ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بىزنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ بىرى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ 7- ئاينىڭ 9- كۈنى خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگدا ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، يەنە بىرى، 12- سېنتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە ئاشكارا ئەيىبلىگەنلىكى بولدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەلۇمات بېرىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ دىئالوگتىن ئىلگىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئەتراپلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن ۋە جازا لاگېرلىرىنى ئاساسىي تېما قىلىش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
11-سېنتەبىر ئاقسارايدىكى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن يېنىپلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بۇ يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 12-سېنتەبىردىكى بۇ يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى خادىملىرىنىڭ 7-ئاينىڭ 9-كۈنى خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئاڭلىغان.
بۇ قېتىمقى دىئالوگتىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى دىئالوگىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر دىيارىدا «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغان.
ئۇنداقتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قانداق تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن؟
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «بۇ مەسىلىنى ئويلىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
12-سېنتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ئالىي كومىسسارى ۋە ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 5 چوڭ پارتىيە ئىمزا قويغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ھەمدە خىتاينى ئەيىبلەپ ئوچۇق بايانات بەرگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
د ئۇ ق نىڭ بىريۇسسېلدىكى خىزمەتچىسى رايىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ياۋروپا كومىسسىيونى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجابىي قەدەم باسقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 5 پارتىيە ياۋروپا كومىسسىيونى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان سوئاللار بۈگۈن جاۋابقا ئېرىشتى. يەنى، كومىسسىيۇن رەئىسى، ئالىي كومىسسار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئاشكارا ئەيىبلەپ بايانات بەردى. بۇنى بىر ئىلگىرىلەش دېيىش مۇمكىن. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، ياۋروپا پارلامېنتىدىن جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا تىرىشىشىمىز لازىم ھەمدە بۇنىڭ ئىمكانلىرى كۆرۈنمەكتە.»
0:00 / 0:00