ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىللىق كۇرسىنى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزىدىكەن

0:00 / 0:00

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 9‏-ئۆكتەبىر تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ياشلارنى كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش» پروگراممىسىنىڭ بۇ يىللىق كۇرسى گوللاندىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق كۇرس 11‏-ئاينىڭ 9‏ دىن 11 گىچە 3 كۈنلۈك بولۇپ، 18 ياشتىن 32 ياشقىچە ئىنگلىزچە بىلىدىغان ياشلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر 3 كۈنلۈك كۇرسقا تىزىمغا ئالدۇرغۇچى شەخستىن ياتاق، تاماق ۋە يول چىقىملىرىدىن باشقا، يەنە 50 ياۋرو ئېلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ فەيسبوك سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ياشلىرىغا چاقىرىق قىلىپ، بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىشىنى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرمىگەنلەرگە د ئۇ ق نامىدىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.