مەتبۇئاتلار: ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە، قاتتىق باستۇرۇشنى تەكىتلىگەن شى جىنپىڭغا بېرىلگەن جاۋاب

0:00 / 0:00

30-ئاپرېل كەچ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ھەققىدە رەسىملىك ئۇچۇرلار تارقالدى. تۋىتېر قاتارلىقلاردا دەسلەپ يوللانغان سۈرەتلىك ئۇچۇرلاردا ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 50 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، ئۆلگۈچىلەرنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىندى.

ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا پەقەت خىتاي خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ۋەقە ھەققىدە ئىنتايىن قىسقا خەۋەر بەردى. دائىرىلەر خەۋەرلىرىدە ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پارتلاشنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى، پارتلاشتا ۋەقەنى تۇغدۇرغۇچى ئىككى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، پارتلاشتا ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە يارىلانغان 79 نەپەر يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى 30-ئاپىرىلدىكى خەۋەرلىرىدە،پارتلاشنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى مەزگىلىدە يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما 1-ماي كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇر رايونىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك» دېگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ تور بېكەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ رايونغا كىرىپ خەۋەر بېرىشىنى چەكلىگەنلىكى مەلۇم بولدى. ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر يەنە ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە يوللانغان ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پارتلاشنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتكەن سۈرەتلەرنى ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە توردىن ئېلىۋەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلارنى كونترول قىلغان ئەھۋالدا ۋەقە يۈز بېرىپ بىر سائەت ئىچىدە ياپونىيە، كورېيە مۇخبىرلىرى ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بېرىشى دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

30-ئاپرېل ۋە 1-ماي كۈنىدىكى غەرب مەتبۇئاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىللە، غەرب خىتاي دائىرىلىرى ئۇچۇرنى قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارا مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيىتىنى تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغانلىقى تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ بۇ خىل قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى، فىرانسىيە رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىقلاردا ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تىلغا ئېلىنىپ، شى جىنپىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى كۈچەپ تەكىتلەۋاتقان،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرمىغان سەزگۈر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ قەشقەر زىيارىتىدە تەكىتلىگەن«تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە قاتتىق باستۇرۇش» تەشەببۇسىغا بېرىلگەن جاۋاب ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ماي كۈنى بېرىلگەن «خىتاي پويىز ئىستانسىسىدا پارتلاشنى پەيدا قىلغان دىنىي رادىكال كۈچلەرنى ئەيىبلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىدا، نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى نىگولاس بېچۇئېلىننىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە سىياسىي چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۈچەيگەن مۇرەككەپ بىر ۋەزىيەتتە شى جىڭپىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولدى. ئەمما ئۇ سۆزىدە رايون ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىدىغان سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يەردىكى كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىش بىلەن بىللە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە رايون ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەۋەردە «شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى 79 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. خىتاي بۇ ۋەقەنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككى ئۇيغۇر پەيدا قىلغان تېررورلۇق ۋەقەسى دېدى. ئەمما رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قاراتقان دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تىل -مائارىپ ۋە باشقا چەكلىمىلىرىگە نارازى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ ۋەقە شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر رايونى زىيارىتىدە ‹تېررورلۇققا زەربە بېرىش›نى تەكىتلىگەن سەزگۈر ۋاقىتتا يۈز بەردى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پارتلاش ھەققىدىكى خەۋىرىدە «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان بىر قاتار تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگۈچىلەر بولسا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە قاراتقان ھەددىدىن زىيادە چەكلىمىلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايوندا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە قىلىش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىمەكتە» دېگەن بايانلارنى بەردى.