«ئەركىنلىكنىڭ غەلىبىسى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن تۇتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.11.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
dolkun-eysa-kommunizm-qurbanliri.jpg ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «ۋىللارد مېھمانسارىيى» دا ئامېرىكىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 14-نويابىر.
RFA/Eziz

ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە بولغان مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ‍ئورنىنىڭ تىكلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

14-نويابىر كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلارنىڭ بىرى بولغان «ۋىللارد مېھمانسارىيى» دا ئامېرىكىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىندا مانا مۇشۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. شۇنىڭدەك كوممۇنىزم سىستېمىسىدىكى ھاكىمىيەتلەر بەرپا بولغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قانداق بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، نۆۋەتتە بولسا بۇ خىل قاباھەتنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى قاتارىدا خىتاي دۆلىتى ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئارىسىدا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» غا ئېرىشكەن زاتلار قاتارىدا لىتۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋالداس ئادامكۇس، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىللىرى بولغان ساندرا كالنىتى ۋە تۈننى كېلام، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار بار ئىدى.

دولقۇن ئەيسا سۆزلىمەكچى بولغان تېما چۈشتىن كېيىنكى مۇھاكىمە باسقۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ باسقۇچلۇق مۇھاكىمە ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. ئالدىنقى گۇرۇپپىغا سابىق ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ساچېر خانىمنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى ھەمدە كاتىپى جون سۇللىۋان ئەپەندى رىياسەتچى بولدى. ئۇ سۆزىدە ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنسان ھەقلىرى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان كۆپلىگەن پىداكارلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبلىك كوممۇنىزمنىڭ مۇدھىش قارا سايىسىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ ماڭغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى. شۇ گۇرۇپپىدا سۆز قىلغانلار قاتارىدا پولشالىق پروفېسسور ۋىلادىمىر باتوگ نۇقتىلىق قىلىپ «سوۋېت كوممۇنىزمى ياۋروپادا، جۈملىدىن شەرقىي ياۋروپادا ھالاك بولغان بولسىمۇ، رۇسىيە كوممۇنىزمىنىڭ قىسمەن سايىلىرى يەنىلا بۇ جايلارنى ئايلىنىپ يۈرمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن كوممۇنىزمغا قارشى كۈرەش توختاپ قالماسلىقى لازىم» دەپ كۆرسەتتى.

ئىككىنچى گۇرۇپپىنىڭ مۇھاكىمىسىگە سكىدمور ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فلاگ تايلور رىياسەتچى بولدى. ئۇ ئالدى بىلەن چۈشتىن بۇرۇنقى مۇھاكىمىدە نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن «سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى كۈچلۈك ئارتىسلاردىن بولۇپ قېلىشى» مەسىلىسىنى قىسقىچە ‍ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇھاكىمىسىدە «21-ئەسىردە كوممۇنىزم ۋە سوتسىيالىزم دۇنياسىدا قانداق ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك كوممۇنىزم دۇنياسىنىڭ ئۆز تاكتىكىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئاتالمىش ماركسىزم ئىدېئولوگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى ساھەلەرگە قانداق زۇلمەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭ بىر ئىنكاسى ئىكەنلىكى» قاراپ چىقىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۇنجى بولۇپ سۆز ئالغان كىشى «كۈندىلىك جانىۋارلار» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى بېسانىي ئىبراھىمىيان بولدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ 1990-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولغاندىن كېيىن غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ ھالنى «كاپىتالىستىك ئىقتىساد ۋە ئەركىنلىك ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قارىشىنىڭ سوتسىيالىزم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى» دەپ قارىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي گەۋدىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى دەپ قارىلىۋاتقان سوتسىيالىزمنىڭ مۇشۇ تەرىقىدىكى كاپىتالىستىك ئىقتىساد گۈللەپ ياشنىغان مۇھىتنىڭ تەسىرىدە يىمىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينى دېموكراتىيەگە ۋە ئەركىنلىككە باشلاش ئۈچۈن ئۇنى «دۇنيا سودا تەشكىلاتى» ۋە ئەركىن بازار دۇنياسىغا ئېلىپ كىرگەنلىكى، ئارىدىن يىگىرمە يىلچە ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بولسا مۇشۇ خىلدىكى «ئىقتىسادىي گۈللىنىش خىتايغا دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن ئىشەنچىنىڭ پۈتۈنلەي بەربات بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ ئاشۇ خىل يار-يۆلەك بولۇشى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشكە مۇيەسسەر بولغان، ئەمما خىتايدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئەمەلگە ئاشمىغان. بۇ ھال شى جىنپىڭ 2012-يىلىدىن باشلاپ بارلىق چوڭ ھوقۇقلارنى چاڭگىلىغا ئالغان ئۆتكەن بەش يىللىق جەرياندا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان.

