆلۈمىمىزگە كېلەتتى. بىر خىتاي ئايال بىر كۈنى يېنىمغا كېلىپ «سەن ۋېيتناملىقمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ ھەيران بولغاندەك قىلىپ «سېنىڭ چىرايىڭ ھەجەپ بىز خىتايلارغىلا ئوخشايدىكەن، ئۆزەڭمۇ خىتايچە بىلىدىكەنسەنغۇ؟» دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ 5 يىل خىتايچە ئۆگەنگەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇ ئايال بۇنىڭ بىلەن ماڭا «سىلەر ۋېيتناملىقلار ئەسكى خەلق. بەك ئەسكى. سىلەر خىتايغا ئوخشاش مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتنىڭ چىشىغا تېگىشكە پېتىندىڭلارما؟ سەن بىلەمسەن، ئامېرىكا چېغىدا بىزگە ھۆرمەت قىلىدۇ!» دېدى. ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى يۇقىرىلاۋاتاتتى ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا تاماشا كۆرۈپ تۇرغان بىر قېرى بوۋاي ناھايىتى خوشاللىق بىلەن سۆزگە قوشۇلدى. ئۇ گەپنى 1979 - يىلىدىكى ۋېيتنام - خىتاي ئۇرۇشىدىن باشلىدى ۋە «مەن دېگەن شۇنداق جىق ۋېيتنام ئەسكەرلىرىنىڭ ئەدىبىنى بەرگەن. سەن ئۇلارنىڭ مەندىن قانداق قورقىدىغىنى بىلەمسەن؟» دېدى. ئۇ چاغدا مەن بىر ۋېيتناملىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋاقىراپ تۇرۇپ «سەن خىتاينىڭ ئۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلەمسەن» دېگۈم كەلدىيۇ، ئۆزەمنى تۇتۇۋالدىم. چۈنكى ئۇلار خېرىدار، ئىككىنچىسى، مېنىڭ بۇنداق ئادەملەرگە سۆزلەپ ئۆزەمنى ئۇپراتقۇم كەلمىدى.

بۇ ۋېيتناملىق ئايال تانتۇدو شۇ كۈنى كەچتە ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەۋەرلەرنى كۆرۈپ، ۋېيتنامدا بولغان ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار بولغان ۋە خىتاي ئىشچىلارغا، زاۋۇتلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ۋېيتنامدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ئۈچۈن بارلىق ۋېيتناملىقلارنىڭ بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنىڭ تەڭسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە بولغان ئەھۋاللارنى مۇنداق دەپ بايان قىلغان :

- ئەتىسى، ۋېيتنامدىكى بۇ ۋەقەلەر خىتايدىكى قاناللاردا كەڭرى ھالدا كۆرسىتىلىپ خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بىر ئادەم ھەتتا ۋېيشىڭ ئۇچۇر تورى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ۋېيتناملىق ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئۇچۇردا بارلىق خىتاي پۇقرالىرى گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭگۇەن دەيدىغان يېرىدە ئىشلەيدىغان ۋېيتناملىق ئىشچىلاردىن ئۆچ ئېلىشقا چاقىرىلغان ئىدى. مانا مەن ھازىر كۈنمىڭ پويىز ئىستانسسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە كۈن كۆرگىنىنى تولۇق چۈشەندىم. مېنىڭ ۋە خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان باشقا ۋېيتناملىقلارنىڭ ۋېيتنامدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر بىلەن نېمە ئالاقىمىز بار؟ بىز نېمە قىلدۇق؟ ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇ ۋەقەلەردىن خوشال ئەمەس. مەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ دۇڭگۈەندىكى باشقا ۋېيتناملىقلارغا تەسىر يەتكۈزۈشىنى خالىمايمەن. ۋېيتنامدىكى نامايىشتىن كېيىن، خىتايدىكى نۇرغۇن تور بەتلەر، ئۇنىۋېرىسال ۋە يەرلىك تېلىۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ھەممىسى ۋەقەلەرنى، چىققان زىياننى توختىماي خەۋەر قىلدى. بۇ تېخىمۇ كۆپ خىتاي پۇقراسىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىشقىلا خىزمەت قىلاتتى. ھەتتا بەزى كىشىلەر بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ «سىلەر تېخىچە بۇ يەردە تىجارەت قىلىدىغانغا قانداق جۈرئەت قىلىۋاتىسىلەر!» دەپ ۋاقىرىدى. ۋەقەلەر بولۇپ ئارىدىن كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، خىتايلار تېخىچە بىزگە ئۆچمەنلىك قىلدى. بەزىلەر ھەتتا ۋېيتناملىقلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئالماڭلار، دەپ تەشۋىق قىلدى. مەن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتىنى تولۇق چۈشەندىم. خىتايلارنىڭ قانداق قىلىپ باشقىلار قىلغان بىر ئىش ئۈچۈن يەنە بىر باشقا ئادەمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندىم.

بۇ ۋېيتناملىق ئايال يەنە بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇيغۇرغا يەرمەنكىدە ئورۇن بار تۇرۇقلۇق، ئۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا يەر بېرىلمىگەنلىكىدەك بىر ئەھۋالنىمۇ بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن :

- مېنىڭ كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم. بۈگۈن يېنىمغا بىر ناتونۇش ئادەم كېلىپ، ماڭا شېنجىندىكى بۇ خەلقئارالىق يەرمەنكىدىن ئورۇن ئېلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى. مېنىڭ بىر خىتاي دوستۇم يەرمەنكىدە بوش ئورۇنلارنى شېركەتلەرگە سېتىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ كىشىنى خىتاي تونۇشۇمغا تونۇشتۇرۇپ قويدۇم. ئەمما مېنىڭ دوستۇم ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. مەن بۇ ئەھۋالدىن بەكمۇ ئاچچىقلاندىم ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ رەت قىلغانلىقىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم. ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ دوستۇم يېنىمغا كېلىپ «يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرغۇچى كومىتېتىنىڭ يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارغا ۋە بېرمىلىقلارغا يەر بەرمەسلىك ھەققىدە ئېنىق ئۇقتۇرۇشى بارلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟؟ نېمىشقا ئەمدى؟ ئۇيغۇرلار نېمە قىلدى؟ مەن بۇ ئۇيغۇرغا ياردەم قىلالمىغانلىقىمدىن ئىنتايىن ئۆكۈندۈم. ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن چىرايى ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدا يەنە خۇددى بۇنداق ئەھۋاللارغا جىق ئۇچرىغاندەك بىر ئىپادە بار ئىدى. ئۇنداق قىلماڭلار، ئۇنداق قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېررورچى ئەمەسقۇ، ئۇلارمۇ ئىشلىشى، پۇل تېپىپ، جان بېقىشى، ياشىشى كېرەكقۇ؟؟؟

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ۋېيتناملىق ئايال خىتايدا بېشىغا كەلگەن بۇ ئەھۋاللارنى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە يۇقىرىقىدەك بايان قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىر ۋېيتناملىق بولۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق ۋېيتناملىقلارنىڭ ئوخشاش بىر تاياقتا ھەيدەلمەسلىكى، دۇنيادا ۋېيتناملىقلارنىڭ خاتا تونۇلماسلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بۇنداق بىر مەكتۇپنى يېزىش ئويىغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.