پائالىيەتچىلەر: «خالمۇرات غوپۇرنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن بىر بېشارەتتۇر!»

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بىرى شۇنىڭدەك شۆھرەت قازانغان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتچىسى خالمۇرات غوپۇرنىڭ نامەلۇم «سىياسىي سەۋەب» لەر تۈپەيلىدىن تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ نوقۇل بىر شەخسكە قارىتىلغان ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي قىسمەتنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى.

1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ «دوكتور خالمۇرات غوپۇر» دېگەن ئىسىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بىر نامغا ئايلاندى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1993-يىلى رۇسىيەدىكى سانت-پېتربۇرگ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشى ئۇيغۇر دىيارىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش ھەمدە يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلىشنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىسى سۈپىتىدە رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي دوكتور خالمۇرات غوپۇر رەھبىرىي كادىرلىق ئورنىغا قويۇلۇپ، دەسلەپ ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى، كېيىنچە «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇدىرى بولدى. 2017-يىلىنىڭ بېشىدا بولسا ش ئۇ ئا ر يېمەكلىك ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ يۆتكىلىپ، نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولدى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ نامەلۇم «سىياسىي سەۋەب» بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

«شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ كادىرلار بۆلۈمىدىكى خىتاي كادىرلاردىن بىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، خالمۇرات غوپۇرنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئېنىقلانسا ئۇنىڭ جەزمەن بىرتەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشنىڭ خۇلاسىسى مەلۇم بولغۇچە بۇ ئىشلارنىڭ سىرتتىن مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پارتىيە ئەزاسى بولغانلار ئىچىدە ھېچكىمنىڭ ئالاھىدە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، رەھبىرىي ۋەزىپىسى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق كىشىنىڭ تېگىشلىك جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خالمۇرات غوپۇرنىڭ نامەلۇم جايدا «سىياسىي تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن ئاتاقلىق شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇت ئەينى ۋاقىتتا خالمۇرات غوپۇر ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىگەچ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلارغا بىر زور ئىلھام بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خالمۇرات غوپۇر ئەينى ۋاقىتتا خىزمەت قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ۋاشىنگتون دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئۆز ۋاقتىدا خالمۇرات بىلەن بىرنەچچە يىل بىللە خىزمەت قىلغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، خالمۇرات غوپۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىغا يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن ۋاقىتلاردا بۇنىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا زور بىر تەشۋىقات تېمىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاھىر ھامۇت ئۆزىنىڭ 2017-يىلى يازدا، يەنى ئۈرۈمچىدىكى ۋاقىتلىرىدا بىر دوستىدىن خالمۇرات غوپۇرنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يىللاردىن بۇيان ھەم ھۆكۈمەتكە ھەم ئۇيغۇر خەلقىگە ئىجابىي تەسىر بېرىپ كېلىۋاتقان بۇنداق بىر يۇقىرى سالاھىيەتلىك ئۇيغۇر كادىرنى ساقچىلارنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكى تاھىرنىمۇ ئەينى ۋاقىتتا بەكلا ھەيران قالدۇرغان. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە بولسا ئوخشاش بولمىغان گەپ-سۆزلەر تارقالغان.

سىياسىي ساھە بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى بولمىغان تېببىي ساھەدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بىر شەخسنىڭ بىردىنلا «سىياسىي سەۋەب» بىلەن تەكشۈرۈلۈشكە ئېلىپ كېتىلىشى ھەققىدە دوختۇر جۈرئەت ئوبۇل باشقىچە قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، خالمۇرات غوپۇرنىڭ يېڭى خىزمەتكە كىرگەن ۋاقىتلىرى بولسۇن ياكى ھازىرقى رەھبىرىي كادىرلىق سالاھىيىتى بولسۇن بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەت ئېھتىياجى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خالمۇرات غوپۇرنىڭ بۇ قېتىم «موللاق ئېتىشى» نى بولسا «لازىمى قالمىغان ئاياقنى تاشلىۋەتكەن» لىككە ئوخشىتىش مۇمكىن ئىكەن.

بۇ جەھەتتە تاھىر ھامۇتنىڭ قارىشى جۇرئەتنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ خالمۇرات غوپۇردەك ئۇيغۇر كادىرلارغا بېرىلگەن ھەرقانداق ئەمەل-مەنسەپنىڭ مۇستەملىكە تۈزۈمى ئاستىدا ھېچقاچان كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى، بۇ قېتىم خالمۇرات دۇچ كەلگەن قىسمەتنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەللىك يىل مابەينىدە يېرىم-يالىڭاچ شەكىلدە ئىجرا قىلىۋاتقان مىللىي زۇلۇمنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلىغانلىققا باراۋەر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۈرئەت ئۆزىنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىگە ئاساسەن خالمۇرات غوپۇرنىڭ رەھبىرىي ئورۇنغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن «ئوتتۇرا يول» شەكلىنى قوللىنىپ، ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئازدۇر-كۆپتۇر بىر ئىش قىلىش ئۈمىدىدە بولغانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، خالمۇرات غوپۇرنىڭ شۇنچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپمۇ ھۇجۇم ئوبېكتى بولۇشتىن خالى بولالماسلىقى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا «دۈشمەن» دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خالمۇرات غوپۇر ھەققىدىكى «سىياسىي تەكشۈرۈش» نىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى نامەلۇم بولسىمۇ، ھازىر بۇ توغرىلىق ئوخشاش بولمىغان گەپ-سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت بىلەن تونۇشلۇق كىشىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، «سىياسىي جەھەتتىن خاتالاشقان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەھۋالى ئومۇمەن ئېغىر ئاقىۋەتلەر بىلەن خۇلاسىلىنىپ كەلگەن،» دېيىشمەكتە.