بېسانىينىڭ قارىشىچە، 1990-يىللاردا، ھەتتا 2000-يىللاردىمۇ خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپارتىيە تەشكىلاتى بولغان بىلەن خىتايدا ھەقىقىي مەنىدىكى كوممۇنىستلار ياكى كوممۇنىزمغا چىن قەلبىدىن ئېتىقاد قىلغۇچىلار مەۋجۇت بولمىغان. چۈنكى بۇ جەرياندا زامانىۋى ئىقتىسادىي چۈشەنچىلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىنى پۈتۈنلەي پارچىلاپ تاشلىغان. ھوقۇق ۋە بايلىق پەقەت مۇشۇ سىستېمىنىڭ ئىچىدىكىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇتۇق قازانماقچى بولغانلارغا مۇشۇ سىستېمىنى قورال قىلىشتىن باشقا يول قالمىغان. شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بولسا ئۇ «كاپىتالىزم» ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ دۇنياغا ھاكىممۇتلەقلىقنى كېڭەيتمەكچى بولغان. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا كاپىتالىزم ئەمەلىيەتتە خىتايغا دېموكراتىيە ئېلىپ كېلەلمىگەن، ئەكسىچە ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىغا ماددىي شارائىت يارىتىپ بەرگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قۇدرەتكە تايىنىپ دۇنيا مىقياسىدا ئۆزىنىڭ دىكتاتورىلىق ئىدىيەسىگە قارشى پىكىر قىلغۇچى دۆلەتلەرنى ۋە شەخسلەرنى «ئۇچۇقداپ» كېلىشى سەۋەبلىك ئەركىن دۇنيادىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر خىتاي ھەققىدە ئەركىن پىكىر قىلالماس بولۇپ قالغان.

شۇنىڭدىن كېيىن سۆز ئالغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىگە قانداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، ھەتتا «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى» غا ئوخشاش دۇنياۋى تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خىل رەزىل نىيىتىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۆزىنى تۈرمىگە تاشلىماقچى بولغان خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مېڭ خوڭۋېينىڭ ھازىر تۈرمىگە چۈشكەنلىكىنى بايان قىلغاندا زالدا كۈلكە كۆتۈرۈلدى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ھازىر دۇنيادىكى كۆپلىگەن خەلقلەر ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىزچىل ھالدا كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن بۇ رايوندا ھازىر دۆلەتنىڭ ھىمايىسىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئىجرا بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە يوق قىلىۋېتىشكە ئاتلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىر يىغىۋېلىش لاگېرى ياكى گۇلاگ شەكلىدىكى ئەسلىھەلەرگە قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن باشلاپ زور كۈچ بىلەن ئىجرا بولۇۋاتقانلىقىنى جانلىق ۋە پاكىتلىق بايان قىلدى.

مۇھاكىمىدىن كېيىن بىز دولقۇن ئەيسانى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن پۈتۈن دۇنيا ئەركىنلىكنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلاردەك تېخىچە زۇلۇمدىن خالاس بولالمىغان بىر خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇشۇ خىلدىكى سورۇنلار ئارقىلىق خەلقئاراغا بىلدۈرۈشنىڭ قانچىلىك مۇمكىنلىكى ۋە قىممىتى بولىدىغانلىقىنى سورىدۇق.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغۇچى خىتايشۇناس ئوبزورچى بېسانىي بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىشىپ ئۇيغۇرلاردەك تېخىچە كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بىر خەلقنىڭ ھازىرقى مۈشكۈلاتىغا قارىتا تاشقى دۇنيانىڭ نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلىشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ مەسىلىلەردە تاشقى دۇنيادىكى ئەركىن ئاخبارات دۇنياسى ۋە دېموكراتىك ئەللەردىكى سىياسىيونلارنىڭ توغرا بولغان ئىشلار ھەققىدە ھەقىقەتنى سۆزلىيەلىشى بەكمۇ مۇھىم. بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قىلمىشى ھەققىدە تاشقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاش تېخىمۇ مۇھىم. شۇڭا ھەقىقەتنى سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن خىتايدىكى ئاشۇ خىل زۇلۇم ئاتىدا ئىڭراۋاتقان خەلققە ئۆزلىرىنىڭ قوللاش مەۋقەسىدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ھازىر ھەممىدىنمۇ مۇھىم، دەپ قارايمەن.»

دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا خىتاي ھاكىمىيىتىدەك كوممۇنىستىك دىكتاتورىلىقنىڭ بارغانسېرى ھالاكەت گىردابىغا يېقىنلاۋاتقانلىقىنى، بۇنداق زۇلمەتلىك ھاكىمىيەتنىڭ تارىختىن بۇيان ھالاكەتتىن باشقا چىقىش يولى بولمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئەلچىخانا خادىملىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. يىغىنغا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شۇلار قاتارىدا ئالايىتەن فىلادېلفىيە شەھىرىدىن كەلگەن تېببىي پەنلەر ئالىمى رىشات ئابباسنىڭ بولغانلىقى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ھەرقاچان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.