خىتاي دېموكراتلىرى دائىرىلەردىن ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.02.11
teywen-uyghur-dostluq-jemiyiti-lin-bawxua.jpg تەيۋەندىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن لىن باۋخۇانىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى پويىز ئىستانسىسىدا جىم ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 11-يانۋار، تەيبېي.
Photo: RFA

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئېلىنىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى بۇ خىل ئەھۋالنى تەنقىدلەپ، «بۇ، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ يەنىمۇ بوغۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تەيۋەندىكى سىياسىي ئانالىزچى لىن باۋخۇا ئەپەندى رادىئومىزدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارغا سۆز ئەركىنلىكى بېرىشىنى، بولۇپمۇ خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۆكتىچى زىيالىيلارغا قارىتىلغان تەقىب قىلىش، ھەتتا تۇتقۇن قىلىشلار كۆپەيدى. مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىل بىر يىل ئىچىدىلا، خىتايدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن 100 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان. چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن 2008-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان «خەلق رايىنى كۆزىتىش ئىشخانىسى»نىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇلتۇر كېيىنكى يېرىم يىل ئىچىدىلا خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا نىسبەتەن يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر تور يازغۇچىلىرىدىنلا 132 كىشى توردا ئۇچۇر تارقىتىپ،جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزغان دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. دوكلاتتا خىتايدىكى بۇ خىل ۋەزىيەت تەنقىدلىنىپ،«بۇ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشىغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلاردىن تەيۋەندىكى لىن باۋخۇا ئەپەندى رادىئومىزدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، «يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەقىب ئاستىغا ئېلىندى، ھەتتا تۇتقۇن قىلىندى. بۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، خىتايدا پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى يەنىمۇ بوغۇلغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان مۇستەبىت ھاكىمىيەت دەۋرىگە قايتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر ياز پەسلىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۈلكىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئادۋوكات شۈ جىيۇڭ قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇ يىل 1-ئايدا «قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بېيجىڭدىكى تونۇلغان ئۆكتىچى زىيالىيلاردىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى، تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر قاتارلىقلار ئۇزۇن مەزگىلگىچە تەقىب قىلىشلارغا ئۇچرىدى. ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە نەپەر ئوقۇغۇچىسى بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇلارنىڭ قەيەردىلىكى خەلقئارا جەمئىيەتتىن مەخپىي تۇتۇپ كېلىنمەكتە.

لىن باۋخۇا ئەپەندى رادىئومىزدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، تور بېكەتلىرىدە ماقالە، ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، «بۇ ئەھۋال جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ يەنىمۇ تارايغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگۈدەك، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى نۇقسانلارنى تەنقىدلىگۈدەك پۇرسەت بېرىشى كېرەك ئىدى، تۈرمىلەرگە قامالغان ۋىجدان مەھبۇسلىرى شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك» دېگەن.

لىن باۋخۇا ئەپەندى رادىئومىزدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى ئەيىبلەپ، «نۆۋەتتىكى جۇڭگو جەمئىيىتى ئەمەلىيەتتە مۇقىملىق تەكىتلىنىۋاتقان چوڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ قالدى. ھەرقايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مۇقىملىق شوئارى ئارقىلىقلا زىيادە كۈچ قوللىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇلماقتا. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكىتىدە، تولۇق قوراللانغان خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى قولىدا پىچاقتىن باشقا قورالى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتتى. بۇ خىل ۋەزىيەتتە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قانداقمۇ كاپالەتكە ئىگە بولسۇن؟ بۇ ۋەزىيەت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.