چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش يېڭى پەللىگە چىقتى

0:00 / 0:00

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى «2016‏-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى» ناملىق دوكلاتىدا، 2015‏-يىلى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا «چوڭقۇر ۋە ئەندىشە قىلارلىق» دەرىجىدە ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ دوكلاتىدا، بەزى دۇنيا رەھبەرلىرىدە «ئاخباراتقا نىسبەتەن بىر خىل ۋەھىمە كېسىلى» پەيدا بولغانلىقىنى ۋە باستۇرۇش نىشانىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قاراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى دېلفىن خالگاند چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئارقىغا چېكىنىش سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى مۇستەبىتلىك خاھىشىنىڭ كۈچىيىشىدۇر.

دېىلفىن خالگاند: «ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئارقىغا چېكىنىشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار. بۇ ھۆكۈمەتلەردە مۇستەبىتلىك خاھىشىنىڭ كۈچىيىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈركىيە، مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەر بۇنىڭ مىسالى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ دەۋردە ھۆكۈمەتلەرنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونتروللۇقى كۈچەيدى. مەسىلەن، ياۋروپادىكى پولشا بۇنىڭ مىسالى. ھالبۇكى بىز يەنە، ساقچىلارنىڭ ئاختۇرۇشىدا داۋاملىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، توقۇنۇش يۈز بەرگەن يەرلەردە ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ قىزىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ لىۋىيە، بۇرۇندى ياكى يەمەندەك دۆلەتلەردە كۆرۈلدى. بۇمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئارقىغا چېكىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى» دەپ كۆرسەتتى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلاتىدا، 2015‏-يىلى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشى يېڭى پەللىگە چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە خىتايدا ژۇرنالىستلارنىڭ ھېچقانداق بىخەتەرلىكى قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلار «گۆرۈگە ئېلىش، تېلېۋىزورغا چىقىرىپ ئىقرار قىلدۇرۇش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سېلىنىشتىن خالى بولالمىدى» دېگەن.

ئەمما دېلفىن خالگاند خانىم، ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە، رايونلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ناچارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «تىبەت بىلەن ئۇيغۇر رايونى ئاخباراتچىلىقىنىڭ قارا ئۆڭكۈرى» دەيدۇ.

دېلفىن خالگاند: «تىبەت بىلەن شىنجاڭ رايونىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىقى بىزگە مەلۇم. خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئۇنىڭدىن ناچار يەر بارلىقىنى قىياس قىلماق تەس. تىبەت بىلەن شىنجاڭ پۈتۈنلەي ئاخباراتچىلىقنىڭ ‹قارا ئۆڭكۈرى›. بۇ ئىككى رايوننىڭ ئەھۋالى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا ئېغىر. بىز چەتئەل مۇخبىرىنىڭ بۇ رايونلارغا بېرىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا بەك ناچارلىقىنى بىلىمىز» دېدى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق ئاخبارات كونترولى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەر ئىختىيارسىز ئۆز ئۆزىنى تىزگىنلەشتەك بىر خىل خاھىشنى شەكىللەندۈرگەن.

ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، بۇ خىل خاھىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشىغا زور زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەزىز ئەيسا: «بۇ ئاخبارات سۈزگۈچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىش، تىزگىنلەش ئۈچۈن، خۇسۇسەن ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە ناھايىتى زور زىيانلارنى كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشى خۇشال بولمايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ يەنى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى-ئۆزى كونترول قىلىش، ئۆزىنى‏- ئۆزى تەقىب قىلىش خاھىشىدۇر. مەسىلەن، ئۆزلىرىنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە ناھايىتى دىققەت قىلىش، ئۆزلىرىنىڭ پىكرىنى، بايان قىلماقچى بولغان ئىدىيىلىرىنى ئوچۇق‏-ئاشكارا قويالماسلىق ئومۇميۈزلۈك بىر ۋەزىيەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بىز ئانالىز قىلساق ۋە كۆزەتسەك، بۇ يەردە تەقىبنىڭكى ياكى سەنسورشىپ (ئاخبارات سۈزگۈچى) نىڭكى، قانچىلىك دەرىجىدە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.» دېدى.

ئەزىز ئەيسا، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ تېخنىكىسى ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما مەزمۇن ۋە پىكىر قىلىش جەھەتتىكى ئەھۋالى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئالدىدىكى دەۋرگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا: «ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە مەنمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىمەن. ئاساسەن دېگۈدەك بىر خىل قېلىپتا بولۇپ، يېڭى پىكىرلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ.) ئۇنىڭدا( ئاساسەن مۇشۇ ھۆكۈمەت سەنسور قىلمايدىغان، تەقىب قىلمايدىغان تېمىلار. ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاساسەن تېما يوق دېيەرلىك. بۇرۇن، بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا يەنى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئالدىدا خېلى يىرىك نەرسىلەرنى كۆرەلەيتتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەرسىگە بىز دىققەت قىلىمىز، نورمالدا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەمىنلىگۈچى سەھىپىسى تور سەھىپىلىرىدۇر. ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەھۋال ئۇنداق بولماي، تور سەھىپىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى مەنبە بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان» دېدى.

چېگراسىز مۇخبىرلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ 2016‏-يىللىق دوكلاتى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كۆپ قىرلىق، ئاخبارات مۇستەقىللىقى، ئاخبارات مۇھىتى، قانۇنى رامكا، ئوچۇق-ئاشكارىلىق، ئاخبارات ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ساپاسى قاتارلىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن تەييارلانغان.

ئۇ مۇشۇ ئۆلچەملەر ئاساسىدا 87 تۈرلۈك سوئالدىن تەشكىل تاپقان بىر ئانكىت تۈزۈپ چىققان. ئانكىتنى خىتاي، ئەرەب، ھىندونېزىيە، رۇس، ئىنگلىز، كورېيە قاتارلىق 20 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، ھەر قايسى ئەللەردىكى كەسپىي ئاخباراتچىلار، ئادۋوكاتلار، جەمئىيەتشۇناسلار تولدۇرۇلغان.

دېلفىن خالگاند خانىم، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن 176‏-ئورۇنغا تىزىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇ دۇنيادىكى «ژۇرنالىستلارنىڭ ئەڭ چوڭ تۈرمىسى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي نەچچە يىللاردىن بېرى دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىدىكى ئەڭ ناچار ئورۇننى ئىگىلەپ كەلدى. سىزگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي دۇنيادىكى ژۇرنالىست ۋە مىكروبلوگچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ تۈرمىسى. ھېچكىمنىڭ ئاخباراتنى چەكلىشى ئۇنىچىلىك ناچار ئەمەس. ئۇنىڭ ئاخباراتنى تەقىب قىلىشى يېقىنقى بىر يىلدا يېڭى بىر پەللىگە چىقتى. ژۇرنالىستلار سەۋەبسىز ئەندىشە، گۆرۈگە تۇتۇلۇش، تېلېۋىزورغا چىقىرىلىپ ئىقرار قىلدۇرۇلۇش ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سېلىنىشتىن خالى بولالمىدى.
يېقىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاخبارات ساھەسىگە ئاخبارات سىياسىي ۋە ھەرىكىتىدە پارتىيەنى سۆيۈشى، پارتىيە رەھبەرلىكىگە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. بۇ، ئۇنىڭ ئاخباراتنى ئىستىبدات پارتىيەنىڭ قورالى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ھېچقاچان ئەركىن ۋە مۇستەقىل خەۋەرچىلىكنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بۇنىڭدىن ياخشى ئىپادىلەپ بەرمەيدۇ.»