ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ تۈرمە ھاياتى 6-يىلىغا قەدەم قويدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.02.04
muxbir-niyaz-qahar.jpg مۇخبىر نىياز قاھار قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ تۈرمە ھاياتى 6-يىلىغا قەدەم باسقاندا ئۇنىڭ دېلوسى تۇنجى قېتىم تاشقىي دۇنياغا ئاشكارىلاندى. ئوغلىنىڭ ھەسرىتىدە يۈرىكى پارە-پارە بولغان مەريەمخان يېقىندا ئۇزۇن يىللىق ئازابلىق سۈكۈناتنى بۇزۇپ كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچتى.

«مەن ئوغلۇمنىڭ ئىككى كۆزىنىلا كۆرەلىدىم!»

ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ ئانىسى مەريەمخان زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئوغلۇم بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شىخۇ تۈرمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ مەخسۇس ۋاقىت ئالىمىز. ھەر قېتىمدا پەقەت 15 مىنۇتلا ۋاقىت بېرىدۇ، لېكىن شۇنداقتىمۇ بىۋاسىتە يۈز كۆرۈشكىلى بولمايدۇ. قېلىن ئەينەك بىلەن ئايرىۋېتىلگەن ئىككى ئۆيدە تۇرۇپ تېلېفون بىلەن سۆزلىشىمىز.»

«ئارىلىق يىراق، كۆزنەك كىچىك بولغاچقا، پەقەت ئوغلۇمنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئىككى كۆزىنىلا كۆرەلىدىم. تىنچلىق-ئامانلىق سوراشقاندىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇق گەپ قىلغىلى قويمايدۇ. ساقچىلار ھەر ۋاقىت كۆرۈشۈشنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ…»

مەريەمخان يەنە مۇنداق دېدى: مەن ئوغلۇمنىڭ بىر بىلىكىدە يارا ئىزىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدىم. ئۇنىڭدىن، نېمە بولدى، بالام؟ دەپ سورىسام، ھېچنېمە بولمىدى، ئېھتىياتسىزلىقتىن سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى، دەپ گەپنى ئۆتكۈزۈۋەتتى.

«تۈرمە دائىرىلىرى پۇل ۋە خالتىمىزنى قوبۇل قىلمىدى»

ھەر قېتىم ئوغلۇم بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا پۇل ۋە خالتا كىرگۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدۇق. تۈرمە دائىرىلىرى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى. قارىساق، تۈرمىنىڭ چوڭ ماگازىنى بار ئىكەن. باشقا جىنايەتچىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇ ماگازىندىن يېمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىپ تۈرمىگە كىرگۈزىدىكەن. بىزمۇ شۇ ماگازىنغا كىرىپ يەيدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئوغلۇمغا بېرىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدۇق. تۈرمە ماگازىنىدىكى خادىم كومپيۇتېردىن ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئاقتۇرۇپ كۆرۈپلا: ئوغلۇڭلار سىياسىي جىنايەتچى ئىكەن، سېتىۋالغان نەرسە-كېرەكلىرىڭلارنى يەتكۈزۈپ بېرەلمەيمىز، دەپ رەت قىلدى. بۇ ئەھۋال 3 قېتىم يۈز بەردى، مەن يىغلاپ تۇرۇپ يەنە ئۆتۈندۈم. ئاخىرىدا ئۇلار ئازراق پۇلىمىزنى ئالدى. ئۇنى ئوغلۇمغا يەتكۈزۈپ بەردىمۇ-يوق، بىلمەيمەن.

«يېپىق سوتقا ئائىلىمىزدىن بىر كىشىنىمۇ قاتناشتۇرمىدى»

ئوغلۇم قولغا ئېلىنىپ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئاندىن ئۇنىڭغا 13 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۇق. كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلساق، پەقەتلا «سىياسىي جىنايەت بىلەن كېسىلدى» دەپ جاۋاب بەردى. مەن بىر ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى، مەدەنىيەت سەۋىيەم تۆۋەن، لېكىن مەن بىر ئانا، مەن ئويلايمەن، ئوغلۇم ھەرقانچە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ سوتىغا ئائىلىمىزدىن بىر كىشى بولسىمۇ قاتناشتۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەكقۇ!؟... بۇ ئىشتا پۈتۈن ئائىلە بويىچە ئالدىمىز قاراڭغۇ، نېمىشقا دېسىڭىز، ھۆكۈمەت ئادىل بولغاندىكىن، ئوغلىمىزنىڭ ھەرقانداق جىنايىتى بولغان تەقدىردىمۇ قانۇن بويىچە ئوچۇق-ئاشكارا سوتلىسا بولماسمۇ!؟

«ئوغلۇمنىڭ دادىسى بالا ھەسرىتىدە ئۆلۈپ كەتتى»

ئوغلىمىز نىياز 2009-يىلى تۇيۇقسىز غايىب بولغاندىن كېيىن ئائىلىمىزنىڭ ئارامى بۇزۇلدى. يولدىشىمنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قالدى. 2010-يىلى ئوغلۇمغا يېپىق سوت ئېچىلغانلىقىنى ۋە شىخۇ تۈرمىسىگە قامالغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن يولدىشىمنى چاقلىق ھارۋىغا سېلىپ تۈرمىگە باردۇق. يولدىشىم جىددىيلىشىپ كەتكەچكىمۇ ئوغلىنى ئەينەكلىك ئۆيدىن كۆرۈشى بىلەنلا ۋارقىرىغان پېتى ئارقىغا ئۇچۇپ كەتتى. شۇندىن كېيىن كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ئۆتكەن يىلى تۈگەپ كەتتى. نىياز بالام ھازىرغىچە تېخى دادىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بىزمۇ ئازاب ئۈستىگە ئازابلانمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا ئېيتمىدۇق. ھازىر مېنىڭ سالامەتلىكىممۇ ياخشى ئەمەس، ئۈرۈمچىگە چىقىپ داۋالىنىپ كەلگىلى تېخى 20 كۈن بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.